MyDugsiStart learning

Surah Al-Mursalat in Uyghur: translation and audio

Surah 77 · المرسلات · The Emissaries · 50 verses

Surah Al-Mursalat verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Mursalat word by word in English.

Verse 1

وَٱلْمُرْسَلَـٰتِ عُرْفًا

Transliteration wal-mur'salāti ʿur'fan

Uyghur ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى،

Verse 2

فَٱلْعَـٰصِفَـٰتِ عَصْفًا

Transliteration fal-ʿāṣifāti ʿaṣfan

Uyghur قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى،

Verse 3

وَٱلنَّـٰشِرَٰتِ نَشْرًا

Transliteration wal-nāshirāti nashran

Uyghur (بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى،

Verse 4

فَٱلْفَـٰرِقَـٰتِ فَرْقًا

Transliteration fal-fāriqāti farqan

Uyghur (ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

Verse 5

فَٱلْمُلْقِيَـٰتِ ذِكْرًا

Transliteration fal-mul'qiyāti dhik'ran

Uyghur (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،

Verse 6

عُذْرًا أَوْ نُذْرًا

Transliteration ʿudh'ran aw nudh'ran

Uyghur (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،

Verse 7

إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٌ

Transliteration innamā tūʿadūna lawāqiʿun

Uyghur سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر.

Verse 8

فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتْ

Transliteration fa-idhā l-nujūmu ṭumisat

Uyghur يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا.

Verse 9

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتْ

Transliteration wa-idhā l-samāu furijat

Uyghur ئاسمان يېرىلغان چاغدا،

Verse 10

وَإِذَا ٱلْجِبَالُ نُسِفَتْ

Transliteration wa-idhā l-jibālu nusifat

Uyghur تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا،

Verse 11

وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتْ

Transliteration wa-idhā l-rusulu uqqitat

Uyghur پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ).

Verse 12

لِأَىِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ

Transliteration li-ayyi yawmin ujjilat

Uyghur (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟

Verse 13

لِيَوْمِ ٱلْفَصْلِ

Transliteration liyawmi l-faṣli

Uyghur خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى).

Verse 14

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ

Transliteration wamā adrāka mā yawmu l-faṣli

Uyghur ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟

Verse 15

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 16

أَلَمْ نُهْلِكِ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration alam nuh'liki l-awalīna

Uyghur (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟

Verse 17

ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ ٱلْـَٔاخِرِينَ

Transliteration thumma nut'biʿuhumu l-ākhirīna

Uyghur ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق.

Verse 18

كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ

Transliteration kadhālika nafʿalu bil-muj'rimīna

Uyghur گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز).

Verse 19

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 20

أَلَمْ نَخْلُقكُّم مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ

Transliteration alam nakhluqkkum min māin mahīnin

Uyghur سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟

Verse 21

فَجَعَلْنَـٰهُ فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ

Transliteration fajaʿalnāhu fī qarārin makīnin

Uyghur ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].

Verse 22

إِلَىٰ قَدَرٍ مَّعْلُومٍ

Transliteration ilā qadarin maʿlūmin

Uyghur ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].

Verse 23

فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ ٱلْقَـٰدِرُونَ

Transliteration faqadarnā faniʿ'ma l-qādirūna

Uyghur بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!

Verse 24

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 25

أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ كِفَاتًا

Transliteration alam najʿali l-arḍa kifātan

Uyghur زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟

Verse 26

أَحْيَآءً وَأَمْوَٰتًا

Transliteration aḥyāan wa-amwātan

Uyghur (يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)

Verse 27

وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ شَـٰمِخَـٰتٍ وَأَسْقَيْنَـٰكُم مَّآءً فُرَاتًا

Transliteration wajaʿalnā fīhā rawāsiya shāmikhātin wa-asqaynākum māan furātan

Uyghur بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.

Verse 28

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 29

ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

Transliteration inṭaliqū ilā mā kuntum bihi tukadhibūna

Uyghur (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار،

Verse 30

ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ ظِلٍّ ذِى ثَلَـٰثِ شُعَبٍ

Transliteration inṭaliqū ilā ẓillin dhī thalāthi shuʿabin

Uyghur (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەلىرى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ).

Verse 31

لَّا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِى مِنَ ٱللَّهَبِ

Transliteration lā ẓalīlin walā yugh'nī mina l-lahabi

Uyghur ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ.

Verse 32

إِنَّهَا تَرْمِى بِشَرَرٍ كَٱلْقَصْرِ

Transliteration innahā tarmī bishararin kal-qaṣri

Uyghur ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ.

Verse 33

كَأَنَّهُۥ جِمَـٰلَتٌ صُفْرٌ

Transliteration ka-annahu jimālatun ṣuf'run

Uyghur ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ.

Verse 34

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 35

هَـٰذَا يَوْمُ لَا يَنطِقُونَ

Transliteration hādhā yawmu lā yanṭiqūna

Uyghur بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ.

Verse 36

وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ

Transliteration walā yu'dhanu lahum fayaʿtadhirūna

Uyghur ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ.

Verse 37

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 38

هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَـٰكُمْ وَٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration hādhā yawmu l-faṣli jamaʿnākum wal-awalīna

Uyghur بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز.

Verse 39

فَإِن كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ

Transliteration fa-in kāna lakum kaydun fakīdūni

Uyghur ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار.

Verse 40

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 41

إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى ظِلَـٰلٍ وَعُيُونٍ

Transliteration inna l-mutaqīna fī ẓilālin waʿuyūnin

Uyghur شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[41ـ42].

Verse 42

وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ

Transliteration wafawākiha mimmā yashtahūna

Uyghur شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ[41ـ42].

Verse 43

كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Transliteration kulū wa-ish'rabū hanīan bimā kuntum taʿmalūna

Uyghur (ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ).

Verse 44

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ

Transliteration innā kadhālika najzī l-muḥ'sinīna

Uyghur شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز.

Verse 45

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 46

كُلُوا۟ وَتَمَتَّعُوا۟ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجْرِمُونَ

Transliteration kulū watamattaʿū qalīlan innakum muj'rimūna

Uyghur (كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ).

Verse 47

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 48

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرْكَعُوا۟ لَا يَرْكَعُونَ

Transliteration wa-idhā qīla lahumu ir'kaʿū lā yarkaʿūna

Uyghur ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ.

Verse 49

وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ

Transliteration waylun yawma-idhin lil'mukadhibīna

Uyghur بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

Verse 50

فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ

Transliteration fabi-ayyi ḥadīthin baʿdahu yu'minūna

Uyghur ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟

Read Surah Al-Mursalat in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.