Surah An-Naba in Uyghur: translation and audio
Surah 78 · النبإ · The Tidings · 40 verses
Surah An-Naba verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah An-Naba word by word in English.
Verse 1
عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ
Transliteration ʿamma yatasāalūna
Uyghur (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟
Verse 2
عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلْعَظِيمِ
Transliteration ʿani l-naba-i l-ʿaẓīmi
Uyghur ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ.
Verse 3
ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ
Transliteration alladhī hum fīhi mukh'talifūna
Uyghur ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر.
Verse 4
كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
Transliteration kallā sayaʿlamūna
Uyghur ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ.
Verse 5
ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
Transliteration thumma kallā sayaʿlamūna
Uyghur ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ.
Verse 6
أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ مِهَـٰدًا
Transliteration alam najʿali l-arḍa mihādan
Uyghur (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
Verse 7
وَٱلْجِبَالَ أَوْتَادًا
Transliteration wal-jibāla awtādan
Uyghur (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
Verse 8
وَخَلَقْنَـٰكُمْ أَزْوَٰجًا
Transliteration wakhalaqnākum azwājan
Uyghur سىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق.
Verse 9
وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
Transliteration wajaʿalnā nawmakum subātan
Uyghur ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق.
Verse 10
وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِبَاسًا
Transliteration wajaʿalnā al-layla libāsan
Uyghur كېچىنى لىباس قىلدۇق.
Verse 11
وَجَعَلْنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشًا
Transliteration wajaʿalnā l-nahāra maʿāshan
Uyghur كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق.
Verse 12
وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
Transliteration wabanaynā fawqakum sabʿan shidādan
Uyghur ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق.
Verse 13
وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
Transliteration wajaʿalnā sirājan wahhājan
Uyghur (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق.
Verse 14
وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلْمُعْصِرَٰتِ مَآءً ثَجَّاجًا
Transliteration wa-anzalnā mina l-muʿ'ṣirāti māan thajjājan
Uyghur ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
Verse 15
لِّنُخْرِجَ بِهِۦ حَبًّا وَنَبَاتًا
Transliteration linukh'rija bihi ḥabban wanabātan
Uyghur ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
Verse 16
وَجَنَّـٰتٍ أَلْفَافًا
Transliteration wajannātin alfāfan
Uyghur ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
Verse 17
إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ كَانَ مِيقَـٰتًا
Transliteration inna yawma l-faṣli kāna mīqātan
Uyghur قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر.
Verse 18
يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
Transliteration yawma yunfakhu fī l-ṣūri fatatūna afwājan
Uyghur ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر.
Verse 19
وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ أَبْوَٰبًا
Transliteration wafutiḥati l-samāu fakānat abwāban
Uyghur ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ.
Verse 20
وَسُيِّرَتِ ٱلْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
Transliteration wasuyyirati l-jibālu fakānat sarāban
Uyghur تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ).
Verse 21
إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
Transliteration inna jahannama kānat mir'ṣādan
Uyghur جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.
Verse 22
لِّلطَّـٰغِينَ مَـَٔابًا
Transliteration lilṭṭāghīna maāban
Uyghur جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر.
Verse 23
لَّـٰبِثِينَ فِيهَآ أَحْقَابًا
Transliteration lābithīna fīhā aḥqāban
Uyghur ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ.
Verse 24
لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
Transliteration lā yadhūqūna fīhā bardan walā sharāban
Uyghur ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ.
Verse 25
إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
Transliteration illā ḥamīman waghassāqan
Uyghur ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ.
Verse 26
جَزَآءً وِفَاقًا
Transliteration jazāan wifāqan
Uyghur بۇ ئۇلارغا بېرىلىدىغان مۇۋاپىق جازادۇر.
Verse 27
إِنَّهُمْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
Transliteration innahum kānū lā yarjūna ḥisāban
Uyghur چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى
Verse 28
وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كِذَّابًا
Transliteration wakadhabū biāyātinā kidhāban
Uyghur ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى.
Verse 29
وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ كِتَـٰبًا
Transliteration wakulla shayin aḥṣaynāhu kitāban
Uyghur ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق.
Verse 30
فَذُوقُوا۟ فَلَن نَّزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
Transliteration fadhūqū falan nazīdakum illā ʿadhāban
Uyghur (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز».
Verse 31
إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا
Transliteration inna lil'muttaqīna mafāzan
Uyghur شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ.
Verse 32
حَدَآئِقَ وَأَعْنَـٰبًا
Transliteration ḥadāiqa wa-aʿnāban
Uyghur (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر.
Verse 33
وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا
Transliteration wakawāʿiba atrāban
Uyghur تەڭتۇش قىزلاردۇر.
Verse 34
وَكَأْسًا دِهَاقًا
Transliteration wakasan dihāqan
Uyghur (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر.
Verse 35
لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّٰبًا
Transliteration lā yasmaʿūna fīhā laghwan walā kidhāban
Uyghur ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.
Verse 36
جَزَآءً مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابًا
Transliteration jazāan min rabbika ʿaṭāan ḥisāban
Uyghur (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر.
Verse 37
رَّبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلرَّحْمَـٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا
Transliteration rabbi l-samāwāti wal-arḍi wamā baynahumā l-raḥmāni lā yamlikūna min'hu khiṭāban
Uyghur ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.
Verse 38
يَوْمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ صَفًّا ۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
Transliteration yawma yaqūmu l-rūḥu wal-malāikatu ṣaffan lā yatakallamūna illā man adhina lahu l-raḥmānu waqāla ṣawāban
Uyghur جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ.
Verse 39
ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا
Transliteration dhālika l-yawmu l-ḥaqu faman shāa ittakhadha ilā rabbihi maāban
Uyghur ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن).
Verse 40
إِنَّآ أَنذَرْنَـٰكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ ٱلْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلْكَافِرُ يَـٰلَيْتَنِى كُنتُ تُرَٰبًۢا
Transliteration innā andharnākum ʿadhāban qarīban yawma yanẓuru l-maru mā qaddamat yadāhu wayaqūlu l-kāfiru yālaytanī kuntu turāban
Uyghur بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ.
Read Surah An-Naba in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.