Surah Al-Haqqah in Uyghur: translation and audio
Surah 69 · الحاقة · The Reality · 52 verses
Surah Al-Haqqah verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Haqqah word by word in English.
Verse 1
ٱلْحَآقَّةُ
Transliteration al-ḥāqatu
Uyghur (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت.
Verse 2
مَا ٱلْحَآقَّةُ
Transliteration mā l-ḥāqatu
Uyghur قىيامەت نېمىدۇر؟
Verse 3
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْحَآقَّةُ
Transliteration wamā adrāka mā l-ḥāqatu
Uyghur قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
Verse 4
كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌۢ بِٱلْقَارِعَةِ
Transliteration kadhabat thamūdu waʿādun bil-qāriʿati
Uyghur سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى.
Verse 5
فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا۟ بِٱلطَّاغِيَةِ
Transliteration fa-ammā thamūdu fa-uh'likū bil-ṭāghiyati
Uyghur سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى.
Verse 6
وَأَمَّا عَادٌ فَأُهْلِكُوا۟ بِرِيحٍ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍ
Transliteration wa-ammā ʿādun fa-uh'likū birīḥin ṣarṣarin ʿātiyatin
Uyghur ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى.
Verse 7
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَـٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى ٱلْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
Transliteration sakharahā ʿalayhim sabʿa layālin wathamāniyata ayyāmin ḥusūman fatarā l-qawma fīhā ṣarʿā ka-annahum aʿjāzu nakhlin khāwiyatin
Uyghur ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى. (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن.
Verse 8
فَهَلْ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٍ
Transliteration fahal tarā lahum min bāqiyatin
Uyghur ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟
Verse 9
وَجَآءَ فِرْعَوْنُ وَمَن قَبْلَهُۥ وَٱلْمُؤْتَفِكَـٰتُ بِٱلْخَاطِئَةِ
Transliteration wajāa fir'ʿawnu waman qablahu wal-mu'tafikātu bil-khāṭi-ati
Uyghur پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى.
Verse 10
فَعَصَوْا۟ رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَّابِيَةً
Transliteration faʿaṣaw rasūla rabbihim fa-akhadhahum akhdhatan rābiyatan
Uyghur ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى.
Verse 11
إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلْمَآءُ حَمَلْنَـٰكُمْ فِى ٱلْجَارِيَةِ
Transliteration innā lammā ṭaghā l-māu ḥamalnākum fī l-jāriyati
Uyghur شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق
Verse 12
لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةً وَتَعِيَهَآ أُذُنٌ وَٰعِيَةٌ
Transliteration linajʿalahā lakum tadhkiratan wataʿiyahā udhunun wāʿiyatun
Uyghur سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[ـ12].
Verse 13
فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ نَفْخَةٌ وَٰحِدَةٌ
Transliteration fa-idhā nufikha fī l-ṣūri nafkhatun wāḥidatun
Uyghur بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا،
Verse 14
وَحُمِلَتِ ٱلْأَرْضُ وَٱلْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَٰحِدَةً
Transliteration waḥumilati l-arḍu wal-jibālu fadukkatā dakkatan wāḥidatan
Uyghur زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا،
Verse 15
فَيَوْمَئِذٍ وَقَعَتِ ٱلْوَاقِعَةُ
Transliteration fayawma-idhin waqaʿati l-wāqiʿatu
Uyghur بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ.
Verse 16
وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِىَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ
Transliteration wa-inshaqqati l-samāu fahiya yawma-idhin wāhiyatun
Uyghur ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.
Verse 17
وَٱلْمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرْجَآئِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍ ثَمَـٰنِيَةٌ
Transliteration wal-malaku ʿalā arjāihā wayaḥmilu ʿarsha rabbika fawqahum yawma-idhin thamāniyatun
Uyghur پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
Verse 18
يَوْمَئِذٍ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَىٰ مِنكُمْ خَافِيَةٌ
Transliteration yawma-idhin tuʿ'raḍūna lā takhfā minkum khāfiyatun
Uyghur بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر.
Verse 19
فَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقْرَءُوا۟ كِتَـٰبِيَهْ
Transliteration fa-ammā man ūtiya kitābahu biyamīnihi fayaqūlu hāumu iq'raū kitābiyah
Uyghur نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ[19ـ20].
Verse 20
إِنِّى ظَنَنتُ أَنِّى مُلَـٰقٍ حِسَابِيَهْ
Transliteration innī ẓanantu annī mulāqin ḥisābiyah
Uyghur نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ[19ـ20].
Verse 21
فَهُوَ فِى عِيشَةٍ رَّاضِيَةٍ
Transliteration fahuwa fī ʿīshatin rāḍiyatin
Uyghur ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ.
Verse 22
فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
Transliteration fī jannatin ʿāliyatin
Uyghur ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ.
Verse 23
قُطُوفُهَا دَانِيَةٌ
Transliteration quṭūfuhā dāniyatun
Uyghur ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ.
Verse 24
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَآ أَسْلَفْتُمْ فِى ٱلْأَيَّامِ ٱلْخَالِيَةِ
Transliteration kulū wa-ish'rabū hanīan bimā aslaftum fī l-ayāmi l-khāliyati
Uyghur (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال ـ خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ.
Verse 25
وَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى لَمْ أُوتَ كِتَـٰبِيَهْ
Transliteration wa-ammā man ūtiya kitābahu bishimālihi fayaqūlu yālaytanī lam ūta kitābiyah
Uyghur نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
Verse 26
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
Transliteration walam adri mā ḥisābiyah
Uyghur ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
Verse 27
يَـٰلَيْتَهَا كَانَتِ ٱلْقَاضِيَةَ
Transliteration yālaytahā kānati l-qāḍiyata
Uyghur دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!
Verse 28
مَآ أَغْنَىٰ عَنِّى مَالِيَهْ ۜ
Transliteration mā aghnā ʿannī māliyah
Uyghur مېنىڭ مال ـ مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى.
Verse 29
هَلَكَ عَنِّى سُلْطَـٰنِيَهْ
Transliteration halaka ʿannī sul'ṭāniyah
Uyghur مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى».
Verse 30
خُذُوهُ فَغُلُّوهُ
Transliteration khudhūhu faghullūhu
Uyghur (ئاللاھ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار،
Verse 31
ثُمَّ ٱلْجَحِيمَ صَلُّوهُ
Transliteration thumma l-jaḥīma ṣallūhu
Uyghur ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار، ئ
Verse 32
ثُمَّ فِى سِلْسِلَةٍ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًا فَٱسْلُكُوهُ
Transliteration thumma fī sil'silatin dharʿuhā sabʿūna dhirāʿan fa-us'lukūhu
Uyghur اندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار».
Verse 33
إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ ٱلْعَظِيمِ
Transliteration innahu kāna lā yu'minu bil-lahi l-ʿaẓīmi
Uyghur (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.
Verse 34
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ
Transliteration walā yaḥuḍḍu ʿalā ṭaʿāmi l-mis'kīni
Uyghur مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى.
Verse 35
فَلَيْسَ لَهُ ٱلْيَوْمَ هَـٰهُنَا حَمِيمٌ
Transliteration falaysa lahu l-yawma hāhunā ḥamīmun
Uyghur بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان) دوست يوقتۇر.
Verse 36
وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍ
Transliteration walā ṭaʿāmun illā min ghis'līnin
Uyghur ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر.
Verse 37
لَّا يَأْكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلْخَـٰطِـُٔونَ
Transliteration lā yakuluhu illā l-khāṭiūna
Uyghur ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ.
Verse 38
فَلَآ أُقْسِمُ بِمَا تُبْصِرُونَ
Transliteration falā uq'simu bimā tub'ṣirūna
Uyghur مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
Verse 39
وَمَا لَا تُبْصِرُونَ
Transliteration wamā lā tub'ṣirūna
Uyghur سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)[ـ39].
Verse 40
إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
Transliteration innahu laqawlu rasūlin karīmin
Uyghur بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر.
Verse 41
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَاعِرٍ ۚ قَلِيلًا مَّا تُؤْمِنُونَ
Transliteration wamā huwa biqawli shāʿirin qalīlan mā tu'minūna
Uyghur ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر. سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر.
Verse 42
وَلَا بِقَوْلِ كَاهِنٍ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ
Transliteration walā biqawli kāhinin qalīlan mā tadhakkarūna
Uyghur ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر.
Verse 43
تَنزِيلٌ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ
Transliteration tanzīlun min rabbi l-ʿālamīna
Uyghur (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
Verse 44
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ ٱلْأَقَاوِيلِ
Transliteration walaw taqawwala ʿalaynā baʿḍa l-aqāwīli
Uyghur ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا،
Verse 45
لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِٱلْيَمِينِ
Transliteration la-akhadhnā min'hu bil-yamīni
Uyghur ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق.
Verse 46
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ ٱلْوَتِينَ
Transliteration thumma laqaṭaʿnā min'hu l-watīna
Uyghur ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
Verse 47
فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَـٰجِزِينَ
Transliteration famā minkum min aḥadin ʿanhu ḥājizīna
Uyghur سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى.
Verse 48
وَإِنَّهُۥ لَتَذْكِرَةٌ لِّلْمُتَّقِينَ
Transliteration wa-innahu latadhkiratun lil'muttaqīna
Uyghur شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر.
Verse 49
وَإِنَّا لَنَعْلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ
Transliteration wa-innā lanaʿlamu anna minkum mukadhibīna
Uyghur بىز شەك ـ شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار.
Verse 50
وَإِنَّهُۥ لَحَسْرَةٌ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ
Transliteration wa-innahu laḥasratun ʿalā l-kāfirīna
Uyghur قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ.
Verse 51
وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلْيَقِينِ
Transliteration wa-innahu laḥaqqu l-yaqīni
Uyghur قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر.
Verse 52
فَسَبِّحْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلْعَظِيمِ
Transliteration fasabbiḥ bi-is'mi rabbika l-ʿaẓīmi
Uyghur ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن.
Read Surah Al-Haqqah in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.