MyDugsiStart learning

Surah Ash-Shuraa in Uyghur: translation and audio

Surah 42 · الشورى · The Consultation · 53 verses

Surah Ash-Shuraa verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Ash-Shuraa word by word in English.

Verse 1

حمٓ

Transliteration hha-meem

Uyghur ھامىم،

Verse 2

عٓسٓقٓ

Transliteration ain-seen-qaf

Uyghur ئەين، سىين، قاف.

Verse 3

كَذَٰلِكَ يُوحِىٓ إِلَيْكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِكَ ٱللَّهُ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Transliteration kadhālika yūḥī ilayka wa-ilā alladhīna min qablika l-lahu l-ʿazīzu l-ḥakīmu

Uyghur غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ.

Verse 4

لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْعَظِيمُ

Transliteration lahu mā fī l-samāwāti wamā fī l-arḍi wahuwa l-ʿaliyu l-ʿaẓīmu

Uyghur ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر.

Verse 5

تَكَادُ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ يَتَفَطَّرْنَ مِن فَوْقِهِنَّ ۚ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِمَن فِى ٱلْأَرْضِ ۗ أَلَآ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

Transliteration takādu l-samāwātu yatafaṭṭarna min fawqihinna wal-malāikatu yusabbiḥūna biḥamdi rabbihim wayastaghfirūna liman fī l-arḍi alā inna l-laha huwa l-ghafūru l-raḥīmu

Uyghur (ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 6

وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ ٱللَّهُ حَفِيظٌ عَلَيْهِمْ وَمَآ أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ

Transliteration wa-alladhīna ittakhadhū min dūnihi awliyāa l-lahu ḥafīẓun ʿalayhim wamā anta ʿalayhim biwakīlin

Uyghur ئاللاھنى قويۇپ (باشقىلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) ئاللاھ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن.

Verse 7

وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ قُرْءَانًا عَرَبِيًّا لِّتُنذِرَ أُمَّ ٱلْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا وَتُنذِرَ يَوْمَ ٱلْجَمْعِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ فَرِيقٌ فِى ٱلْجَنَّةِ وَفَرِيقٌ فِى ٱلسَّعِيرِ

Transliteration wakadhālika awḥaynā ilayka qur'ānan ʿarabiyyan litundhira umma l-qurā waman ḥawlahā watundhira yawma l-jamʿi lā rayba fīhi farīqun fī l-janati wafarīqun fī l-saʿīri

Uyghur مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ.

Verse 8

وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَلَـٰكِن يُدْخِلُ مَن يَشَآءُ فِى رَحْمَتِهِۦ ۚ وَٱلظَّـٰلِمُونَ مَا لَهُم مِّن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ

Transliteration walaw shāa l-lahu lajaʿalahum ummatan wāḥidatan walākin yud'khilu man yashāu fī raḥmatihi wal-ẓālimūna mā lahum min waliyyin walā naṣīrin

Uyghur ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ.

Verse 9

أَمِ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءَ ۖ فَٱللَّهُ هُوَ ٱلْوَلِىُّ وَهُوَ يُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ

Transliteration ami ittakhadhū min dūnihi awliyāa fal-lahu huwa l-waliyu wahuwa yuḥ'yī l-mawtā wahuwa ʿalā kulli shayin qadīrun

Uyghur بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت ئاللاھ ئىگىدۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر.

Verse 10

وَمَا ٱخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِن شَىْءٍ فَحُكْمُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبِّى عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ

Transliteration wamā ikh'talaftum fīhi min shayin faḥuk'muhu ilā l-lahi dhālikumu l-lahu rabbī ʿalayhi tawakkaltu wa-ilayhi unību

Uyghur سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن.

Verse 11

فَاطِرُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ جَعَلَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَٰجًا وَمِنَ ٱلْأَنْعَـٰمِ أَزْوَٰجًا ۖ يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ ۚ لَيْسَ كَمِثْلِهِۦ شَىْءٌ ۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

Transliteration fāṭiru l-samāwāti wal-arḍi jaʿala lakum min anfusikum azwājan wamina l-anʿāmi azwājan yadhra-ukum fīhi laysa kamith'lihi shayon wahuwa l-samīʿu l-baṣīru

Uyghur ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 12

لَهُۥ مَقَالِيدُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ يَبْسُطُ ٱلرِّزْقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّهُۥ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ

Transliteration lahu maqālīdu l-samāwāti wal-arḍi yabsuṭu l-riz'qa liman yashāu wayaqdiru innahu bikulli shayin ʿalīmun

Uyghur ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 13

۞ شَرَعَ لَكُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِۦ نُوحًا وَٱلَّذِىٓ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِۦٓ إِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰٓ ۖ أَنْ أَقِيمُوا۟ ٱلدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا۟ فِيهِ ۚ كَبُرَ عَلَى ٱلْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ ۚ ٱللَّهُ يَجْتَبِىٓ إِلَيْهِ مَن يَشَآءُ وَيَهْدِىٓ إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ

Transliteration sharaʿa lakum mina l-dīni mā waṣṣā bihi nūḥan wa-alladhī awḥaynā ilayka wamā waṣṣaynā bihi ib'rāhīma wamūsā waʿīsā an aqīmū l-dīna walā tatafarraqū fīhi kabura ʿalā l-mush'rikīna mā tadʿūhum ilayhi l-lahu yajtabī ilayhi man yashāu wayahdī ilayhi man yunību

Uyghur ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ.

Verse 14

وَمَا تَفَرَّقُوٓا۟ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْعِلْمُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِن رَّبِّكَ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى لَّقُضِىَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُورِثُوا۟ ٱلْكِتَـٰبَ مِنۢ بَعْدِهِمْ لَفِى شَكٍّ مِّنْهُ مُرِيبٍ

Transliteration wamā tafarraqū illā min baʿdi mā jāahumu l-ʿil'mu baghyan baynahum walawlā kalimatun sabaqat min rabbika ilā ajalin musamman laquḍiya baynahum wa-inna alladhīna ūrithū l-kitāba min baʿdihim lafī shakkin min'hu murībin

Uyghur (يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر.

Verse 15

فَلِذَٰلِكَ فَٱدْعُ ۖ وَٱسْتَقِمْ كَمَآ أُمِرْتَ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَهُمْ ۖ وَقُلْ ءَامَنتُ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِن كِتَـٰبٍ ۖ وَأُمِرْتُ لِأَعْدِلَ بَيْنَكُمُ ۖ ٱللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ ۖ لَنَآ أَعْمَـٰلُنَا وَلَكُمْ أَعْمَـٰلُكُمْ ۖ لَا حُجَّةَ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ۖ ٱللَّهُ يَجْمَعُ بَيْنَنَا ۖ وَإِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ

Transliteration falidhālika fa-ud'ʿu wa-is'taqim kamā umir'ta walā tattabiʿ ahwāahum waqul āmantu bimā anzala l-lahu min kitābin wa-umir'tu li-aʿdila baynakumu l-lahu rabbunā warabbukum lanā aʿmālunā walakum aʿmālukum lā ḥujjata baynanā wabaynakumu l-lahu yajmaʿu baynanā wa-ilayhi l-maṣīru

Uyghur شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر».

Verse 16

وَٱلَّذِينَ يُحَآجُّونَ فِى ٱللَّهِ مِنۢ بَعْدِ مَا ٱسْتُجِيبَ لَهُۥ حُجَّتُهُمْ دَاحِضَةٌ عِندَ رَبِّهِمْ وَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ

Transliteration wa-alladhīna yuḥājjūna fī l-lahi min baʿdi mā us'tujība lahu ḥujjatuhum dāḥiḍatun ʿinda rabbihim waʿalayhim ghaḍabun walahum ʿadhābun shadīdun

Uyghur كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Verse 17

ٱللَّهُ ٱلَّذِىٓ أَنزَلَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ وَٱلْمِيزَانَ ۗ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ قَرِيبٌ

Transliteration al-lahu alladhī anzala l-kitāba bil-ḥaqi wal-mīzāna wamā yud'rīka laʿalla l-sāʿata qarībun

Uyghur ئاللاھ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.

Verse 18

يَسْتَعْجِلُ بِهَا ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِهَا ۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مُشْفِقُونَ مِنْهَا وَيَعْلَمُونَ أَنَّهَا ٱلْحَقُّ ۗ أَلَآ إِنَّ ٱلَّذِينَ يُمَارُونَ فِى ٱلسَّاعَةِ لَفِى ضَلَـٰلٍۭ بَعِيدٍ

Transliteration yastaʿjilu bihā alladhīna lā yu'minūna bihā wa-alladhīna āmanū mush'fiqūna min'hā wayaʿlamūna annahā l-ḥaqu alā inna alladhīna yumārūna fī l-sāʿati lafī ḍalālin baʿīdin

Uyghur قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر.

Verse 19

ٱللَّهُ لَطِيفٌۢ بِعِبَادِهِۦ يَرْزُقُ مَن يَشَآءُ ۖ وَهُوَ ٱلْقَوِىُّ ٱلْعَزِيزُ

Transliteration al-lahu laṭīfun biʿibādihi yarzuqu man yashāu wahuwa l-qawiyu l-ʿazīzu

Uyghur ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.

Verse 20

مَن كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ ٱلْـَٔاخِرَةِ نَزِدْ لَهُۥ فِى حَرْثِهِۦ ۖ وَمَن كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ ٱلدُّنْيَا نُؤْتِهِۦ مِنْهَا وَمَا لَهُۥ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ مِن نَّصِيبٍ

Transliteration man kāna yurīdu ḥartha l-ākhirati nazid lahu fī ḥarthihi waman kāna yurīdu ḥartha l-dun'yā nu'tihi min'hā wamā lahu fī l-ākhirati min naṣībin

Uyghur كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.

Verse 21

أَمْ لَهُمْ شُرَكَـٰٓؤُا۟ شَرَعُوا۟ لَهُم مِّنَ ٱلدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنۢ بِهِ ٱللَّهُ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةُ ٱلْفَصْلِ لَقُضِىَ بَيْنَهُمْ ۗ وَإِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

Transliteration am lahum shurakāu sharaʿū lahum mina l-dīni mā lam yadhan bihi l-lahu walawlā kalimatu l-faṣli laquḍiya baynahum wa-inna l-ẓālimīna lahum ʿadhābun alīmun

Uyghur ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Verse 22

تَرَى ٱلظَّـٰلِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا كَسَبُوا۟ وَهُوَ وَاقِعٌۢ بِهِمْ ۗ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فِى رَوْضَاتِ ٱلْجَنَّاتِ ۖ لَهُم مَّا يَشَآءُونَ عِندَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَضْلُ ٱلْكَبِيرُ

Transliteration tarā l-ẓālimīna mush'fiqīna mimmā kasabū wahuwa wāqiʿun bihim wa-alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti fī rawḍāti l-janāti lahum mā yashāūna ʿinda rabbihim dhālika huwa l-faḍlu l-kabīru

Uyghur كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر.

Verse 23

ذَٰلِكَ ٱلَّذِى يُبَشِّرُ ٱللَّهُ عِبَادَهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ ۗ قُل لَّآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا ٱلْمَوَدَّةَ فِى ٱلْقُرْبَىٰ ۗ وَمَن يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَّزِدْ لَهُۥ فِيهَا حُسْنًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ

Transliteration dhālika alladhī yubashiru l-lahu ʿibādahu alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti qul lā asalukum ʿalayhi ajran illā l-mawadata fī l-qur'bā waman yaqtarif ḥasanatan nazid lahu fīhā ḥus'nan inna l-laha ghafūrun shakūrun

Uyghur ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.

Verse 24

أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا ۖ فَإِن يَشَإِ ٱللَّهُ يَخْتِمْ عَلَىٰ قَلْبِكَ ۗ وَيَمْحُ ٱللَّهُ ٱلْبَـٰطِلَ وَيُحِقُّ ٱلْحَقَّ بِكَلِمَـٰتِهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

Transliteration am yaqūlūna if'tarā ʿalā l-lahi kadhiban fa-in yasha-i l-lahu yakhtim ʿalā qalbika wayamḥu l-lahu l-bāṭila wayuḥiqqu l-ḥaqa bikalimātihi innahu ʿalīmun bidhāti l-ṣudūri

Uyghur ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئاللاھقا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 25

وَهُوَ ٱلَّذِى يَقْبَلُ ٱلتَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِۦ وَيَعْفُوا۟ عَنِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ

Transliteration wahuwa alladhī yaqbalu l-tawbata ʿan ʿibādihi wayaʿfū ʿani l-sayiāti wayaʿlamu mā tafʿalūna

Uyghur ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.

Verse 26

وَيَسْتَجِيبُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضْلِهِۦ ۚ وَٱلْكَـٰفِرُونَ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ

Transliteration wayastajību alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti wayazīduhum min faḍlihi wal-kāfirūna lahum ʿadhābun shadīdun

Uyghur ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ، (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Verse 27

۞ وَلَوْ بَسَطَ ٱللَّهُ ٱلرِّزْقَ لِعِبَادِهِۦ لَبَغَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَـٰكِن يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَّا يَشَآءُ ۚ إِنَّهُۥ بِعِبَادِهِۦ خَبِيرٌۢ بَصِيرٌ

Transliteration walaw basaṭa l-lahu l-riz'qa liʿibādihi labaghaw fī l-arḍi walākin yunazzilu biqadarin mā yashāu innahu biʿibādihi khabīrun baṣīrun

Uyghur ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 28

وَهُوَ ٱلَّذِى يُنَزِّلُ ٱلْغَيْثَ مِنۢ بَعْدِ مَا قَنَطُوا۟ وَيَنشُرُ رَحْمَتَهُۥ ۚ وَهُوَ ٱلْوَلِىُّ ٱلْحَمِيدُ

Transliteration wahuwa alladhī yunazzilu l-ghaytha min baʿdi mā qanaṭū wayanshuru raḥmatahu wahuwa l-waliyu l-ḥamīdu

Uyghur ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

Verse 29

وَمِنْ ءَايَـٰتِهِۦ خَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِن دَآبَّةٍ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمْعِهِمْ إِذَا يَشَآءُ قَدِيرٌ

Transliteration wamin āyātihi khalqu l-samāwāti wal-arḍi wamā batha fīhimā min dābbatin wahuwa ʿalā jamʿihim idhā yashāu qadīrun

Uyghur ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر.

Verse 30

وَمَآ أَصَـٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُوا۟ عَن كَثِيرٍ

Transliteration wamā aṣābakum min muṣībatin fabimā kasabat aydīkum wayaʿfū ʿan kathīrin

Uyghur سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار).

Verse 31

وَمَآ أَنتُم بِمُعْجِزِينَ فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِىٍّ وَلَا نَصِيرٍ

Transliteration wamā antum bimuʿ'jizīna fī l-arḍi wamā lakum min dūni l-lahi min waliyyin walā naṣīrin

Uyghur (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق.

Verse 32

وَمِنْ ءَايَـٰتِهِ ٱلْجَوَارِ فِى ٱلْبَحْرِ كَٱلْأَعْلَـٰمِ

Transliteration wamin āyātihi l-jawāri fī l-baḥri kal-aʿlāmi

Uyghur دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر.

Verse 33

إِن يَشَأْ يُسْكِنِ ٱلرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِۦٓ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ

Transliteration in yasha yus'kini l-rīḥa fayaẓlalna rawākida ʿalā ẓahrihi inna fī dhālika laāyātin likulli ṣabbārin shakūrin

Uyghur ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

Verse 34

أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا۟ وَيَعْفُ عَن كَثِيرٍ

Transliteration aw yūbiq'hunna bimā kasabū wayaʿfu ʿan kathīrin

Uyghur ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ.

Verse 35

وَيَعْلَمَ ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا مَا لَهُم مِّن مَّحِيصٍ

Transliteration wayaʿlama alladhīna yujādilūna fī āyātinā mā lahum min maḥīṣin

Uyghur بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە دەتالاش قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

Verse 36

فَمَآ أُوتِيتُم مِّن شَىْءٍ فَمَتَـٰعُ ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا ۖ وَمَا عِندَ ٱللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ

Transliteration famā ūtītum min shayin famatāʿu l-ḥayati l-dun'yā wamā ʿinda l-lahi khayrun wa-abqā lilladhīna āmanū waʿalā rabbihim yatawakkalūna

Uyghur (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].

Verse 37

وَٱلَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَـٰٓئِرَ ٱلْإِثْمِ وَٱلْفَوَٰحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا۟ هُمْ يَغْفِرُونَ

Transliteration wa-alladhīna yajtanibūna kabāira l-ith'mi wal-fawāḥisha wa-idhā mā ghaḍibū hum yaghfirūna

Uyghur (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].

Verse 38

وَٱلَّذِينَ ٱسْتَجَابُوا۟ لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ

Transliteration wa-alladhīna is'tajābū lirabbihim wa-aqāmū l-ṣalata wa-amruhum shūrā baynahum wamimmā razaqnāhum yunfiqūna

Uyghur (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].

Verse 39

وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَابَهُمُ ٱلْبَغْىُ هُمْ يَنتَصِرُونَ

Transliteration wa-alladhīna idhā aṣābahumu l-baghyu hum yantaṣirūna

Uyghur (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].

Verse 40

وَجَزَٰٓؤُا۟ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِّثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلظَّـٰلِمِينَ

Transliteration wajazāu sayyi-atin sayyi-atun mith'luhā faman ʿafā wa-aṣlaḥa fa-ajruhu ʿalā l-lahi innahu lā yuḥibbu l-ẓālimīna

Uyghur بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.

Verse 41

وَلَمَنِ ٱنتَصَرَ بَعْدَ ظُلْمِهِۦ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ مَا عَلَيْهِم مِّن سَبِيلٍ

Transliteration walamani intaṣara baʿda ẓul'mihi fa-ulāika mā ʿalayhim min sabīlin

Uyghur زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.

Verse 42

إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَظْلِمُونَ ٱلنَّاسَ وَيَبْغُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ

Transliteration innamā l-sabīlu ʿalā alladhīna yaẓlimūna l-nāsa wayabghūna fī l-arḍi bighayri l-ḥaqi ulāika lahum ʿadhābun alīmun

Uyghur ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

Verse 43

وَلَمَن صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنْ عَزْمِ ٱلْأُمُورِ

Transliteration walaman ṣabara waghafara inna dhālika lamin ʿazmi l-umūri

Uyghur كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر.

Verse 44

وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن وَلِىٍّ مِّنۢ بَعْدِهِۦ ۗ وَتَرَى ٱلظَّـٰلِمِينَ لَمَّا رَأَوُا۟ ٱلْعَذَابَ يَقُولُونَ هَلْ إِلَىٰ مَرَدٍّ مِّن سَبِيلٍ

Transliteration waman yuḍ'lili l-lahu famā lahu min waliyyin min baʿdihi watarā l-ẓālimīna lammā ra-awū l-ʿadhāba yaqūlūna hal ilā maraddin min sabīlin

Uyghur ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن.

Verse 45

وَتَرَىٰهُمْ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا خَـٰشِعِينَ مِنَ ٱلذُّلِّ يَنظُرُونَ مِن طَرْفٍ خَفِىٍّ ۗ وَقَالَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّ ٱلْخَـٰسِرِينَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۗ أَلَآ إِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ فِى عَذَابٍ مُّقِيمٍ

Transliteration watarāhum yuʿ'raḍūna ʿalayhā khāshiʿīna mina l-dhuli yanẓurūna min ṭarfin khafiyyin waqāla alladhīna āmanū inna l-khāsirīna alladhīna khasirū anfusahum wa-ahlīhim yawma l-qiyāmati alā inna l-ẓālimīna fī ʿadhābin muqīmin

Uyghur ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر.

Verse 46

وَمَا كَانَ لَهُم مِّنْ أَوْلِيَآءَ يَنصُرُونَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن سَبِيلٍ

Transliteration wamā kāna lahum min awliyāa yanṣurūnahum min dūni l-lahi waman yuḍ'lili l-lahu famā lahu min sabīlin

Uyghur ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ.

Verse 47

ٱسْتَجِيبُوا۟ لِرَبِّكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ يَوْمٌ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِ ۚ مَا لَكُم مِّن مَّلْجَإٍ يَوْمَئِذٍ وَمَا لَكُم مِّن نَّكِيرٍ

Transliteration is'tajībū lirabbikum min qabli an yatiya yawmun lā maradda lahu mina l-lahi mā lakum min malja-in yawma-idhin wamā lakum min nakīrin

Uyghur ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە ـ ئەمالىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى، ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر.

Verse 48

فَإِنْ أَعْرَضُوا۟ فَمَآ أَرْسَلْنَـٰكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا ٱلْبَلَـٰغُ ۗ وَإِنَّآ إِذَآ أَذَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌۢ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ كَفُورٌ

Transliteration fa-in aʿraḍū famā arsalnāka ʿalayhim ḥafīẓan in ʿalayka illā l-balāghu wa-innā idhā adhaqnā l-insāna minnā raḥmatan fariḥa bihā wa-in tuṣib'hum sayyi-atun bimā qaddamat aydīhim fa-inna l-insāna kafūrun

Uyghur ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر.

Verse 49

لِّلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَآءُ ۚ يَهَبُ لِمَن يَشَآءُ إِنَـٰثًا وَيَهَبُ لِمَن يَشَآءُ ٱلذُّكُورَ

Transliteration lillahi mul'ku l-samāwāti wal-arḍi yakhluqu mā yashāu yahabu liman yashāu ināthan wayahabu liman yashāu l-dhukūra

Uyghur ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ.

Verse 50

أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَـٰثًا ۖ وَيَجْعَلُ مَن يَشَآءُ عَقِيمًا ۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٌ قَدِيرٌ

Transliteration aw yuzawwijuhum dhuk'rānan wa-ināthan wayajʿalu man yashāu ʿaqīman innahu ʿalīmun qadīrun

Uyghur ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.

Verse 51

۞ وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُكَلِّمَهُ ٱللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِن وَرَآئِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِىَ بِإِذْنِهِۦ مَا يَشَآءُ ۚ إِنَّهُۥ عَلِىٌّ حَكِيمٌ

Transliteration wamā kāna libasharin an yukallimahu l-lahu illā waḥyan aw min warāi ḥijābin aw yur'sila rasūlan fayūḥiya bi-idh'nihi mā yashāu innahu ʿaliyyun ḥakīmun

Uyghur ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Verse 52

وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَآ إِلَيْكَ رُوحًا مِّنْ أَمْرِنَا ۚ مَا كُنتَ تَدْرِى مَا ٱلْكِتَـٰبُ وَلَا ٱلْإِيمَـٰنُ وَلَـٰكِن جَعَلْنَـٰهُ نُورًا نَّهْدِى بِهِۦ مَن نَّشَآءُ مِنْ عِبَادِنَا ۚ وَإِنَّكَ لَتَهْدِىٓ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ

Transliteration wakadhālika awḥaynā ilayka rūḥan min amrinā mā kunta tadrī mā l-kitābu walā l-īmānu walākin jaʿalnāhu nūran nahdī bihi man nashāu min ʿibādinā wa-innaka latahdī ilā ṣirāṭin mus'taqīmin

Uyghur شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق، سەن (ۋەھىيدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن.

Verse 53

صِرَٰطِ ٱللَّهِ ٱلَّذِى لَهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ أَلَآ إِلَى ٱللَّهِ تَصِيرُ ٱلْأُمُورُ

Transliteration ṣirāṭi l-lahi alladhī lahu mā fī l-samāwāti wamā fī l-arḍi alā ilā l-lahi taṣīru l-umūru

Uyghur (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ.

Read Surah Ash-Shuraa in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.