Surah Al-Hajj in Uyghur: translation and audio
Surah 22 · الحج · The Pilgrimage · 78 verses
Surah Al-Hajj verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Hajj word by word in English.
Verse 1
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱتَّقُوا۟ رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ ٱلسَّاعَةِ شَىْءٌ عَظِيمٌ
Transliteration yāayyuhā l-nāsu ittaqū rabbakum inna zalzalata l-sāʿati shayon ʿaẓīmun
Uyghur ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر.
Verse 2
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّآ أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى ٱلنَّاسَ سُكَـٰرَىٰ وَمَا هُم بِسُكَـٰرَىٰ وَلَـٰكِنَّ عَذَابَ ٱللَّهِ شَدِيدٌ
Transliteration yawma tarawnahā tadhhalu kullu mur'ḍiʿatin ʿammā arḍaʿat wataḍaʿu kullu dhāti ḥamlin ḥamlahā watarā l-nāsa sukārā wamā hum bisukārā walākinna ʿadhāba l-lahi shadīdun
Uyghur ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.
Verse 3
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَـٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَـٰنٍ مَّرِيدٍ
Transliteration wamina l-nāsi man yujādilu fī l-lahi bighayri ʿil'min wayattabiʿu kulla shayṭānin marīdin
Uyghur بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ قۇدرىتى ۋە سۈپەتلىرى) ئۈستىدە ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەر بىر سەركەش شەيتانغا (يەنى ھەقتىن توسقۇچى كۇففارلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىدۇ.
Verse 4
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُۥ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُۥ يُضِلُّهُۥ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
Transliteration kutiba ʿalayhi annahu man tawallāhu fa-annahu yuḍilluhu wayahdīhi ilā ʿadhābi l-saʿīri
Uyghur ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن، شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ.
Verse 5
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِن كُنتُمْ فِى رَيْبٍ مِّنَ ٱلْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَـٰكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِن مُّضْغَةٍ مُّخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِّنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِى ٱلْأَرْحَامِ مَا نَشَآءُ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوٓا۟ أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰٓ أَرْذَلِ ٱلْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنۢ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْـًٔا ۚ وَتَرَى ٱلْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَآ أَنزَلْنَا عَلَيْهَا ٱلْمَآءَ ٱهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنۢبَتَتْ مِن كُلِّ زَوْجٍۭ بَهِيجٍ
Transliteration yāayyuhā l-nāsu in kuntum fī raybin mina l-baʿthi fa-innā khalaqnākum min turābin thumma min nuṭ'fatin thumma min ʿalaqatin thumma min muḍ'ghatin mukhallaqatin waghayri mukhallaqatin linubayyina lakum wanuqirru fī l-arḥāmi mā nashāu ilā ajalin musamman thumma nukh'rijukum ṭif'lan thumma litablughū ashuddakum waminkum man yutawaffā waminkum man yuraddu ilā ardhali l-ʿumuri likaylā yaʿlama min baʿdi ʿil'min shayan watarā l-arḍa hāmidatan fa-idhā anzalnā ʿalayhā l-māa ih'tazzat warabat wa-anbatat min kulli zawjin bahījin
Uyghur ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا ـ ئاستا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ.
Verse 6
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّهُۥ يُحْىِ ٱلْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Transliteration dhālika bi-anna l-laha huwa l-ḥaqu wa-annahu yuḥ'yī l-mawtā wa-annahu ʿalā kulli shayin qadīrun
Uyghur بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
Verse 7
وَأَنَّ ٱلسَّاعَةَ ءَاتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ ٱللَّهَ يَبْعَثُ مَن فِى ٱلْقُبُورِ
Transliteration wa-anna l-sāʿata ātiyatun lā rayba fīhā wa-anna l-laha yabʿathu man fī l-qubūri
Uyghur شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
Verse 8
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَـٰدِلُ فِى ٱللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَـٰبٍ مُّنِيرٍ
Transliteration wamina l-nāsi man yujādilu fī l-lahi bighayri ʿil'min walā hudan walā kitābin munīrin
Uyghur بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچقانداق ھەقىقىي ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى - خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر).
Verse 9
ثَانِىَ عِطْفِهِۦ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۖ لَهُۥ فِى ٱلدُّنْيَا خِزْىٌ ۖ وَنُذِيقُهُۥ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ عَذَابَ ٱلْحَرِيقِ
Transliteration thāniya ʿiṭ'fihi liyuḍilla ʿan sabīli l-lahi lahu fī l-dun'yā khiz'yun wanudhīquhu yawma l-qiyāmati ʿadhāba l-ḥarīqi
Uyghur ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز.
Verse 10
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّـٰمٍ لِّلْعَبِيدِ
Transliteration dhālika bimā qaddamat yadāka wa-anna l-laha laysa biẓallāmin lil'ʿabīdi
Uyghur (ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ).
Verse 11
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَعْبُدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُۥ خَيْرٌ ٱطْمَأَنَّ بِهِۦ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ ٱنقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِۦ خَسِرَ ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْخُسْرَانُ ٱلْمُبِينُ
Transliteration wamina l-nāsi man yaʿbudu l-laha ʿalā ḥarfin fa-in aṣābahu khayrun iṭ'ma-anna bihi wa-in aṣābathu fit'natun inqalaba ʿalā wajhihi khasira l-dun'yā wal-ākhirata dhālika huwa l-khus'rānu l-mubīnu
Uyghur بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر.
Verse 12
يَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُۥ وَمَا لَا يَنفَعُهُۥ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلضَّلَـٰلُ ٱلْبَعِيدُ
Transliteration yadʿū min dūni l-lahi mā lā yaḍurruhu wamā lā yanfaʿuhu dhālika huwa l-ḍalālu l-baʿīdu
Uyghur ئۇ ئاللاھنى قويۇپ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر.
Verse 13
يَدْعُوا۟ لَمَن ضَرُّهُۥٓ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِۦ ۚ لَبِئْسَ ٱلْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ ٱلْعَشِيرُ
Transliteration yadʿū laman ḍarruhu aqrabu min nafʿihi labi'sa l-mawlā walabi'sa l-ʿashīru
Uyghur ئۇ ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ مەبۇد) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر.
Verse 14
إِنَّ ٱللَّهَ يُدْخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
Transliteration inna l-laha yud'khilu alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti jannātin tajrī min taḥtihā l-anhāru inna l-laha yafʿalu mā yurīdu
Uyghur شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ).
Verse 15
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ ٱللَّهُ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى ٱلسَّمَآءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُۥ مَا يَغِيظُ
Transliteration man kāna yaẓunnu an lan yanṣurahu l-lahu fī l-dun'yā wal-ākhirati falyamdud bisababin ilā l-samāi thumma l'yaqṭaʿ falyanẓur hal yudh'hibanna kayduhu mā yaghīẓu
Uyghur كىمكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئويلايدىكەن، ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا. چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ).
Verse 16
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَـٰهُ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ وَأَنَّ ٱللَّهَ يَهْدِى مَن يُرِيدُ
Transliteration wakadhālika anzalnāhu āyātin bayyinātin wa-anna l-laha yahdī man yurīdu
Uyghur شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش)، قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ).
Verse 17
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَٱلَّذِينَ هَادُوا۟ وَٱلصَّـٰبِـِٔينَ وَٱلنَّصَـٰرَىٰ وَٱلْمَجُوسَ وَٱلَّذِينَ أَشْرَكُوٓا۟ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدٌ
Transliteration inna alladhīna āmanū wa-alladhīna hādū wal-ṣābiīna wal-naṣārā wal-majūsa wa-alladhīna ashrakū inna l-laha yafṣilu baynahum yawma l-qiyāmati inna l-laha ʿalā kulli shayin shahīdun
Uyghur مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 18
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَسْجُدُ لَهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ وَٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ وَٱلنُّجُومُ وَٱلْجِبَالُ وَٱلشَّجَرُ وَٱلدَّوَآبُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ ٱلنَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ ٱلْعَذَابُ ۗ وَمَن يُهِنِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّكْرِمٍ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَآءُ ۩
Transliteration alam tara anna l-laha yasjudu lahu man fī l-samāwāti waman fī l-arḍi wal-shamsu wal-qamaru wal-nujūmu wal-jibālu wal-shajaru wal-dawābu wakathīrun mina l-nāsi wakathīrun ḥaqqa ʿalayhi l-ʿadhābu waman yuhini l-lahu famā lahu min muk'rimin inna l-laha yafʿalu mā yashāu
Uyghur بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ).
Verse 19
۞ هَـٰذَانِ خَصْمَانِ ٱخْتَصَمُوا۟ فِى رَبِّهِمْ ۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ ٱلْحَمِيمُ
Transliteration hādhāni khaṣmāni ikh'taṣamū fī rabbihim fa-alladhīna kafarū quṭṭiʿat lahum thiyābun min nārin yuṣabbu min fawqi ruūsihimu l-ḥamīmu
Uyghur (مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستىدە بەس ـ مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قۇيۇلىدۇ.
Verse 20
يُصْهَرُ بِهِۦ مَا فِى بُطُونِهِمْ وَٱلْجُلُودُ
Transliteration yuṣ'haru bihi mā fī buṭūnihim wal-julūdu
Uyghur ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ -باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ.
Verse 21
وَلَهُم مَّقَـٰمِعُ مِنْ حَدِيدٍ
Transliteration walahum maqāmiʿu min ḥadīdin
Uyghur ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ.
Verse 22
كُلَّمَآ أَرَادُوٓا۟ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَا مِنْ غَمٍّ أُعِيدُوا۟ فِيهَا وَذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْحَرِيقِ
Transliteration kullamā arādū an yakhrujū min'hā min ghammin uʿīdū fīhā wadhūqū ʿadhāba l-ḥarīqi
Uyghur ھەر قاچان ئۇلار (يېتىۋاتقان) غەم ـ قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ، (ئۇلارغا) كۆيدۈرگۈچى (دوزاخ) ئازابىنى تېتىڭلار (دېيىلىدۇ).
Verse 23
إِنَّ ٱللَّهَ يُدْخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ جَنَّـٰتٍ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
Transliteration inna l-laha yud'khilu alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti jannātin tajrī min taḥtihā l-anhāru yuḥallawna fīhā min asāwira min dhahabin walu'lu-an walibāsuhum fīhā ḥarīrun
Uyghur ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بۇيۇملىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.
Verse 24
وَهُدُوٓا۟ إِلَى ٱلطَّيِّبِ مِنَ ٱلْقَوْلِ وَهُدُوٓا۟ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْحَمِيدِ
Transliteration wahudū ilā l-ṭayibi mina l-qawli wahudū ilā ṣirāṭi l-ḥamīdi
Uyghur ئۇلار ياخشى سۆزگە (يەنى كەلىمە تەۋھىدكە) ھىدايەت قىلىندى. ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىندى.
Verse 25
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ٱلَّذِى جَعَلْنَـٰهُ لِلنَّاسِ سَوَآءً ٱلْعَـٰكِفُ فِيهِ وَٱلْبَادِ ۚ وَمَن يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍۭ بِظُلْمٍ نُّذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
Transliteration inna alladhīna kafarū wayaṣuddūna ʿan sabīli l-lahi wal-masjidi l-ḥarāmi alladhī jaʿalnāhu lilnnāsi sawāan l-ʿākifu fīhi wal-bādi waman yurid fīhi bi-il'ḥādin biẓul'min nudhiq'hu min ʿadhābin alīmin
Uyghur كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا _ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن _ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز.
Verse 26
وَإِذْ بَوَّأْنَا لِإِبْرَٰهِيمَ مَكَانَ ٱلْبَيْتِ أَن لَّا تُشْرِكْ بِى شَيْـًٔا وَطَهِّرْ بَيْتِىَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلْقَآئِمِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
Transliteration wa-idh bawwanā li-ib'rāhīma makāna l-bayti an lā tush'rik bī shayan waṭahhir baytiya lilṭṭāifīna wal-qāimīna wal-rukaʿi l-sujūdi
Uyghur ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا بەيتۇللاھنىڭ ئورنىنى تەيىنلەپ بەردۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگىن، تاۋاپ قىلغۇچىلارغا، قىيامدا تۇرغۇچىلارغا، رۇكۇ قىلغۇچىلارغا، سەجدە قىلغۇچىلارغا مېنىڭ ئۆيۈمنى پاك قىلغىن.
Verse 27
وَأَذِّن فِى ٱلنَّاسِ بِٱلْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ
Transliteration wa-adhin fī l-nāsi bil-ḥaji yatūka rijālan waʿalā kulli ḍāmirin yatīna min kulli fajjin ʿamīqin
Uyghur كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا (ئۇلارنى) ھەجگە چاقىرىپ نىدا قىلغىن، ئۇلار پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىدۇ، ئورۇق تۆگىلەر يىراق يوللارنى بېسىپ كېلىدۇ.
Verse 28
لِّيَشْهَدُوا۟ مَنَـٰفِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ فِىٓ أَيَّامٍ مَّعْلُومَـٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلْأَنْعَـٰمِ ۖ فَكُلُوا۟ مِنْهَا وَأَطْعِمُوا۟ ٱلْبَآئِسَ ٱلْفَقِيرَ
Transliteration liyashhadū manāfiʿa lahum wayadhkurū is'ma l-lahi fī ayyāmin maʿlūmātin ʿalā mā razaqahum min bahīmati l-anʿāmi fakulū min'hā wa-aṭʿimū l-bāisa l-faqīra
Uyghur كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار.
Verse 29
ثُمَّ لْيَقْضُوا۟ تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا۟ نُذُورَهُمْ وَلْيَطَّوَّفُوا۟ بِٱلْبَيْتِ ٱلْعَتِيقِ
Transliteration thumma l'yaqḍū tafathahum walyūfū nudhūrahum walyaṭṭawwafū bil-bayti l-ʿatīqi
Uyghur ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن (يەنى ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئالسۇن)، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن، قەدىمىي بەيت (يەنى بەيتۇللاھنى) تاۋاپ قىلسۇن.
Verse 30
ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ حُرُمَـٰتِ ٱللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ ۗ وَأُحِلَّتْ لَكُمُ ٱلْأَنْعَـٰمُ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ ۖ فَٱجْتَنِبُوا۟ ٱلرِّجْسَ مِنَ ٱلْأَوْثَـٰنِ وَٱجْتَنِبُوا۟ قَوْلَ ٱلزُّورِ
Transliteration dhālika waman yuʿaẓẓim ḥurumāti l-lahi fahuwa khayrun lahu ʿinda rabbihi wa-uḥillat lakumu l-anʿāmu illā mā yut'lā ʿalaykum fa-ij'tanibū l-rij'sa mina l-awthāni wa-ij'tanibū qawla l-zūri
Uyghur (ھەج ئىبادىتى) ئەنە شۇدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا (يەنى ھەج جەريانىدا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلەنسە)، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى) ئۈچۈن ياخشىدۇر، سىلەرگە چاھارپايلاردىن قۇرئاندا (ھاراملىقى) بايان قىلىنغانلىرىدىن باشقىلىرى ھالال قىلىندى. سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن ساقلىنىڭلار، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن ساقلىنىڭلار.
Verse 31
حُنَفَآءَ لِلَّهِ غَيْرَ مُشْرِكِينَ بِهِۦ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِٱللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ ٱلسَّمَآءِ فَتَخْطَفُهُ ٱلطَّيْرُ أَوْ تَهْوِى بِهِ ٱلرِّيحُ فِى مَكَانٍ سَحِيقٍ
Transliteration ḥunafāa lillahi ghayra mush'rikīna bihi waman yush'rik bil-lahi faka-annamā kharra mina l-samāi fatakhṭafuhu l-ṭayru aw tahwī bihi l-rīḥu fī makānin saḥīqin
Uyghur ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
Verse 32
ذَٰلِكَ وَمَن يُعَظِّمْ شَعَـٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقْوَى ٱلْقُلُوبِ
Transliteration dhālika waman yuʿaẓẓim shaʿāira l-lahi fa-innahā min taqwā l-qulūbi
Uyghur ئىش مانا شۇنداق، كىمكى دىنىي ئىشلارنى (جۈملىدىن ھەجنىڭ ئەمەللىرىنى، قۇربانلىقلارنى) ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ، دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدىندۇر.
Verse 33
لَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ إِلَىٰٓ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَآ إِلَى ٱلْبَيْتِ ٱلْعَتِيقِ
Transliteration lakum fīhā manāfiʿu ilā ajalin musamman thumma maḥilluhā ilā l-bayti l-ʿatīqi
Uyghur مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى ھەرەمدۇر).
Verse 34
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا لِّيَذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلْأَنْعَـٰمِ ۗ فَإِلَـٰهُكُمْ إِلَـٰهٌ وَٰحِدٌ فَلَهُۥٓ أَسْلِمُوا۟ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُخْبِتِينَ
Transliteration walikulli ummatin jaʿalnā mansakan liyadhkurū is'ma l-lahi ʿalā mā razaqahum min bahīmati l-anʿāmi fa-ilāhukum ilāhun wāḥidun falahu aslimū wabashiri l-mukh'bitīna
Uyghur ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلغانلىرىدا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن دەپ، ئۇلارغا قۇربانلىقنى بەلگىلىدۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار، ئىتائەتمەنلەرگە خۇشخەۋەر بەرگىن.
Verse 35
ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَٱلصَّـٰبِرِينَ عَلَىٰ مَآ أَصَابَهُمْ وَٱلْمُقِيمِى ٱلصَّلَوٰةِ وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ
Transliteration alladhīna idhā dhukira l-lahu wajilat qulūbuhum wal-ṣābirīna ʿalā mā aṣābahum wal-muqīmī l-ṣalati wamimmā razaqnāhum yunfiqūna
Uyghur ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى ئاللاھ ياد ئېتىلسە، ئۇلارنىڭ دىللىرى قورقۇپ (تىترەيدۇ)، ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىدۇ، ناماز ئۆتەيدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) بېرىدۇ.
Verse 36
وَٱلْبُدْنَ جَعَلْنَـٰهَا لَكُم مِّن شَعَـٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمْ فِيهَا خَيْرٌ ۖ فَٱذْكُرُوا۟ ٱسْمَ ٱللَّهِ عَلَيْهَا صَوَآفَّ ۖ فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا۟ مِنْهَا وَأَطْعِمُوا۟ ٱلْقَانِعَ وَٱلْمُعْتَرَّ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرْنَـٰهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
Transliteration wal-bud'na jaʿalnāhā lakum min shaʿāiri l-lahi lakum fīhā khayrun fa-udh'kurū is'ma l-lahi ʿalayhā ṣawāffa fa-idhā wajabat junūbuhā fakulū min'hā wa-aṭʿimū l-qāniʿa wal-muʿ'tara kadhālika sakharnāhā lakum laʿallakum tashkurūna
Uyghur (كەبىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان) تۆگىنى ئاللاھنىڭ (دىننىڭ) ئالامەتلىرىدىن (يەنى ھەجنىڭ ئەھكاملىرىدىن) قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەرگە نۇرغۇن پايدا بار، ئۇلارنى قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇپ (يەنى ئۇلارنىڭ ئالدى سول پۇتىنى باغلاپ، ئۈچ پۇت بىلەن تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىغىنىڭلاردا) ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئۇلار بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندا، ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق.
Verse 37
لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَـٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقْوَىٰ مِنكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمْ لِتُكَبِّرُوا۟ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمْ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُحْسِنِينَ
Transliteration lan yanāla l-laha luḥūmuhā walā dimāuhā walākin yanāluhu l-taqwā minkum kadhālika sakharahā lakum litukabbirū l-laha ʿalā mā hadākum wabashiri l-muḥ'sinīna
Uyghur ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ۋە قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، ئاللاھقا يېتىدىغىنى پەقەت سىلەرنىڭ تەقۋادارلىقىڭلاردۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا (ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن.
Verse 38
۞ إِنَّ ٱللَّهَ يُدَٰفِعُ عَنِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
Transliteration inna l-laha yudāfiʿu ʿani alladhīna āmanū inna l-laha lā yuḥibbu kulla khawwānin kafūrin
Uyghur ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ.
Verse 39
أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَـٰتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا۟ ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ
Transliteration udhina lilladhīna yuqātalūna bi-annahum ẓulimū wa-inna l-laha ʿalā naṣrihim laqadīrun
Uyghur ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر.
Verse 40
ٱلَّذِينَ أُخْرِجُوا۟ مِن دِيَـٰرِهِم بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّهُدِّمَتْ صَوَٰمِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَٰتٌ وَمَسَـٰجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا ٱسْمُ ٱللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنصُرَنَّ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِىٌّ عَزِيزٌ
Transliteration alladhīna ukh'rijū min diyārihim bighayri ḥaqqin illā an yaqūlū rabbunā l-lahu walawlā dafʿu l-lahi l-nāsa baʿḍahum bibaʿḍin lahuddimat ṣawāmiʿu wabiyaʿun waṣalawātun wamasājidu yudh'karu fīhā us'mu l-lahi kathīran walayanṣuranna l-lahu man yanṣuruhu inna l-laha laqawiyyun ʿazīzun
Uyghur (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
Verse 41
ٱلَّذِينَ إِن مَّكَّنَّـٰهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ أَقَامُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَمَرُوا۟ بِٱلْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا۟ عَنِ ٱلْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَـٰقِبَةُ ٱلْأُمُورِ
Transliteration alladhīna in makkannāhum fī l-arḍi aqāmū l-ṣalata waātawū l-zakata wa-amarū bil-maʿrūfi wanahaw ʿani l-munkari walillahi ʿāqibatu l-umūri
Uyghur (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ).
Verse 42
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ
Transliteration wa-in yukadhibūka faqad kadhabat qablahum qawmu nūḥin waʿādun wathamūdu
Uyghur ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
Verse 43
وَقَوْمُ إِبْرَٰهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ
Transliteration waqawmu ib'rāhīma waqawmu lūṭin
Uyghur ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
Verse 44
وَأَصْحَـٰبُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَـٰفِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
Transliteration wa-aṣḥābu madyana wakudhiba mūsā fa-amlaytu lil'kāfirīna thumma akhadhtuhum fakayfa kāna nakīri
Uyghur ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
Verse 45
فَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَـٰهَا وَهِىَ ظَالِمَةٌ فَهِىَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُّعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَّشِيدٍ
Transliteration faka-ayyin min qaryatin ahlaknāhā wahiya ẓālimatun fahiya khāwiyatun ʿalā ʿurūshihā wabi'rin muʿaṭṭalatin waqaṣrin mashīdin
Uyghur نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان، نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان.
Verse 46
أَفَلَمْ يَسِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَآ أَوْ ءَاذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى ٱلْأَبْصَـٰرُ وَلَـٰكِن تَعْمَى ٱلْقُلُوبُ ٱلَّتِى فِى ٱلصُّدُورِ
Transliteration afalam yasīrū fī l-arḍi fatakūna lahum qulūbun yaʿqilūna bihā aw ādhānun yasmaʿūna bihā fa-innahā lā taʿmā l-abṣāru walākin taʿmā l-qulūbu allatī fī l-ṣudūri
Uyghur ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ).
Verse 47
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِٱلْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ ٱللَّهُ وَعْدَهُۥ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
Transliteration wayastaʿjilūnaka bil-ʿadhābi walan yukh'lifa l-lahu waʿdahu wa-inna yawman ʿinda rabbika ka-alfi sanatin mimmā taʿuddūna
Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى ـ سائىتى بولىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ (ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر.
Verse 48
وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِىَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَىَّ ٱلْمَصِيرُ
Transliteration waka-ayyin min qaryatin amlaytu lahā wahiya ẓālimatun thumma akhadhtuhā wa-ilayya l-maṣīru
Uyghur نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ).
Verse 49
قُلْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَآ أَنَا۠ لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
Transliteration qul yāayyuhā l-nāsu innamā anā lakum nadhīrun mubīnun
Uyghur (ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
Verse 50
فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
Transliteration fa-alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti lahum maghfiratun wariz'qun karīmun
Uyghur ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ.
Verse 51
وَٱلَّذِينَ سَعَوْا۟ فِىٓ ءَايَـٰتِنَا مُعَـٰجِزِينَ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَحِيمِ
Transliteration wa-alladhīna saʿaw fī āyātinā muʿājizīna ulāika aṣḥābu l-jaḥīmi
Uyghur بىزنى ئاجىز بىلىپ ئايەتلىرىمىزنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقۇچىلار ـ ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر.
Verse 52
وَمَآ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ وَلَا نَبِىٍّ إِلَّآ إِذَا تَمَنَّىٰٓ أَلْقَى ٱلشَّيْطَـٰنُ فِىٓ أُمْنِيَّتِهِۦ فَيَنسَخُ ٱللَّهُ مَا يُلْقِى ٱلشَّيْطَـٰنُ ثُمَّ يُحْكِمُ ٱللَّهُ ءَايَـٰتِهِۦ ۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
Transliteration wamā arsalnā min qablika min rasūlin walā nabiyyin illā idhā tamannā alqā l-shayṭānu fī um'niyyatihi fayansakhu l-lahu mā yul'qī l-shayṭānu thumma yuḥ'kimu l-lahu āyātihi wal-lahu ʿalīmun ḥakīmun
Uyghur بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
Verse 53
لِّيَجْعَلَ مَا يُلْقِى ٱلشَّيْطَـٰنُ فِتْنَةً لِّلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ لَفِى شِقَاقٍۭ بَعِيدٍ
Transliteration liyajʿala mā yul'qī l-shayṭānu fit'natan lilladhīna fī qulūbihim maraḍun wal-qāsiyati qulūbuhum wa-inna l-ẓālimīna lafī shiqāqin baʿīdin
Uyghur (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا كېسەل بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئاللاھنىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەسلەرنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر. زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر.
Verse 54
وَلِيَعْلَمَ ٱلَّذِينَ أُوتُوا۟ ٱلْعِلْمَ أَنَّهُ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَيُؤْمِنُوا۟ بِهِۦ فَتُخْبِتَ لَهُۥ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهَادِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ
Transliteration waliyaʿlama alladhīna ūtū l-ʿil'ma annahu l-ḥaqu min rabbika fayu'minū bihi fatukh'bita lahu qulūbuhum wa-inna l-laha lahādi alladhīna āmanū ilā ṣirāṭin mus'taqīmin
Uyghur (ئاللاھتائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشلىرى، دىللىرىنىڭ قۇرئانغا بوي سۇنۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر.
Verse 55
وَلَا يَزَالُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى مِرْيَةٍ مِّنْهُ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغْتَةً أَوْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَقِيمٍ
Transliteration walā yazālu alladhīna kafarū fī mir'yatin min'hu ḥattā tatiyahumu l-sāʿatu baghtatan aw yatiyahum ʿadhābu yawmin ʿaqīmin
Uyghur كاپىرلار تاكى ئۇلارغا قىيامەت ئۇشتۇمتۇت كەلگۈچە ياكى ئۇلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى يەتكۈچە قۇرئاندىن ھامان شەكلىنىدۇ.
Verse 56
ٱلْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ
Transliteration al-mul'ku yawma-idhin lillahi yaḥkumu baynahum fa-alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti fī jannāti l-naʿīmi
Uyghur بۇ كۈندە پادىشاھلىق (يالغۇز) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (تۈرلۈك) نازۇ- نېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ.
Verse 57
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ
Transliteration wa-alladhīna kafarū wakadhabū biāyātinā fa-ulāika lahum ʿadhābun muhīnun
Uyghur كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (دوزاختا) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
Verse 58
وَٱلَّذِينَ هَاجَرُوا۟ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوٓا۟ أَوْ مَاتُوا۟ لَيَرْزُقَنَّهُمُ ٱللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
Transliteration wa-alladhīna hājarū fī sabīli l-lahi thumma qutilū aw mātū layarzuqannahumu l-lahu riz'qan ḥasanan wa-inna l-laha lahuwa khayru l-rāziqīna
Uyghur ئاللاھنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە ئاللاھ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز ئاللاھتۇر.
Verse 59
لَيُدْخِلَنَّهُم مُّدْخَلًا يَرْضَوْنَهُۥ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ
Transliteration layud'khilannahum mud'khalan yarḍawnahu wa-inna l-laha laʿalīmun ḥalīmun
Uyghur ئاللاھ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جايغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان نەرسىلەرنى) بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ).
Verse 60
۞ ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِۦ ثُمَّ بُغِىَ عَلَيْهِ لَيَنصُرَنَّهُ ٱللَّهُ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ
Transliteration dhālika waman ʿāqaba bimith'li mā ʿūqiba bihi thumma bughiya ʿalayhi layanṣurannahu l-lahu inna l-laha laʿafuwwun ghafūrun
Uyghur ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
Verse 61
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ يُولِجُ ٱلَّيْلَ فِى ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِى ٱلَّيْلِ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ
Transliteration dhālika bi-anna l-laha yūliju al-layla fī l-nahāri wayūliju l-nahāra fī al-layli wa-anna l-laha samīʿun baṣīrun
Uyghur (شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 62
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِۦ هُوَ ٱلْبَـٰطِلُ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلْعَلِىُّ ٱلْكَبِيرُ
Transliteration dhālika bi-anna l-laha huwa l-ḥaqu wa-anna mā yadʿūna min dūnihi huwa l-bāṭilu wa-anna l-laha huwa l-ʿaliyu l-kabīru
Uyghur (بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.
Verse 63
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَتُصْبِحُ ٱلْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
Transliteration alam tara anna l-laha anzala mina l-samāi māan fatuṣ'biḥu l-arḍu mukh'ḍarratan inna l-laha laṭīfun khabīrun
Uyghur ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
Verse 64
لَّهُۥ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَهُوَ ٱلْغَنِىُّ ٱلْحَمِيدُ
Transliteration lahu mā fī l-samāwāti wamā fī l-arḍi wa-inna l-laha lahuwa l-ghaniyu l-ḥamīdu
Uyghur ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر.
Verse 65
أَلَمْ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلْأَرْضِ وَٱلْفُلْكَ تَجْرِى فِى ٱلْبَحْرِ بِأَمْرِهِۦ وَيُمْسِكُ ٱلسَّمَآءَ أَن تَقَعَ عَلَى ٱلْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
Transliteration alam tara anna l-laha sakhara lakum mā fī l-arḍi wal-ful'ka tajrī fī l-baḥri bi-amrihi wayum'siku l-samāa an taqaʿa ʿalā l-arḍi illā bi-idh'nihi inna l-laha bil-nāsi laraūfun raḥīmun
Uyghur ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 66
وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لَكَفُورٌ
Transliteration wahuwa alladhī aḥyākum thumma yumītukum thumma yuḥ'yīkum inna l-insāna lakafūrun
Uyghur ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر.
Verse 67
لِّكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَـٰزِعُنَّكَ فِى ٱلْأَمْرِ ۚ وَٱدْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُّسْتَقِيمٍ
Transliteration likulli ummatin jaʿalnā mansakan hum nāsikūhu falā yunāziʿunnaka fī l-amri wa-ud'ʿu ilā rabbika innaka laʿalā hudan mus'taqīmin
Uyghur ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن.
Verse 68
وَإِن جَـٰدَلُوكَ فَقُلِ ٱللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
Transliteration wa-in jādalūka faquli l-lahu aʿlamu bimā taʿmalūna
Uyghur ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
Verse 69
ٱللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
Transliteration al-lahu yaḥkumu baynakum yawma l-qiyāmati fīmā kuntum fīhi takhtalifūna
Uyghur ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
Verse 70
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِى كِتَـٰبٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٌ
Transliteration alam taʿlam anna l-laha yaʿlamu mā fī l-samāi wal-arḍi inna dhālika fī kitābin inna dhālika ʿalā l-lahi yasīrun
Uyghur بىلمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان.
Verse 71
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِۦ سُلْطَـٰنًا وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِۦ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّـٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
Transliteration wayaʿbudūna min dūni l-lahi mā lam yunazzil bihi sul'ṭānan wamā laysa lahum bihi ʿil'mun wamā lilẓẓālimīna min naṣīrin
Uyghur ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق.
Verse 72
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ تَعْرِفُ فِى وُجُوهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلْمُنكَرَ ۖ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِٱلَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتِنَا ۗ قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرٍّ مِّن ذَٰلِكُمُ ۗ ٱلنَّارُ وَعَدَهَا ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۖ وَبِئْسَ ٱلْمَصِيرُ
Transliteration wa-idhā tut'lā ʿalayhim āyātunā bayyinātin taʿrifu fī wujūhi alladhīna kafarū l-munkara yakādūna yasṭūna bi-alladhīna yatlūna ʿalayhim āyātinā qul afa-unabbi-ukum bisharrin min dhālikumu l-nāru waʿadahā l-lahu alladhīna kafarū wabi'sa l-maṣīru
Uyghur كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە (قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكتىن) ئىنكار قىلغانلىقنى كۆرۈسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قىلغانلىقىنى كۆرۈسەن. ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر. ئاللاھ ئۇنى كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!».
Verse 73
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ضُرِبَ مَثَلٌ فَٱسْتَمِعُوا۟ لَهُۥٓ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَن يَخْلُقُوا۟ ذُبَابًا وَلَوِ ٱجْتَمَعُوا۟ لَهُۥ ۖ وَإِن يَسْلُبْهُمُ ٱلذُّبَابُ شَيْـًٔا لَّا يَسْتَنقِذُوهُ مِنْهُ ۚ ضَعُفَ ٱلطَّالِبُ وَٱلْمَطْلُوبُ
Transliteration yāayyuhā l-nāsu ḍuriba mathalun fa-is'tamiʿū lahu inna alladhīna tadʿūna min dūni l-lahi lan yakhluqū dhubāban walawi ij'tamaʿū lahu wa-in yaslub'humu l-dhubābu shayan lā yastanqidhūhu min'hu ḍaʿufa l-ṭālibu wal-maṭlūbu
Uyghur ئى ئىنسانلار! بىر مىسال كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغان تەقدىردىمۇ بىر چىۋىننى يارىتالمايدۇ (ئەقلى بار ئادەم قانداقمۇ مۇشۇنداق بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارغا چوقۇنىدۇ!)، چىۋىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر نەرسىنى (يەنى بۇتقا سۈركەپ قويۇلغان خۇش پۇراق بىر نەرسىنى) ئېلىپ قاچسا، ئۇنى چىۋىندىن تارتىپ ئالالمايدۇ، بۇتمۇ ۋە (ئۇنىڭغا) چوقۇنغۇچىمۇ ئاجىزدۇر.
Verse 74
مَا قَدَرُوا۟ ٱللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِۦٓ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَقَوِىٌّ عَزِيزٌ
Transliteration mā qadarū l-laha ḥaqqa qadrihi inna l-laha laqawiyyun ʿazīzun
Uyghur ئۇلار (ئەرزىمەس بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ) ئاللاھنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۇلۇغلاشمىدى، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
Verse 75
ٱللَّهُ يَصْطَفِى مِنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ ٱلنَّاسِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌۢ بَصِيرٌ
Transliteration al-lahu yaṣṭafī mina l-malāikati rusulan wamina l-nāsi inna l-laha samīʿun baṣīrun
Uyghur ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈش ئۈچۈن)، ئىنسانلاردىنمۇ (شەرىئەتنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 76
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۗ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرْجَعُ ٱلْأُمُورُ
Transliteration yaʿlamu mā bayna aydīhim wamā khalfahum wa-ilā l-lahi tur'jaʿu l-umūru
Uyghur ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە ھازىرقى ئىشلىرىنى) ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى) بىلىدۇ، (بەندىلەرنىڭ) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارغا يا مۇكاپات، يا جازا بېرىدۇ).
Verse 77
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱرْكَعُوا۟ وَٱسْجُدُوا۟ وَٱعْبُدُوا۟ رَبَّكُمْ وَٱفْعَلُوا۟ ٱلْخَيْرَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ ۩
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū ir'kaʿū wa-us'judū wa-uʿ'budū rabbakum wa-if'ʿalū l-khayra laʿallakum tuf'liḥūna
Uyghur ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى (يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار.
Verse 78
وَجَـٰهِدُوا۟ فِى ٱللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِۦ ۚ هُوَ ٱجْتَبَىٰكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِى ٱلدِّينِ مِنْ حَرَجٍ ۚ مِّلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَٰهِيمَ ۚ هُوَ سَمَّىٰكُمُ ٱلْمُسْلِمِينَ مِن قَبْلُ وَفِى هَـٰذَا لِيَكُونَ ٱلرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا۟ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ ۚ فَأَقِيمُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُوا۟ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱعْتَصِمُوا۟ بِٱللَّهِ هُوَ مَوْلَىٰكُمْ ۖ فَنِعْمَ ٱلْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ ٱلنَّصِيرُ
Transliteration wajāhidū fī l-lahi ḥaqqa jihādihi huwa ij'tabākum wamā jaʿala ʿalaykum fī l-dīni min ḥarajin millata abīkum ib'rāhīma huwa sammākumu l-mus'limīna min qablu wafī hādhā liyakūna l-rasūlu shahīdan ʿalaykum watakūnū shuhadāa ʿalā l-nāsi fa-aqīmū l-ṣalata waātū l-zakata wa-iʿ'taṣimū bil-lahi huwa mawlākum faniʿ'ma l-mawlā waniʿ'ma l-naṣīru
Uyghur ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن) تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ (دىنغا ياردەم بېرىشكە ئۈممەتلەر ئارىسىدىن) سىلەرنى تاللىدى. (ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت ۋە ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى سىلەرگە خاس قىلدى). سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). (بۇ) ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر (بۇ توغرا دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مەھكەم ئۇچلاڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا) مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان ئىدى. قۇرئاندىمۇ شۇنداق ئاتىدى. (ئاللاھ) پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا (تاللىدى)، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار!.
Read Surah Al-Hajj in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.