MyDugsiStart learning

Surah Al-Muddaththir in Uyghur: translation and audio

Surah 74 · المدثر · The Cloaked One · 56 verses

Surah Al-Muddaththir verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Muddaththir word by word in English.

Verse 1

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمُدَّثِّرُ

Transliteration yāayyuhā l-mudathiru

Uyghur ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)

Verse 2

قُمْ فَأَنذِرْ

Transliteration qum fa-andhir

Uyghur تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر.

Verse 3

وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ

Transliteration warabbaka fakabbir

Uyghur پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا.

Verse 4

وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ

Transliteration wathiyābaka faṭahhir

Uyghur كىيىمىڭنى پاك تۇت.

Verse 5

وَٱلرُّجْزَ فَٱهْجُرْ

Transliteration wal-ruj'za fa-uh'jur

Uyghur ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول.

Verse 6

وَلَا تَمْنُن تَسْتَكْثِرُ

Transliteration walā tamnun tastakthiru

Uyghur كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)،

Verse 7

وَلِرَبِّكَ فَٱصْبِرْ

Transliteration walirabbika fa-iṣ'bir

Uyghur پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل.

Verse 8

فَإِذَا نُقِرَ فِى ٱلنَّاقُورِ

Transliteration fa-idhā nuqira fī l-nāqūri

Uyghur سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].

Verse 9

فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ

Transliteration fadhālika yawma-idhin yawmun ʿasīrun

Uyghur سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر[8ـ9].

Verse 10

عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ

Transliteration ʿalā l-kāfirīna ghayru yasīrin

Uyghur كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر.

Verse 11

ذَرْنِى وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا

Transliteration dharnī waman khalaqtu waḥīdan

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت.

Verse 12

وَجَعَلْتُ لَهُۥ مَالًا مَّمْدُودًا

Transliteration wajaʿaltu lahu mālan mamdūdan

Uyghur ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم.

Verse 13

وَبَنِينَ شُهُودًا

Transliteration wabanīna shuhūdan

Uyghur ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم.

Verse 14

وَمَهَّدتُّ لَهُۥ تَمْهِيدًا

Transliteration wamahhadttu lahu tamhīdan

Uyghur ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم.

Verse 15

ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ

Transliteration thumma yaṭmaʿu an azīda

Uyghur ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ.

Verse 16

كَلَّآ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ لِـَٔايَـٰتِنَا عَنِيدًا

Transliteration kallā innahu kāna liāyātinā ʿanīdan

Uyghur ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى.

Verse 17

سَأُرْهِقُهُۥ صَعُودًا

Transliteration sa-ur'hiquhu ṣaʿūdan

Uyghur ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن.

Verse 18

إِنَّهُۥ فَكَّرَ وَقَدَّرَ

Transliteration innahu fakkara waqaddara

Uyghur ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى.

Verse 19

فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ

Transliteration faqutila kayfa qaddara

Uyghur لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

Verse 20

ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ

Transliteration thumma qutila kayfa qaddara

Uyghur يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى.

Verse 21

ثُمَّ نَظَرَ

Transliteration thumma naẓara

Uyghur ئاندىن ئۇ قارىدى،

Verse 22

ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ

Transliteration thumma ʿabasa wabasara

Uyghur ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،

Verse 23

ثُمَّ أَدْبَرَ وَٱسْتَكْبَرَ

Transliteration thumma adbara wa-is'takbara

Uyghur ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى،

Verse 24

فَقَالَ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ

Transliteration faqāla in hādhā illā siḥ'run yu'tharu

Uyghur «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى[24ـ25].

Verse 25

إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا قَوْلُ ٱلْبَشَرِ

Transliteration in hādhā illā qawlu l-bashari

Uyghur «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى[24ـ25].

Verse 26

سَأُصْلِيهِ سَقَرَ

Transliteration sa-uṣ'līhi saqara

Uyghur ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن.

Verse 27

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سَقَرُ

Transliteration wamā adrāka mā saqaru

Uyghur سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

Verse 28

لَا تُبْقِى وَلَا تَذَرُ

Transliteration lā tub'qī walā tadharu

Uyghur ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ).

Verse 29

لَوَّاحَةٌ لِّلْبَشَرِ

Transliteration lawwāḥatun lil'bashari

Uyghur ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

Verse 30

عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ

Transliteration ʿalayhā tis'ʿata ʿashara

Uyghur ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر.

Verse 31

وَمَا جَعَلْنَآ أَصْحَـٰبَ ٱلنَّارِ إِلَّا مَلَـٰٓئِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيَسْتَيْقِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ وَيَزْدَادَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِيمَـٰنًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ ٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْكَـٰفِرُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَـٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِى مَن يَشَآءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِىَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ

Transliteration wamā jaʿalnā aṣḥāba l-nāri illā malāikatan wamā jaʿalnā ʿiddatahum illā fit'natan lilladhīna kafarū liyastayqina alladhīna ūtū l-kitāba wayazdāda alladhīna āmanū īmānan walā yartāba alladhīna ūtū l-kitāba wal-mu'minūna waliyaqūla alladhīna fī qulūbihim maraḍun wal-kāfirūna mādhā arāda l-lahu bihādhā mathalan kadhālika yuḍillu l-lahu man yashāu wayahdī man yashāu wamā yaʿlamu junūda rabbika illā huwa wamā hiya illā dhik'rā lil'bashari

Uyghur بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.

Verse 32

كَلَّا وَٱلْقَمَرِ

Transliteration kallā wal-qamari

Uyghur ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى،

Verse 33

وَٱلَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ

Transliteration wa-al-layli idh adbara

Uyghur ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،

Verse 34

وَٱلصُّبْحِ إِذَآ أَسْفَرَ

Transliteration wal-ṣub'ḥi idhā asfara

Uyghur يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى،

Verse 35

إِنَّهَا لَإِحْدَى ٱلْكُبَرِ

Transliteration innahā la-iḥ'dā l-kubari

Uyghur شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟).

Verse 36

نَذِيرًا لِّلْبَشَرِ

Transliteration nadhīran lil'bashari

Uyghur ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

Verse 37

لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ

Transliteration liman shāa minkum an yataqaddama aw yata-akhara

Uyghur سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.

Verse 38

كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ

Transliteration kullu nafsin bimā kasabat rahīnatun

Uyghur ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر.

Verse 39

إِلَّآ أَصْحَـٰبَ ٱلْيَمِينِ

Transliteration illā aṣḥāba l-yamīni

Uyghur پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

Verse 40

فِى جَنَّـٰتٍ يَتَسَآءَلُونَ

Transliteration fī jannātin yatasāalūna

Uyghur ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 41

عَنِ ٱلْمُجْرِمِينَ

Transliteration ʿani l-muj'rimīna

Uyghur ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 42

مَا سَلَكَكُمْ فِى سَقَرَ

Transliteration mā salakakum fī saqara

Uyghur ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ[40ـ42].

Verse 43

قَالُوا۟ لَمْ نَكُ مِنَ ٱلْمُصَلِّينَ

Transliteration qālū lam naku mina l-muṣalīna

Uyghur ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق.

Verse 44

وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ ٱلْمِسْكِينَ

Transliteration walam naku nuṭ'ʿimu l-mis'kīna

Uyghur مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق.

Verse 45

وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ ٱلْخَآئِضِينَ

Transliteration wakunnā nakhūḍu maʿa l-khāiḍīna

Uyghur بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق.

Verse 46

وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ

Transliteration wakunnā nukadhibu biyawmi l-dīni

Uyghur قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق،

Verse 47

حَتَّىٰٓ أَتَىٰنَا ٱلْيَقِينُ

Transliteration ḥattā atānā l-yaqīnu

Uyghur تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)».

Verse 48

فَمَا تَنفَعُهُمْ شَفَـٰعَةُ ٱلشَّـٰفِعِينَ

Transliteration famā tanfaʿuhum shafāʿatu l-shāfiʿīna

Uyghur شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ).

Verse 49

فَمَا لَهُمْ عَنِ ٱلتَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ

Transliteration famā lahum ʿani l-tadhkirati muʿ'riḍīna

Uyghur ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

Verse 50

كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُّسْتَنفِرَةٌ

Transliteration ka-annahum ḥumurun mus'tanfiratun

Uyghur گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)[50ـ51].

Verse 51

فَرَّتْ مِن قَسْوَرَةٍۭ

Transliteration farrat min qaswaratin

Uyghur گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)[50ـ51].

Verse 52

بَلْ يُرِيدُ كُلُّ ٱمْرِئٍ مِّنْهُمْ أَن يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُّنَشَّرَةً

Transliteration bal yurīdu kullu im'ri-in min'hum an yu'tā ṣuḥufan munasharatan

Uyghur بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ).

Verse 53

كَلَّا ۖ بَل لَّا يَخَافُونَ ٱلْـَٔاخِرَةَ

Transliteration kallā bal lā yakhāfūna l-ākhirata

Uyghur ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ.

Verse 54

كَلَّآ إِنَّهُۥ تَذْكِرَةٌ

Transliteration kallā innahu tadhkiratun

Uyghur ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر).

Verse 55

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ

Transliteration faman shāa dhakarahu

Uyghur خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ.

Verse 56

وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ ٱلتَّقْوَىٰ وَأَهْلُ ٱلْمَغْفِرَةِ

Transliteration wamā yadhkurūna illā an yashāa l-lahu huwa ahlu l-taqwā wa-ahlu l-maghfirati

Uyghur ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر.

Read Surah Al-Muddaththir in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.