MyDugsiStart learning

Surah Az-Zumar in Uyghur: translation and audio

Surah 39 · الزمر · The Troops · 75 verses

Surah Az-Zumar verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Az-Zumar word by word in English.

Verse 1

تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ

Transliteration tanzīlu l-kitābi mina l-lahi l-ʿazīzi l-ḥakīmi

Uyghur بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

Verse 2

إِنَّآ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ فَٱعْبُدِ ٱللَّهَ مُخْلِصًا لَّهُ ٱلدِّينَ

Transliteration innā anzalnā ilayka l-kitāba bil-ḥaqi fa-uʿ'budi l-laha mukh'liṣan lahu l-dīna

Uyghur ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن.

Verse 3

أَلَا لِلَّهِ ٱلدِّينُ ٱلْخَالِصُ ۚ وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَآ إِلَى ٱللَّهِ زُلْفَىٰٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِى مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ كَـٰذِبٌ كَفَّارٌ

Transliteration alā lillahi l-dīnu l-khāliṣu wa-alladhīna ittakhadhū min dūnihi awliyāa mā naʿbuduhum illā liyuqarribūnā ilā l-lahi zul'fā inna l-laha yaḥkumu baynahum fī mā hum fīhi yakhtalifūna inna l-laha lā yahdī man huwa kādhibun kaffārun

Uyghur بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

Verse 4

لَّوْ أَرَادَ ٱللَّهُ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا لَّٱصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ ۚ سُبْحَـٰنَهُۥ ۖ هُوَ ٱللَّهُ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّارُ

Transliteration law arāda l-lahu an yattakhidha waladan la-iṣ'ṭafā mimmā yakhluqu mā yashāu sub'ḥānahu huwa l-lahu l-wāḥidu l-qahāru

Uyghur ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر.

Verse 5

خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ ٱلَّيْلَ عَلَى ٱلنَّهَارِ وَيُكَوِّرُ ٱلنَّهَارَ عَلَى ٱلَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمْسَ وَٱلْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِى لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفَّـٰرُ

Transliteration khalaqa l-samāwāti wal-arḍa bil-ḥaqi yukawwiru al-layla ʿalā l-nahāri wayukawwiru l-nahāra ʿalā al-layli wasakhara l-shamsa wal-qamara kullun yajrī li-ajalin musamman alā huwa l-ʿazīzu l-ghafāru

Uyghur ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

Verse 6

خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَٰحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلْأَنْعَـٰمِ ثَمَـٰنِيَةَ أَزْوَٰجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِى بُطُونِ أُمَّهَـٰتِكُمْ خَلْقًا مِّنۢ بَعْدِ خَلْقٍ فِى ظُلُمَـٰتٍ ثَلَـٰثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ ٱلْمُلْكُ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ

Transliteration khalaqakum min nafsin wāḥidatin thumma jaʿala min'hā zawjahā wa-anzala lakum mina l-anʿāmi thamāniyata azwājin yakhluqukum fī buṭūni ummahātikum khalqan min baʿdi khalqin fī ẓulumātin thalāthin dhālikumu l-lahu rabbukum lahu l-mul'ku lā ilāha illā huwa fa-annā tuṣ'rafūna

Uyghur ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر.

Verse 7

إِن تَكْفُرُوا۟ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِىٌّ عَنكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ ٱلْكُفْرَ ۖ وَإِن تَشْكُرُوا۟ يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

Transliteration in takfurū fa-inna l-laha ghaniyyun ʿankum walā yarḍā liʿibādihi l-kuf'ra wa-in tashkurū yarḍahu lakum walā taziru wāziratun wiz'ra ukh'rā thumma ilā rabbikum marjiʿukum fayunabbi-ukum bimā kuntum taʿmalūna innahu ʿalīmun bidhāti l-ṣudūri

Uyghur ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر.

Verse 8

۞ وَإِذَا مَسَّ ٱلْإِنسَـٰنَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُۥ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُۥ نِعْمَةً مِّنْهُ نَسِىَ مَا كَانَ يَدْعُوٓا۟ إِلَيْهِ مِن قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَندَادًا لِّيُضِلَّ عَن سَبِيلِهِۦ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَـٰبِ ٱلنَّارِ

Transliteration wa-idhā massa l-insāna ḍurrun daʿā rabbahu munīban ilayhi thumma idhā khawwalahu niʿ'matan min'hu nasiya mā kāna yadʿū ilayhi min qablu wajaʿala lillahi andādan liyuḍilla ʿan sabīlihi qul tamattaʿ bikuf'rika qalīlan innaka min aṣḥābi l-nāri

Uyghur ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن.

Verse 9

أَمَّنْ هُوَ قَـٰنِتٌ ءَانَآءَ ٱلَّيْلِ سَاجِدًا وَقَآئِمًا يَحْذَرُ ٱلْـَٔاخِرَةَ وَيَرْجُوا۟ رَحْمَةَ رَبِّهِۦ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِى ٱلَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ

Transliteration amman huwa qānitun ānāa al-layli sājidan waqāiman yaḥdharu l-ākhirata wayarjū raḥmata rabbihi qul hal yastawī alladhīna yaʿlamūna wa-alladhīna lā yaʿlamūna innamā yatadhakkaru ulū l-albābi

Uyghur (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ».

Verse 10

قُلْ يَـٰعِبَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا۟ فِى هَـٰذِهِ ٱلدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى ٱلصَّـٰبِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ

Transliteration qul yāʿibādi alladhīna āmanū ittaqū rabbakum lilladhīna aḥsanū fī hādhihi l-dun'yā ḥasanatun wa-arḍu l-lahi wāsiʿatun innamā yuwaffā l-ṣābirūna ajrahum bighayri ḥisābin

Uyghur ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».

Verse 11

قُلْ إِنِّىٓ أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱللَّهَ مُخْلِصًا لَّهُ ٱلدِّينَ

Transliteration qul innī umir'tu an aʿbuda l-laha mukh'liṣan lahu l-dīna

Uyghur ئېيتقىنكى، «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم.

Verse 12

وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ ٱلْمُسْلِمِينَ

Transliteration wa-umir'tu li-an akūna awwala l-mus'limīna

Uyghur ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».

Verse 13

قُلْ إِنِّىٓ أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّى عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ

Transliteration qul innī akhāfu in ʿaṣaytu rabbī ʿadhāba yawmin ʿaẓīmin

Uyghur ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)».

Verse 14

قُلِ ٱللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَّهُۥ دِينِى

Transliteration quli l-laha aʿbudu mukh'liṣan lahu dīnī

Uyghur ئېيتقىنكى، «دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن.

Verse 15

فَٱعْبُدُوا۟ مَا شِئْتُم مِّن دُونِهِۦ ۗ قُلْ إِنَّ ٱلْخَـٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْخُسْرَانُ ٱلْمُبِينُ

Transliteration fa-uʿ'budū mā shi'tum min dūnihi qul inna l-khāsirīna alladhīna khasirū anfusahum wa-ahlīhim yawma l-qiyāmati alā dhālika huwa l-khus'rānu l-mubīnu

Uyghur سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر.

Verse 16

لَهُم مِّن فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِّنَ ٱلنَّارِ وَمِن تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ ٱللَّهُ بِهِۦ عِبَادَهُۥ ۚ يَـٰعِبَادِ فَٱتَّقُونِ

Transliteration lahum min fawqihim ẓulalun mina l-nāri wamin taḥtihim ẓulalun dhālika yukhawwifu l-lahu bihi ʿibādahu yāʿibādi fa-ittaqūni

Uyghur ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار.

Verse 17

وَٱلَّذِينَ ٱجْتَنَبُوا۟ ٱلطَّـٰغُوتَ أَن يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوٓا۟ إِلَى ٱللَّهِ لَهُمُ ٱلْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ

Transliteration wa-alladhīna ij'tanabū l-ṭāghūta an yaʿbudūhā wa-anābū ilā l-lahi lahumu l-bush'rā fabashir ʿibādi

Uyghur تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ،

Verse 18

ٱلَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ ٱلْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُۥٓ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ هَدَىٰهُمُ ٱللَّهُ ۖ وَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمْ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ

Transliteration alladhīna yastamiʿūna l-qawla fayattabiʿūna aḥsanahu ulāika alladhīna hadāhumu l-lahu wa-ulāika hum ulū l-albābi

Uyghur سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.

Verse 19

أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ ٱلْعَذَابِ أَفَأَنتَ تُنقِذُ مَن فِى ٱلنَّارِ

Transliteration afaman ḥaqqa ʿalayhi kalimatu l-ʿadhābi afa-anta tunqidhu man fī l-nāri

Uyghur كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟

Verse 20

لَـٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِّن فَوْقِهَا غُرَفٌ مَّبْنِيَّةٌ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۖ وَعْدَ ٱللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ ٱللَّهُ ٱلْمِيعَادَ

Transliteration lākini alladhīna ittaqaw rabbahum lahum ghurafun min fawqihā ghurafun mabniyyatun tajrī min taḥtihā l-anhāru waʿda l-lahi lā yukh'lifu l-lahu l-mīʿāda

Uyghur لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

Verse 21

أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَسَلَكَهُۥ يَنَـٰبِيعَ فِى ٱلْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِۦ زَرْعًا مُّخْتَلِفًا أَلْوَٰنُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُۥ حُطَـٰمًا ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ

Transliteration alam tara anna l-laha anzala mina l-samāi māan fasalakahu yanābīʿa fī l-arḍi thumma yukh'riju bihi zarʿan mukh'talifan alwānuhu thumma yahīju fatarāhu muṣ'farran thumma yajʿaluhu ḥuṭāman inna fī dhālika ladhik'rā li-ulī l-albābi

Uyghur سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار.

Verse 22

أَفَمَن شَرَحَ ٱللَّهُ صَدْرَهُۥ لِلْإِسْلَـٰمِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِّن رَّبِّهِۦ ۚ فَوَيْلٌ لِّلْقَـٰسِيَةِ قُلُوبُهُم مِّن ذِكْرِ ٱللَّهِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ

Transliteration afaman sharaḥa l-lahu ṣadrahu lil'is'lāmi fahuwa ʿalā nūrin min rabbihi fawaylun lil'qāsiyati qulūbuhum min dhik'ri l-lahi ulāika fī ḍalālin mubīnin

Uyghur ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر.

Verse 23

ٱللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ ٱلْحَدِيثِ كِتَـٰبًا مُّتَشَـٰبِهًا مَّثَانِىَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ ٱلَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ ٱللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى ٱللَّهِ يَهْدِى بِهِۦ مَن يَشَآءُ ۚ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

Transliteration al-lahu nazzala aḥsana l-ḥadīthi kitāban mutashābihan mathāniya taqshaʿirru min'hu julūdu alladhīna yakhshawna rabbahum thumma talīnu julūduhum waqulūbuhum ilā dhik'ri l-lahi dhālika hudā l-lahi yahdī bihi man yashāu waman yuḍ'lili l-lahu famā lahu min hādin

Uyghur ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.

Verse 24

أَفَمَن يَتَّقِى بِوَجْهِهِۦ سُوٓءَ ٱلْعَذَابِ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّـٰلِمِينَ ذُوقُوا۟ مَا كُنتُمْ تَكْسِبُونَ

Transliteration afaman yattaqī biwajhihi sūa l-ʿadhābi yawma l-qiyāmati waqīla lilẓẓālimīna dhūqū mā kuntum taksibūna

Uyghur قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ).

Verse 25

كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَأَتَىٰهُمُ ٱلْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ

Transliteration kadhaba alladhīna min qablihim fa-atāhumu l-ʿadhābu min ḥaythu lā yashʿurūna

Uyghur ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى.

Verse 26

فَأَذَاقَهُمُ ٱللَّهُ ٱلْخِزْىَ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ ٱلْـَٔاخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا۟ يَعْلَمُونَ

Transliteration fa-adhāqahumu l-lahu l-khiz'ya fī l-ḥayati l-dun'yā walaʿadhābu l-ākhirati akbaru law kānū yaʿlamūna

Uyghur ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى).

Verse 27

وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِى هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٍ لَّعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ

Transliteration walaqad ḍarabnā lilnnāsi fī hādhā l-qur'āni min kulli mathalin laʿallahum yatadhakkarūna

Uyghur بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق.

Verse 28

قُرْءَانًا عَرَبِيًّا غَيْرَ ذِى عِوَجٍ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ

Transliteration qur'ānan ʿarabiyyan ghayra dhī ʿiwajin laʿallahum yattaqūna

Uyghur قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىدۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي.

Verse 29

ضَرَبَ ٱللَّهُ مَثَلًا رَّجُلًا فِيهِ شُرَكَآءُ مُتَشَـٰكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِّرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

Transliteration ḍaraba l-lahu mathalan rajulan fīhi shurakāu mutashākisūna warajulan salaman lirajulin hal yastawiyāni mathalan l-ḥamdu lillahi bal aktharuhum lā yaʿlamūna

Uyghur ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.

Verse 30

إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُم مَّيِّتُونَ

Transliteration innaka mayyitun wa-innahum mayyitūna

Uyghur سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ.

Verse 31

ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ عِندَ رَبِّكُمْ تَخْتَصِمُونَ

Transliteration thumma innakum yawma l-qiyāmati ʿinda rabbikum takhtaṣimūna

Uyghur ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر.

Verse 32

۞ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى ٱللَّهِ وَكَذَّبَ بِٱلصِّدْقِ إِذْ جَآءَهُۥٓ ۚ أَلَيْسَ فِى جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْكَـٰفِرِينَ

Transliteration faman aẓlamu mimman kadhaba ʿalā l-lahi wakadhaba bil-ṣid'qi idh jāahu alaysa fī jahannama mathwan lil'kāfirīna

Uyghur ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟

Verse 33

وَٱلَّذِى جَآءَ بِٱلصِّدْقِ وَصَدَّقَ بِهِۦٓ ۙ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُتَّقُونَ

Transliteration wa-alladhī jāa bil-ṣid'qi waṣaddaqa bihi ulāika humu l-mutaqūna

Uyghur راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر ـ ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر.

Verse 34

لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلْمُحْسِنِينَ

Transliteration lahum mā yashāūna ʿinda rabbihim dhālika jazāu l-muḥ'sinīna

Uyghur ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر.

Verse 35

لِيُكَفِّرَ ٱللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ ٱلَّذِى عَمِلُوا۟ وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

Transliteration liyukaffira l-lahu ʿanhum aswa-a alladhī ʿamilū wayajziyahum ajrahum bi-aḥsani alladhī kānū yaʿmalūna

Uyghur ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ.

Verse 36

أَلَيْسَ ٱللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُۥ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦ ۚ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

Transliteration alaysa l-lahu bikāfin ʿabdahu wayukhawwifūnaka bi-alladhīna min dūnihi waman yuḍ'lili l-lahu famā lahu min hādin

Uyghur ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.

Verse 37

وَمَن يَهْدِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ ٱللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِى ٱنتِقَامٍ

Transliteration waman yahdi l-lahu famā lahu min muḍillin alaysa l-lahu biʿazīzin dhī intiqāmin

Uyghur ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىب، (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟

Verse 38

وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَءَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ إِنْ أَرَادَنِىَ ٱللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَـٰشِفَـٰتُ ضُرِّهِۦٓ أَوْ أَرَادَنِى بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَـٰتُ رَحْمَتِهِۦ ۚ قُلْ حَسْبِىَ ٱللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ ٱلْمُتَوَكِّلُونَ

Transliteration wala-in sa-altahum man khalaqa l-samāwāti wal-arḍa layaqūlunna l-lahu qul afara-aytum mā tadʿūna min dūni l-lahi in arādaniya l-lahu biḍurrin hal hunna kāshifātu ḍurrihi aw arādanī biraḥmatin hal hunna mum'sikātu raḥmatihi qul ḥasbiya l-lahu ʿalayhi yatawakkalu l-mutawakilūna

Uyghur ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)».

Verse 39

قُلْ يَـٰقَوْمِ ٱعْمَلُوا۟ عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّى عَـٰمِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ

Transliteration qul yāqawmi iʿ'malū ʿalā makānatikum innī ʿāmilun fasawfa taʿlamūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»[39ـ40].

Verse 40

مَن يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُّقِيمٌ

Transliteration man yatīhi ʿadhābun yukh'zīhi wayaḥillu ʿalayhi ʿadhābun muqīmun

Uyghur ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»[39ـ40].

Verse 41

إِنَّآ أَنزَلْنَا عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ لِلنَّاسِ بِٱلْحَقِّ ۖ فَمَنِ ٱهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ

Transliteration innā anzalnā ʿalayka l-kitāba lilnnāsi bil-ḥaqi famani ih'tadā falinafsihi waman ḍalla fa-innamā yaḍillu ʿalayhā wamā anta ʿalayhim biwakīlin

Uyghur شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن).

Verse 42

ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَٱلَّتِى لَمْ تَمُتْ فِى مَنَامِهَا ۖ فَيُمْسِكُ ٱلَّتِى قَضَىٰ عَلَيْهَا ٱلْمَوْتَ وَيُرْسِلُ ٱلْأُخْرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ

Transliteration al-lahu yatawaffā l-anfusa ḥīna mawtihā wa-allatī lam tamut fī manāmihā fayum'siku allatī qaḍā ʿalayhā l-mawta wayur'silu l-ukh'rā ilā ajalin musamman inna fī dhālika laāyātin liqawmin yatafakkarūna

Uyghur ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنىمۇ ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.

Verse 43

أَمِ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُفَعَآءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا۟ لَا يَمْلِكُونَ شَيْـًٔا وَلَا يَعْقِلُونَ

Transliteration ami ittakhadhū min dūni l-lahi shufaʿāa qul awalaw kānū lā yamlikūna shayan walā yaʿqilūna

Uyghur (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى ئاللاھنى قويۇپ، شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغانلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟).

Verse 44

قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَـٰعَةُ جَمِيعًا ۖ لَّهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ

Transliteration qul lillahi l-shafāʿatu jamīʿan lahu mul'ku l-samāwāti wal-arḍi thumma ilayhi tur'jaʿūna

Uyghur شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».

Verse 45

وَإِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَحْدَهُ ٱشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦٓ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ

Transliteration wa-idhā dhukira l-lahu waḥdahu ish'ma-azzat qulūbu alladhīna lā yu'minūna bil-ākhirati wa-idhā dhukira alladhīna min dūnihi idhā hum yastabshirūna

Uyghur يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ.

Verse 46

قُلِ ٱللَّهُمَّ فَاطِرَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ عَـٰلِمَ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ أَنتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِى مَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

Transliteration quli l-lahuma fāṭira l-samāwāti wal-arḍi ʿālima l-ghaybi wal-shahādati anta taḥkumu bayna ʿibādika fī mā kānū fīhi yakhtalifūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن».

Verse 47

وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مَا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفْتَدَوْا۟ بِهِۦ مِن سُوٓءِ ٱلْعَذَابِ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ وَبَدَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا۟ يَحْتَسِبُونَ

Transliteration walaw anna lilladhīna ẓalamū mā fī l-arḍi jamīʿan wamith'lahu maʿahu la-if'tadaw bihi min sūi l-ʿadhābi yawma l-qiyāmati wabadā lahum mina l-lahi mā lam yakūnū yaḥtasibūna

Uyghur ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ.

Verse 48

وَبَدَا لَهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُوا۟ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

Transliteration wabadā lahum sayyiātu mā kasabū waḥāqa bihim mā kānū bihi yastahziūna

Uyghur ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ.

Verse 49

فَإِذَا مَسَّ ٱلْإِنسَـٰنَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَـٰهُ نِعْمَةً مِّنَّا قَالَ إِنَّمَآ أُوتِيتُهُۥ عَلَىٰ عِلْمٍۭ ۚ بَلْ هِىَ فِتْنَةٌ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

Transliteration fa-idhā massa l-insāna ḍurrun daʿānā thumma idhā khawwalnāhu niʿ'matan minnā qāla innamā ūtītuhu ʿalā ʿil'min bal hiya fit'natun walākinna aktharahum lā yaʿlamūna

Uyghur ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.

Verse 50

قَدْ قَالَهَا ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

Transliteration qad qālahā alladhīna min qablihim famā aghnā ʿanhum mā kānū yaksibūna

Uyghur مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.

Verse 51

فَأَصَابَهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُوا۟ ۚ وَٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْ هَـٰٓؤُلَآءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا كَسَبُوا۟ وَمَا هُم بِمُعْجِزِينَ

Transliteration fa-aṣābahum sayyiātu mā kasabū wa-alladhīna ẓalamū min hāulāi sayuṣībuhum sayyiātu mā kasabū wamā hum bimuʿ'jizīna

Uyghur ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ.

Verse 52

أَوَلَمْ يَعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

Transliteration awalam yaʿlamū anna l-laha yabsuṭu l-riz'qa liman yashāu wayaqdiru inna fī dhālika laāyātin liqawmin yu'minūna

Uyghur ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.

Verse 53

۞ قُلْ يَـٰعِبَادِىَ ٱلَّذِينَ أَسْرَفُوا۟ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا۟ مِن رَّحْمَةِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَغْفِرُ ٱلذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

Transliteration qul yāʿibādiya alladhīna asrafū ʿalā anfusihim lā taqnaṭū min raḥmati l-lahi inna l-laha yaghfiru l-dhunūba jamīʿan innahu huwa l-ghafūru l-raḥīmu

Uyghur (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 54

وَأَنِيبُوٓا۟ إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا۟ لَهُۥ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنصَرُونَ

Transliteration wa-anībū ilā rabbikum wa-aslimū lahu min qabli an yatiyakumu l-ʿadhābu thumma lā tunṣarūna

Uyghur سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار.

Verse 55

وَٱتَّبِعُوٓا۟ أَحْسَنَ مَآ أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَكُمُ ٱلْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ

Transliteration wa-ittabiʿū aḥsana mā unzila ilaykum min rabbikum min qabli an yatiyakumu l-ʿadhābu baghtatan wa-antum lā tashʿurūna

Uyghur سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار».

Verse 56

أَن تَقُولَ نَفْسٌ يَـٰحَسْرَتَىٰ عَلَىٰ مَا فَرَّطتُ فِى جَنۢبِ ٱللَّهِ وَإِن كُنتُ لَمِنَ ٱلسَّـٰخِرِينَ

Transliteration an taqūla nafsun yāḥasratā ʿalā mā farraṭtu fī janbi l-lahi wa-in kuntu lamina l-sākhirīna

Uyghur ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن.

Verse 57

أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ ٱللَّهَ هَدَىٰنِى لَكُنتُ مِنَ ٱلْمُتَّقِينَ

Transliteration aw taqūla law anna l-laha hadānī lakuntu mina l-mutaqīna

Uyghur ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن.

Verse 58

أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى ٱلْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِى كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ ٱلْمُحْسِنِينَ

Transliteration aw taqūla ḥīna tarā l-ʿadhāba law anna lī karratan fa-akūna mina l-muḥ'sinīna

Uyghur ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن).

Verse 59

بَلَىٰ قَدْ جَآءَتْكَ ءَايَـٰتِى فَكَذَّبْتَ بِهَا وَٱسْتَكْبَرْتَ وَكُنتَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ

Transliteration balā qad jāatka āyātī fakadhabta bihā wa-is'takbarta wakunta mina l-kāfirīna

Uyghur دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ.

Verse 60

وَيَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ تَرَى ٱلَّذِينَ كَذَبُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِى جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْمُتَكَبِّرِينَ

Transliteration wayawma l-qiyāmati tarā alladhīna kadhabū ʿalā l-lahi wujūhuhum mus'waddatun alaysa fī jahannama mathwan lil'mutakabbirīna

Uyghur قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟

Verse 61

وَيُنَجِّى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ بِمَفَازَتِهِمْ لَا يَمَسُّهُمُ ٱلسُّوٓءُ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

Transliteration wayunajjī l-lahu alladhīna ittaqaw bimafāzatihim lā yamassuhumu l-sūu walā hum yaḥzanūna

Uyghur ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ.

Verse 62

ٱللَّهُ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ وَكِيلٌ

Transliteration al-lahu khāliqu kulli shayin wahuwa ʿalā kulli shayin wakīlun

Uyghur ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ).

Verse 63

لَّهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ

Transliteration lahu maqālīdu l-samāwāti wal-arḍi wa-alladhīna kafarū biāyāti l-lahi ulāika humu l-khāsirūna

Uyghur ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

Verse 64

قُلْ أَفَغَيْرَ ٱللَّهِ تَأْمُرُوٓنِّىٓ أَعْبُدُ أَيُّهَا ٱلْجَـٰهِلُونَ

Transliteration qul afaghayra l-lahi tamurūnnī aʿbudu ayyuhā l-jāhilūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟»

Verse 65

وَلَقَدْ أُوحِىَ إِلَيْكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْخَـٰسِرِينَ

Transliteration walaqad ūḥiya ilayka wa-ilā alladhīna min qablika la-in ashrakta layaḥbaṭanna ʿamaluka walatakūnanna mina l-khāsirīna

Uyghur ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى[65 ـ 66].

Verse 66

بَلِ ٱللَّهَ فَٱعْبُدْ وَكُن مِّنَ ٱلشَّـٰكِرِينَ

Transliteration bali l-laha fa-uʿ'bud wakun mina l-shākirīna

Uyghur ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى[65 ـ 66].

Verse 67

وَمَا قَدَرُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِۦ وَٱلْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَٱلسَّمَـٰوَٰتُ مَطْوِيَّـٰتٌۢ بِيَمِينِهِۦ ۚ سُبْحَـٰنَهُۥ وَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ

Transliteration wamā qadarū l-laha ḥaqqa qadrihi wal-arḍu jamīʿan qabḍatuhu yawma l-qiyāmati wal-samāwātu maṭwiyyātun biyamīnihi sub'ḥānahu wataʿālā ʿammā yush'rikūna

Uyghur ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر.

Verse 68

وَنُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَصَعِقَ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُ ۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَىٰ فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنظُرُونَ

Transliteration wanufikha fī l-ṣūri faṣaʿiqa man fī l-samāwāti waman fī l-arḍi illā man shāa l-lahu thumma nufikha fīhi ukh'rā fa-idhā hum qiyāmun yanẓurūna

Uyghur سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ.

Verse 69

وَأَشْرَقَتِ ٱلْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ ٱلْكِتَـٰبُ وَجِا۟ىٓءَ بِٱلنَّبِيِّـۧنَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَقُضِىَ بَيْنَهُم بِٱلْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

Transliteration wa-ashraqati l-arḍu binūri rabbihā wawuḍiʿa l-kitābu wajīa bil-nabiyīna wal-shuhadāi waquḍiya baynahum bil-ḥaqi wahum lā yuẓ'lamūna

Uyghur مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

Verse 70

وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ

Transliteration wawuffiyat kullu nafsin mā ʿamilat wahuwa aʿlamu bimā yafʿalūna

Uyghur ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ.

Verse 71

وَسِيقَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَآ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِّنكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ ءَايَـٰتِ رَبِّكُمْ وَيُنذِرُونَكُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَـٰذَا ۚ قَالُوا۟ بَلَىٰ وَلَـٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ ٱلْعَذَابِ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ

Transliteration wasīqa alladhīna kafarū ilā jahannama zumaran ḥattā idhā jāūhā futiḥat abwābuhā waqāla lahum khazanatuhā alam yatikum rusulun minkum yatlūna ʿalaykum āyāti rabbikum wayundhirūnakum liqāa yawmikum hādhā qālū balā walākin ḥaqqat kalimatu l-ʿadhābi ʿalā l-kāfirīna

Uyghur كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.

Verse 72

قِيلَ ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ

Transliteration qīla ud'khulū abwāba jahannama khālidīna fīhā fabi'sa mathwā l-mutakabirīna

Uyghur (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ.

Verse 73

وَسِيقَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوْا۟ رَبَّهُمْ إِلَى ٱلْجَنَّةِ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَـٰمٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَٱدْخُلُوهَا خَـٰلِدِينَ

Transliteration wasīqa alladhīna ittaqaw rabbahum ilā l-janati zumaran ḥattā idhā jāūhā wafutiḥat abwābuhā waqāla lahum khazanatuhā salāmun ʿalaykum ṭib'tum fa-ud'khulūhā khālidīna

Uyghur پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ.

Verse 74

وَقَالُوا۟ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى صَدَقَنَا وَعْدَهُۥ وَأَوْرَثَنَا ٱلْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَآءُ ۖ فَنِعْمَ أَجْرُ ٱلْعَـٰمِلِينَ

Transliteration waqālū l-ḥamdu lillahi alladhī ṣadaqanā waʿdahu wa-awrathanā l-arḍa natabawwa-u mina l-janati ḥaythu nashāu faniʿ'ma ajru l-ʿāmilīna

Uyghur ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!».

Verse 75

وَتَرَى ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ حَآفِّينَ مِنْ حَوْلِ ٱلْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِىَ بَيْنَهُم بِٱلْحَقِّ وَقِيلَ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration watarā l-malāikata ḥāffīna min ḥawli l-ʿarshi yusabbiḥūna biḥamdi rabbihim waquḍiya baynahum bil-ḥaqi waqīla l-ḥamdu lillahi rabbi l-ʿālamīna

Uyghur پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ.

Read Surah Az-Zumar in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.