MyDugsiStart learning

Surah Ghafir in Uyghur: translation and audio

Surah 40 · غافر · The Forgiver · 85 verses

Surah Ghafir verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Ghafir word by word in English.

Verse 1

حمٓ

Transliteration hha-meem

Uyghur ھامىم.

Verse 2

تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْعَلِيمِ

Transliteration tanzīlu l-kitābi mina l-lahi l-ʿazīzi l-ʿalīmi

Uyghur (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

Verse 3

غَافِرِ ٱلذَّنۢبِ وَقَابِلِ ٱلتَّوْبِ شَدِيدِ ٱلْعِقَابِ ذِى ٱلطَّوْلِ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ

Transliteration ghāfiri l-dhanbi waqābili l-tawbi shadīdi l-ʿiqābi dhī l-ṭawli lā ilāha illā huwa ilayhi l-maṣīru

Uyghur (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر.

Verse 4

مَا يُجَـٰدِلُ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِى ٱلْبِلَـٰدِ

Transliteration mā yujādilu fī āyāti l-lahi illā alladhīna kafarū falā yaghrur'ka taqallubuhum fī l-bilādi

Uyghur ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ ـ كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن.

Verse 5

كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍۭ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَـٰدَلُوا۟ بِٱلْبَـٰطِلِ لِيُدْحِضُوا۟ بِهِ ٱلْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ

Transliteration kadhabat qablahum qawmu nūḥin wal-aḥzābu min baʿdihim wahammat kullu ummatin birasūlihim liyakhudhūhu wajādalū bil-bāṭili liyud'ḥiḍū bihi l-ḥaqa fa-akhadhtuhum fakayfa kāna ʿiqābi

Uyghur ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟

Verse 6

وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ

Transliteration wakadhālika ḥaqqat kalimatu rabbika ʿalā alladhīna kafarū annahum aṣḥābu l-nāri

Uyghur شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.

Verse 7

ٱلَّذِينَ يَحْمِلُونَ ٱلْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُۥ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِۦ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَىْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَٱغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا۟ وَٱتَّبَعُوا۟ سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ

Transliteration alladhīna yaḥmilūna l-ʿarsha waman ḥawlahu yusabbiḥūna biḥamdi rabbihim wayu'minūna bihi wayastaghfirūna lilladhīna āmanū rabbanā wasiʿ'ta kulla shayin raḥmatan waʿil'man fa-igh'fir lilladhīna tābū wa-ittabaʿū sabīlaka waqihim ʿadhāba l-jaḥīmi

Uyghur ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

Verse 8

رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدتَّهُمْ وَمَن صَلَحَ مِنْ ءَابَآئِهِمْ وَأَزْوَٰجِهِمْ وَذُرِّيَّـٰتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Transliteration rabbanā wa-adkhil'hum jannāti ʿadnin allatī waʿadttahum waman ṣalaḥa min ābāihim wa-azwājihim wadhurriyyātihim innaka anta l-ʿazīzu l-ḥakīmu

Uyghur پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.

Verse 9

وَقِهِمُ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ۚ وَمَن تَقِ ٱلسَّيِّـَٔاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُۥ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ

Transliteration waqihimu l-sayiāti waman taqi l-sayiāti yawma-idhin faqad raḥim'tahu wadhālika huwa l-fawzu l-ʿaẓīmu

Uyghur پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر».

Verse 10

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ ٱللَّهِ أَكْبَرُ مِن مَّقْتِكُمْ أَنفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى ٱلْإِيمَـٰنِ فَتَكْفُرُونَ

Transliteration inna alladhīna kafarū yunādawna lamaqtu l-lahi akbaru min maqtikum anfusakum idh tud'ʿawna ilā l-īmāni fatakfurūna

Uyghur شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.

Verse 11

قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَمَتَّنَا ٱثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا ٱثْنَتَيْنِ فَٱعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِّن سَبِيلٍ

Transliteration qālū rabbanā amattanā ith'natayni wa-aḥyaytanā ith'natayni fa-iʿ'tarafnā bidhunūbinā fahal ilā khurūjin min sabīlin

Uyghur ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ.

Verse 12

ذَٰلِكُم بِأَنَّهُۥٓ إِذَا دُعِىَ ٱللَّهُ وَحْدَهُۥ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِن يُشْرَكْ بِهِۦ تُؤْمِنُوا۟ ۚ فَٱلْحُكْمُ لِلَّهِ ٱلْعَلِىِّ ٱلْكَبِيرِ

Transliteration dhālikum bi-annahu idhā duʿiya l-lahu waḥdahu kafartum wa-in yush'rak bihi tu'minū fal-ḥuk'mu lillahi l-ʿaliyi l-kabīri

Uyghur بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.

Verse 13

هُوَ ٱلَّذِى يُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ وَيُنَزِّلُ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَن يُنِيبُ

Transliteration huwa alladhī yurīkum āyātihi wayunazzilu lakum mina l-samāi riz'qan wamā yatadhakkaru illā man yunību

Uyghur ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ.

Verse 14

فَٱدْعُوا۟ ٱللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ

Transliteration fa-id'ʿū l-laha mukh'liṣīna lahu l-dīna walaw kariha l-kāfirūna

Uyghur دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ.

Verse 15

رَفِيعُ ٱلدَّرَجَـٰتِ ذُو ٱلْعَرْشِ يُلْقِى ٱلرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنْ عِبَادِهِۦ لِيُنذِرَ يَوْمَ ٱلتَّلَاقِ

Transliteration rafīʿu l-darajāti dhū l-ʿarshi yul'qī l-rūḥa min amrihi ʿalā man yashāu min ʿibādihi liyundhira yawma l-talāqi

Uyghur ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھىي چۈشۈرىدۇ.

Verse 16

يَوْمَ هُم بَـٰرِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى ٱللَّهِ مِنْهُمْ شَىْءٌ ۚ لِّمَنِ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ ٱلْوَٰحِدِ ٱلْقَهَّارِ

Transliteration yawma hum bārizūna lā yakhfā ʿalā l-lahi min'hum shayon limani l-mul'ku l-yawma lillahi l-wāḥidi l-qahāri

Uyghur ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر.

Verse 17

ٱلْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ ٱلْيَوْمَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلْحِسَابِ

Transliteration al-yawma tuj'zā kullu nafsin bimā kasabat lā ẓul'ma l-yawma inna l-laha sarīʿu l-ḥisābi

Uyghur بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.

Verse 18

وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْـَٔازِفَةِ إِذِ ٱلْقُلُوبُ لَدَى ٱلْحَنَاجِرِ كَـٰظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ

Transliteration wa-andhir'hum yawma l-āzifati idhi l-qulūbu ladā l-ḥanājiri kāẓimīna mā lilẓẓālimīna min ḥamīmin walā shafīʿin yuṭāʿu

Uyghur ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ.

Verse 19

يَعْلَمُ خَآئِنَةَ ٱلْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِى ٱلصُّدُورُ

Transliteration yaʿlamu khāinata l-aʿyuni wamā tukh'fī l-ṣudūru

Uyghur ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.

Verse 20

وَٱللَّهُ يَقْضِى بِٱلْحَقِّ ۖ وَٱلَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَقْضُونَ بِشَىْءٍ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

Transliteration wal-lahu yaqḍī bil-ḥaqi wa-alladhīna yadʿūna min dūnihi lā yaqḍūna bishayin inna l-laha huwa l-samīʿu l-baṣīru

Uyghur ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 21

۞ أَوَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا۟ هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مِن وَاقٍ

Transliteration awalam yasīrū fī l-arḍi fayanẓurū kayfa kāna ʿāqibatu alladhīna kānū min qablihim kānū hum ashadda min'hum quwwatan waāthāran fī l-arḍi fa-akhadhahumu l-lahu bidhunūbihim wamā kāna lahum mina l-lahi min wāqin

Uyghur ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى.

Verse 22

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَكَفَرُوا۟ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ قَوِىٌّ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ

Transliteration dhālika bi-annahum kānat tatīhim rusuluhum bil-bayināti fakafarū fa-akhadhahumu l-lahu innahu qawiyyun shadīdu l-ʿiqābi

Uyghur بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر.

Verse 23

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ

Transliteration walaqad arsalnā mūsā biāyātinā wasul'ṭānin mubīnin

Uyghur بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].

Verse 24

إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَـٰمَـٰنَ وَقَـٰرُونَ فَقَالُوا۟ سَـٰحِرٌ كَذَّابٌ

Transliteration ilā fir'ʿawna wahāmāna waqārūna faqālū sāḥirun kadhābun

Uyghur بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].

Verse 25

فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ مِنْ عِندِنَا قَالُوا۟ ٱقْتُلُوٓا۟ أَبْنَآءَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ وَٱسْتَحْيُوا۟ نِسَآءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ

Transliteration falammā jāahum bil-ḥaqi min ʿindinā qālū uq'tulū abnāa alladhīna āmanū maʿahu wa-is'taḥyū nisāahum wamā kaydu l-kāfirīna illā fī ḍalālin

Uyghur مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ.

Verse 26

وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِىٓ أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُۥٓ ۖ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَن يُظْهِرَ فِى ٱلْأَرْضِ ٱلْفَسَادَ

Transliteration waqāla fir'ʿawnu dharūnī aqtul mūsā walyadʿu rabbahu innī akhāfu an yubaddila dīnakum aw an yuẓ'hira fī l-arḍi l-fasāda

Uyghur پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن».

Verse 27

وَقَالَ مُوسَىٰٓ إِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُم مِّن كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَّا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ

Transliteration waqāla mūsā innī ʿudh'tu birabbī warabbikum min kulli mutakabbirin lā yu'minu biyawmi l-ḥisābi

Uyghur مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن».

Verse 28

وَقَالَ رَجُلٌ مُّؤْمِنٌ مِّنْ ءَالِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَـٰنَهُۥٓ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَن يَقُولَ رَبِّىَ ٱللَّهُ وَقَدْ جَآءَكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ مِن رَّبِّكُمْ ۖ وَإِن يَكُ كَـٰذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُۥ ۖ وَإِن يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُم بَعْضُ ٱلَّذِى يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ

Transliteration waqāla rajulun mu'minun min āli fir'ʿawna yaktumu īmānahu ataqtulūna rajulan an yaqūla rabbiya l-lahu waqad jāakum bil-bayināti min rabbikum wa-in yaku kādhiban faʿalayhi kadhibuhu wa-in yaku ṣādiqan yuṣib'kum baʿḍu alladhī yaʿidukum inna l-laha lā yahdī man huwa mus'rifun kadhābun

Uyghur پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ.

Verse 29

يَـٰقَوْمِ لَكُمُ ٱلْمُلْكُ ٱلْيَوْمَ ظَـٰهِرِينَ فِى ٱلْأَرْضِ فَمَن يَنصُرُنَا مِنۢ بَأْسِ ٱللَّهِ إِن جَآءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَآ أُرِيكُمْ إِلَّا مَآ أَرَىٰ وَمَآ أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

Transliteration yāqawmi lakumu l-mul'ku l-yawma ẓāhirīna fī l-arḍi faman yanṣurunā min basi l-lahi in jāanā qāla fir'ʿawnu mā urīkum illā mā arā wamā ahdīkum illā sabīla l-rashādi

Uyghur ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن».

Verse 30

وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُم مِّثْلَ يَوْمِ ٱلْأَحْزَابِ

Transliteration waqāla alladhī āmana yāqawmi innī akhāfu ʿalaykum mith'la yawmi l-aḥzābi

Uyghur مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].

Verse 31

مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَٱلَّذِينَ مِنۢ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا ٱللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِّلْعِبَادِ

Transliteration mith'la dabi qawmi nūḥin waʿādin wathamūda wa-alladhīna min baʿdihim wamā l-lahu yurīdu ẓul'man lil'ʿibādi

Uyghur مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].

Verse 32

وَيَـٰقَوْمِ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ ٱلتَّنَادِ

Transliteration wayāqawmi innī akhāfu ʿalaykum yawma l-tanādi

Uyghur ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن.

Verse 33

يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُم مِّنَ ٱللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَن يُضْلِلِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِنْ هَادٍ

Transliteration yawma tuwallūna mud'birīna mā lakum mina l-lahi min ʿāṣimin waman yuḍ'lili l-lahu famā lahu min hādin

Uyghur ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ.

Verse 34

وَلَقَدْ جَآءَكُمْ يُوسُفُ مِن قَبْلُ بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَمَا زِلْتُمْ فِى شَكٍّ مِّمَّا جَآءَكُم بِهِۦ ۖ حَتَّىٰٓ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَن يَبْعَثَ ٱللَّهُ مِنۢ بَعْدِهِۦ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُّرْتَابٌ

Transliteration walaqad jāakum yūsufu min qablu bil-bayināti famā zil'tum fī shakkin mimmā jāakum bihi ḥattā idhā halaka qul'tum lan yabʿatha l-lahu min baʿdihi rasūlan kadhālika yuḍillu l-lahu man huwa mus'rifun mur'tābun

Uyghur شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۇسۇف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ».

Verse 35

ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ

Transliteration alladhīna yujādilūna fī āyāti l-lahi bighayri sul'ṭānin atāhum kabura maqtan ʿinda l-lahi waʿinda alladhīna āmanū kadhālika yaṭbaʿu l-lahu ʿalā kulli qalbi mutakabbirin jabbārin

Uyghur ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.

Verse 36

وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَـٰهَـٰمَـٰنُ ٱبْنِ لِى صَرْحًا لَّعَلِّىٓ أَبْلُغُ ٱلْأَسْبَـٰبَ

Transliteration waqāla fir'ʿawnu yāhāmānu ib'ni lī ṣarḥan laʿallī ablughu l-asbāba

Uyghur پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].

Verse 37

أَسْبَـٰبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰٓ إِلَـٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّى لَأَظُنُّهُۥ كَـٰذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ وَصُدَّ عَنِ ٱلسَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِى تَبَابٍ

Transliteration asbāba l-samāwāti fa-aṭṭaliʿa ilā ilāhi mūsā wa-innī la-aẓunnuhu kādhiban wakadhālika zuyyina lifir'ʿawna sūu ʿamalihi waṣudda ʿani l-sabīli wamā kaydu fir'ʿawna illā fī tabābin

Uyghur پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى[36ـ37].

Verse 38

وَقَالَ ٱلَّذِىٓ ءَامَنَ يَـٰقَوْمِ ٱتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ ٱلرَّشَادِ

Transliteration waqāla alladhī āmana yāqawmi ittabiʿūni ahdikum sabīla l-rashādi

Uyghur (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.

Verse 39

يَـٰقَوْمِ إِنَّمَا هَـٰذِهِ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا مَتَـٰعٌ وَإِنَّ ٱلْـَٔاخِرَةَ هِىَ دَارُ ٱلْقَرَارِ

Transliteration yāqawmi innamā hādhihi l-ḥayatu l-dun'yā matāʿun wa-inna l-ākhirata hiya dāru l-qarāri

Uyghur ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر.

Verse 40

مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰٓ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ

Transliteration man ʿamila sayyi-atan falā yuj'zā illā mith'lahā waman ʿamila ṣāliḥan min dhakarin aw unthā wahuwa mu'minun fa-ulāika yadkhulūna l-janata yur'zaqūna fīhā bighayri ḥisābin

Uyghur كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ.

Verse 41

۞ وَيَـٰقَوْمِ مَا لِىٓ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلنَّجَوٰةِ وَتَدْعُونَنِىٓ إِلَى ٱلنَّارِ

Transliteration wayāqawmi mā lī adʿūkum ilā l-najati watadʿūnanī ilā l-nāri

Uyghur ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ!

Verse 42

تَدْعُونَنِى لِأَكْفُرَ بِٱللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِۦ مَا لَيْسَ لِى بِهِۦ عِلْمٌ وَأَنَا۠ أَدْعُوكُمْ إِلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلْغَفَّـٰرِ

Transliteration tadʿūnanī li-akfura bil-lahi wa-ush'rika bihi mā laysa lī bihi ʿil'mun wa-anā adʿūkum ilā l-ʿazīzi l-ghafāri

Uyghur سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن.

Verse 43

لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِىٓ إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُۥ دَعْوَةٌ فِى ٱلدُّنْيَا وَلَا فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَآ إِلَى ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱلْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلنَّارِ

Transliteration lā jarama annamā tadʿūnanī ilayhi laysa lahu daʿwatun fī l-dun'yā walā fī l-ākhirati wa-anna maraddanā ilā l-lahi wa-anna l-mus'rifīna hum aṣḥābu l-nāri

Uyghur ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر.

Verse 44

فَسَتَذْكُرُونَ مَآ أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَصِيرٌۢ بِٱلْعِبَادِ

Transliteration fasatadhkurūna mā aqūlu lakum wa-ufawwiḍu amrī ilā l-lahi inna l-laha baṣīrun bil-ʿibādi

Uyghur (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».

Verse 45

فَوَقَىٰهُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِ مَا مَكَرُوا۟ ۖ وَحَاقَ بِـَٔالِ فِرْعَوْنَ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ

Transliteration fawaqāhu l-lahu sayyiāti mā makarū waḥāqa biāli fir'ʿawna sūu l-ʿadhābi

Uyghur ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى.

Verse 46

ٱلنَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ أَدْخِلُوٓا۟ ءَالَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ ٱلْعَذَابِ

Transliteration al-nāru yuʿ'raḍūna ʿalayhā ghuduwwan waʿashiyyan wayawma taqūmu l-sāʿatu adkhilū āla fir'ʿawna ashadda l-ʿadhābi

Uyghur ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ).

Verse 47

وَإِذْ يَتَحَآجُّونَ فِى ٱلنَّارِ فَيَقُولُ ٱلضُّعَفَـٰٓؤُا۟ لِلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِّنَ ٱلنَّارِ

Transliteration wa-idh yataḥājjūna fī l-nāri fayaqūlu l-ḍuʿafāu lilladhīna is'takbarū innā kunnā lakum tabaʿan fahal antum mugh'nūna ʿannā naṣīban mina l-nāri

Uyghur ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ.

Verse 48

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسْتَكْبَرُوٓا۟ إِنَّا كُلٌّ فِيهَآ إِنَّ ٱللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ ٱلْعِبَادِ

Transliteration qāla alladhīna is'takbarū innā kullun fīhā inna l-laha qad ḥakama bayna l-ʿibādi

Uyghur ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ.

Verse 49

وَقَالَ ٱلَّذِينَ فِى ٱلنَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ٱدْعُوا۟ رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِّنَ ٱلْعَذَابِ

Transliteration waqāla alladhīna fī l-nāri likhazanati jahannama id'ʿū rabbakum yukhaffif ʿannā yawman mina l-ʿadhābi

Uyghur دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ.

Verse 50

قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ ۚ قَالُوا۟ فَٱدْعُوا۟ ۗ وَمَا دُعَـٰٓؤُا۟ ٱلْكَـٰفِرِينَ إِلَّا فِى ضَلَـٰلٍ

Transliteration qālū awalam taku tatīkum rusulukum bil-bayināti qālū balā qālū fa-id'ʿū wamā duʿāu l-kāfirīna illā fī ḍalālin

Uyghur ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ.

Verse 51

إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَـٰدُ

Transliteration innā lananṣuru rusulanā wa-alladhīna āmanū fī l-ḥayati l-dun'yā wayawma yaqūmu l-ashhādu

Uyghur شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز.

Verse 52

يَوْمَ لَا يَنفَعُ ٱلظَّـٰلِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ ٱللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوٓءُ ٱلدَّارِ

Transliteration yawma lā yanfaʿu l-ẓālimīna maʿdhiratuhum walahumu l-laʿnatu walahum sūu l-dāri

Uyghur ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.

Verse 53

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ

Transliteration walaqad ātaynā mūsā l-hudā wa-awrathnā banī is'rāīla l-kitāba

Uyghur شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق.

Verse 54

هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ

Transliteration hudan wadhik'rā li-ulī l-albābi

Uyghur (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر.

Verse 55

فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ وَٱسْتَغْفِرْ لِذَنۢبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِبْكَـٰرِ

Transliteration fa-iṣ'bir inna waʿda l-lahi ḥaqqun wa-is'taghfir lidhanbika wasabbiḥ biḥamdi rabbika bil-ʿashiyi wal-ib'kāri

Uyghur (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.

Verse 56

إِنَّ ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَـٰنٍ أَتَىٰهُمْ ۙ إِن فِى صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَـٰلِغِيهِ ۚ فَٱسْتَعِذْ بِٱللَّهِ ۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْبَصِيرُ

Transliteration inna alladhīna yujādilūna fī āyāti l-lahi bighayri sul'ṭānin atāhum in fī ṣudūrihim illā kib'run mā hum bibālighīhi fa-is'taʿidh bil-lahi innahu huwa l-samīʿu l-baṣīru

Uyghur شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 57

لَخَلْقُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

Transliteration lakhalqu l-samāwāti wal-arḍi akbaru min khalqi l-nāsi walākinna akthara l-nāsi lā yaʿlamūna

Uyghur ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ.

Verse 58

وَمَا يَسْتَوِى ٱلْأَعْمَىٰ وَٱلْبَصِيرُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَلَا ٱلْمُسِىٓءُ ۚ قَلِيلًا مَّا تَتَذَكَّرُونَ

Transliteration wamā yastawī l-aʿmā wal-baṣīru wa-alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti walā l-musīu qalīlan mā tatadhakkarūna

Uyghur ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر.

Verse 59

إِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ

Transliteration inna l-sāʿata laātiyatun lā rayba fīhā walākinna akthara l-nāsi lā yu'minūna

Uyghur قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ).

Verse 60

وَقَالَ رَبُّكُمُ ٱدْعُونِىٓ أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِى سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ

Transliteration waqāla rabbukumu id'ʿūnī astajib lakum inna alladhīna yastakbirūna ʿan ʿibādatī sayadkhulūna jahannama dākhirīna

Uyghur پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ».

Verse 61

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيْلَ لِتَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ

Transliteration al-lahu alladhī jaʿala lakumu al-layla litaskunū fīhi wal-nahāra mub'ṣiran inna l-laha ladhū faḍlin ʿalā l-nāsi walākinna akthara l-nāsi lā yashkurūna

Uyghur (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ).

Verse 62

ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ خَـٰلِقُ كُلِّ شَىْءٍ لَّآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ

Transliteration dhālikumu l-lahu rabbukum khāliqu kulli shayin lā ilāha illā huwa fa-annā tu'fakūna

Uyghur ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟

Verse 63

كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ ٱلَّذِينَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ يَجْحَدُونَ

Transliteration kadhālika yu'faku alladhīna kānū biāyāti l-lahi yajḥadūna

Uyghur ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان).

Verse 64

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ ۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration al-lahu alladhī jaʿala lakumu l-arḍa qarāran wal-samāa bināan waṣawwarakum fa-aḥsana ṣuwarakum warazaqakum mina l-ṭayibāti dhālikumu l-lahu rabbukum fatabāraka l-lahu rabbu l-ʿālamīna

Uyghur ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.

Verse 65

هُوَ ٱلْحَىُّ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ فَٱدْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ ٱلدِّينَ ۗ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration huwa l-ḥayu lā ilāha illā huwa fa-id'ʿūhu mukh'liṣīna lahu l-dīna l-ḥamdu lillahi rabbi l-ʿālamīna

Uyghur ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!

Verse 66

۞ قُلْ إِنِّى نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَمَّا جَآءَنِىَ ٱلْبَيِّنَـٰتُ مِن رَّبِّى وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration qul innī nuhītu an aʿbuda alladhīna tadʿūna min dūni l-lahi lammā jāaniya l-bayinātu min rabbī wa-umir'tu an us'lima lirabbi l-ʿālamīna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم».

Verse 67

هُوَ ٱلَّذِى خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا۟ شُيُوخًا ۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوٓا۟ أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ

Transliteration huwa alladhī khalaqakum min turābin thumma min nuṭ'fatin thumma min ʿalaqatin thumma yukh'rijukum ṭif'lan thumma litablughū ashuddakum thumma litakūnū shuyūkhan waminkum man yutawaffā min qablu walitablughū ajalan musamman walaʿallakum taʿqilūna

Uyghur ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر.

Verse 68

هُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

Transliteration huwa alladhī yuḥ'yī wayumītu fa-idhā qaḍā amran fa-innamā yaqūlu lahu kun fayakūnu

Uyghur ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

Verse 69

أَلَمْ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يُجَـٰدِلُونَ فِىٓ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ

Transliteration alam tara ilā alladhīna yujādilūna fī āyāti l-lahi annā yuṣ'rafūna

Uyghur ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

Verse 70

ٱلَّذِينَ كَذَّبُوا۟ بِٱلْكِتَـٰبِ وَبِمَآ أَرْسَلْنَا بِهِۦ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

Transliteration alladhīna kadhabū bil-kitābi wabimā arsalnā bihi rusulanā fasawfa yaʿlamūna

Uyghur ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ

Verse 71

إِذِ ٱلْأَغْلَـٰلُ فِىٓ أَعْنَـٰقِهِمْ وَٱلسَّلَـٰسِلُ يُسْحَبُونَ

Transliteration idhi l-aghlālu fī aʿnāqihim wal-salāsilu yus'ḥabūna

Uyghur ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ[71ـ72].

Verse 72

فِى ٱلْحَمِيمِ ثُمَّ فِى ٱلنَّارِ يُسْجَرُونَ

Transliteration fī l-ḥamīmi thumma fī l-nāri yus'jarūna

Uyghur ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ[71ـ72].

Verse 73

ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تُشْرِكُونَ

Transliteration thumma qīla lahum ayna mā kuntum tush'rikūna

Uyghur ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ[73ـ74].

Verse 74

مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ قَالُوا۟ ضَلُّوا۟ عَنَّا بَل لَّمْ نَكُن نَّدْعُوا۟ مِن قَبْلُ شَيْـًٔا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلْكَـٰفِرِينَ

Transliteration min dūni l-lahi qālū ḍallū ʿannā bal lam nakun nadʿū min qablu shayan kadhālika yuḍillu l-lahu l-kāfirīna

Uyghur ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ[73ـ74].

Verse 75

ذَٰلِكُم بِمَا كُنتُمْ تَفْرَحُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَمْرَحُونَ

Transliteration dhālikum bimā kuntum tafraḥūna fī l-arḍi bighayri l-ḥaqi wabimā kuntum tamraḥūna

Uyghur بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.

Verse 76

ٱدْخُلُوٓا۟ أَبْوَٰبَ جَهَنَّمَ خَـٰلِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى ٱلْمُتَكَبِّرِينَ

Transliteration ud'khulū abwāba jahannama khālidīna fīhā fabi'sa mathwā l-mutakabirīna

Uyghur سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!

Verse 77

فَٱصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ ٱلَّذِى نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ

Transliteration fa-iṣ'bir inna waʿda l-lahi ḥaqqun fa-immā nuriyannaka baʿḍa alladhī naʿiduhum aw natawaffayannaka fa-ilaynā yur'jaʿūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ).

Verse 78

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِّن قَبْلِكَ مِنْهُم مَّن قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُم مَّن لَّمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَن يَأْتِىَ بِـَٔايَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۚ فَإِذَا جَآءَ أَمْرُ ٱللَّهِ قُضِىَ بِٱلْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْمُبْطِلُونَ

Transliteration walaqad arsalnā rusulan min qablika min'hum man qaṣaṣnā ʿalayka wamin'hum man lam naqṣuṣ ʿalayka wamā kāna lirasūlin an yatiya biāyatin illā bi-idh'ni l-lahi fa-idhā jāa amru l-lahi quḍiya bil-ḥaqi wakhasira hunālika l-mub'ṭilūna

Uyghur سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ.

Verse 79

ٱللَّهُ ٱلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمَ لِتَرْكَبُوا۟ مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ

Transliteration al-lahu alladhī jaʿala lakumu l-anʿāma litarkabū min'hā wamin'hā takulūna

Uyghur مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى.

Verse 80

وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ وَلِتَبْلُغُوا۟ عَلَيْهَا حَاجَةً فِى صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ

Transliteration walakum fīhā manāfiʿu walitablughū ʿalayhā ḥājatan fī ṣudūrikum waʿalayhā waʿalā l-ful'ki tuḥ'malūna

Uyghur ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر.

Verse 81

وَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَأَىَّ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُنكِرُونَ

Transliteration wayurīkum āyātihi fa-ayya āyāti l-lahi tunkirūna

Uyghur ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

Verse 82

أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَيَنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوٓا۟ أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَءَاثَارًا فِى ٱلْأَرْضِ فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

Transliteration afalam yasīrū fī l-arḍi fayanẓurū kayfa kāna ʿāqibatu alladhīna min qablihim kānū akthara min'hum wa-ashadda quwwatan waāthāran fī l-arḍi famā aghnā ʿanhum mā kānū yaksibūna

Uyghur ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.

Verse 83

فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ فَرِحُوا۟ بِمَا عِندَهُم مِّنَ ٱلْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

Transliteration falammā jāathum rusuluhum bil-bayināti fariḥū bimā ʿindahum mina l-ʿil'mi waḥāqa bihim mā kānū bihi yastahziūna

Uyghur ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى.

Verse 84

فَلَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَحْدَهُۥ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِۦ مُشْرِكِينَ

Transliteration falammā ra-aw basanā qālū āmannā bil-lahi waḥdahu wakafarnā bimā kunnā bihi mush'rikīna

Uyghur ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى.

Verse 85

فَلَمْ يَكُ يَنفَعُهُمْ إِيمَـٰنُهُمْ لَمَّا رَأَوْا۟ بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِى قَدْ خَلَتْ فِى عِبَادِهِۦ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ ٱلْكَـٰفِرُونَ

Transliteration falam yaku yanfaʿuhum īmānuhum lammā ra-aw basanā sunnata l-lahi allatī qad khalat fī ʿibādihi wakhasira hunālika l-kāfirūna

Uyghur بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى.

Read Surah Ghafir in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.