Surah Al-Ahqaf in Uyghur: translation and audio
Surah 46 · الأحقاف · The Wind-Curved Sandhills · 35 verses
Surah Al-Ahqaf verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Ahqaf word by word in English.
Verse 1
حمٓ
Transliteration hha-meem
Uyghur ھا، مىم.
Verse 2
تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ
Transliteration tanzīlu l-kitābi mina l-lahi l-ʿazīzi l-ḥakīmi
Uyghur (بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.
Verse 3
مَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَمَّآ أُنذِرُوا۟ مُعْرِضُونَ
Transliteration mā khalaqnā l-samāwāti wal-arḍa wamā baynahumā illā bil-ḥaqi wa-ajalin musamman wa-alladhīna kafarū ʿammā undhirū muʿ'riḍūna
Uyghur ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر.
Verse 4
قُلْ أَرَءَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِى مَاذَا خَلَقُوا۟ مِنَ ٱلْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ ۖ ٱئْتُونِى بِكِتَـٰبٍ مِّن قَبْلِ هَـٰذَآ أَوْ أَثَـٰرَةٍ مِّنْ عِلْمٍ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Transliteration qul ara-aytum mā tadʿūna min dūni l-lahi arūnī mādhā khalaqū mina l-arḍi am lahum shir'kun fī l-samāwāti i'tūnī bikitābin min qabli hādhā aw athāratin min ʿil'min in kuntum ṣādiqīna
Uyghur (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار».
Verse 5
وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُۥٓ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ وَهُمْ عَن دُعَآئِهِمْ غَـٰفِلُونَ
Transliteration waman aḍallu mimman yadʿū min dūni l-lahi man lā yastajību lahu ilā yawmi l-qiyāmati wahum ʿan duʿāihim ghāfilūna
Uyghur ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر.
Verse 6
وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُوا۟ لَهُمْ أَعْدَآءً وَكَانُوا۟ بِعِبَادَتِهِمْ كَـٰفِرِينَ
Transliteration wa-idhā ḥushira l-nāsu kānū lahum aʿdāan wakānū biʿibādatihim kāfirīna
Uyghur (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
Verse 7
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلْحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمْ هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ
Transliteration wa-idhā tut'lā ʿalayhim āyātunā bayyinātin qāla alladhīna kafarū lil'ḥaqqi lammā jāahum hādhā siḥ'run mubīnun
Uyghur ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ.
Verse 8
أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۖ قُلْ إِنِ ٱفْتَرَيْتُهُۥ فَلَا تَمْلِكُونَ لِى مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًٔا ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ ۖ كَفَىٰ بِهِۦ شَهِيدًۢا بَيْنِى وَبَيْنَكُمْ ۖ وَهُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ
Transliteration am yaqūlūna if'tarāhu qul ini if'taraytuhu falā tamlikūna lī mina l-lahi shayan huwa aʿlamu bimā tufīḍūna fīhi kafā bihi shahīdan baynī wabaynakum wahuwa l-ghafūru l-raḥīmu
Uyghur ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر».
Verse 9
قُلْ مَا كُنتُ بِدْعًا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدْرِى مَا يُفْعَلُ بِى وَلَا بِكُمْ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَىَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
Transliteration qul mā kuntu bid'ʿan mina l-rusuli wamā adrī mā yuf'ʿalu bī walā bikum in attabiʿu illā mā yūḥā ilayya wamā anā illā nadhīrun mubīnun
Uyghur ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىي بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
Verse 10
قُلْ أَرَءَيْتُمْ إِن كَانَ مِنْ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرْتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِّنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثْلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسْتَكْبَرْتُمْ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ
Transliteration qul ara-aytum in kāna min ʿindi l-lahi wakafartum bihi washahida shāhidun min banī is'rāīla ʿalā mith'lihi faāmana wa-is'takbartum inna l-laha lā yahdī l-qawma l-ẓālimīna
Uyghur (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
Verse 11
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَوْ كَانَ خَيْرًا مَّا سَبَقُونَآ إِلَيْهِ ۚ وَإِذْ لَمْ يَهْتَدُوا۟ بِهِۦ فَسَيَقُولُونَ هَـٰذَآ إِفْكٌ قَدِيمٌ
Transliteration waqāla alladhīna kafarū lilladhīna āmanū law kāna khayran mā sabaqūnā ilayhi wa-idh lam yahtadū bihi fasayaqūlūna hādhā if'kun qadīmun
Uyghur كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئەگەر (قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى) ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار (يەنى ئاجىز مۇسۇلمانلار) ئۇنىڭغا بىزدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى» دېدى، ئۇلار قۇرئان بىلەن ھىدايەت تاپمىغانلىقلىرى ئۈچۈن، «بۇ قەدىمقى ئويدۇرمىدۇر» دەيدۇ.
Verse 12
وَمِن قَبْلِهِۦ كِتَـٰبُ مُوسَىٰٓ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَـٰذَا كِتَـٰبٌ مُّصَدِّقٌ لِّسَانًا عَرَبِيًّا لِّيُنذِرَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
Transliteration wamin qablihi kitābu mūsā imāman waraḥmatan wahādhā kitābun muṣaddiqun lisānan ʿarabiyyan liyundhira alladhīna ẓalamū wabush'rā lil'muḥ'sinīna
Uyghur قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى.
Verse 13
إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُوا۟ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسْتَقَـٰمُوا۟ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
Transliteration inna alladhīna qālū rabbunā l-lahu thumma is'taqāmū falā khawfun ʿalayhim walā hum yaḥzanūna
Uyghur «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر.
Verse 14
أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْجَنَّةِ خَـٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ
Transliteration ulāika aṣḥābu l-janati khālidīna fīhā jazāan bimā kānū yaʿmalūna
Uyghur ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.
Verse 15
وَوَصَّيْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ بِوَٰلِدَيْهِ إِحْسَـٰنًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُۥ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُۥ وَفِصَـٰلُهُۥ ثَلَـٰثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِىٓ أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتَ عَلَىَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَىَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَـٰلِحًا تَرْضَىٰهُ وَأَصْلِحْ لِى فِى ذُرِّيَّتِىٓ ۖ إِنِّى تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّى مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ
Transliteration wawaṣṣaynā l-insāna biwālidayhi iḥ'sānan ḥamalathu ummuhu kur'han wawaḍaʿathu kur'han waḥamluhu wafiṣāluhu thalāthūna shahran ḥattā idhā balagha ashuddahu wabalagha arbaʿīna sanatan qāla rabbi awziʿ'nī an ashkura niʿ'mataka allatī anʿamta ʿalayya waʿalā wālidayya wa-an aʿmala ṣāliḥan tarḍāhu wa-aṣliḥ lī fī dhurriyyatī innī tub'tu ilayka wa-innī mina l-mus'limīna
Uyghur بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ.
Verse 16
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ نَتَقَبَّلُ عَنْهُمْ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا۟ وَنَتَجَاوَزُ عَن سَيِّـَٔاتِهِمْ فِىٓ أَصْحَـٰبِ ٱلْجَنَّةِ ۖ وَعْدَ ٱلصِّدْقِ ٱلَّذِى كَانُوا۟ يُوعَدُونَ
Transliteration ulāika alladhīna nataqabbalu ʿanhum aḥsana mā ʿamilū wanatajāwazu ʿan sayyiātihim fī aṣḥābi l-janati waʿda l-ṣid'qi alladhī kānū yūʿadūna
Uyghur ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ئاللاھ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر.
Verse 17
وَٱلَّذِى قَالَ لِوَٰلِدَيْهِ أُفٍّ لَّكُمَآ أَتَعِدَانِنِىٓ أَنْ أُخْرَجَ وَقَدْ خَلَتِ ٱلْقُرُونُ مِن قَبْلِى وَهُمَا يَسْتَغِيثَانِ ٱللَّهَ وَيْلَكَ ءَامِنْ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّ فَيَقُولُ مَا هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ
Transliteration wa-alladhī qāla liwālidayhi uffin lakumā ataʿidāninī an ukh'raja waqad khalati l-qurūnu min qablī wahumā yastaghīthāni l-laha waylaka āmin inna waʿda l-lahi ḥaqqun fayaqūlu mā hādhā illā asāṭīru l-awalīna
Uyghur بەزى ئادەم (يەنى ئاتا ـ ئانىسى ئىمانغا دەۋەت قىلغان فاجىر بالا): «ۋاي ـ ۋۇي! سىلەر مېنى قايتا تىرىلىشتىن قورقۇتۇۋاتامسىلەر، (مەندىن ئىلگىرى) نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتتى (ئۇلاردىن ھېچ ئادەم تىرىلدۈرۈلگىنى يوق)» دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى ئاللاھقا پەرياد قىلىپ: «ۋاي ساڭا! ئىمان ئېيتقىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر» دەيدۇ. ئۇ: «بۇ پەقەت ئاۋالقىلاردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» دەيدۇ.
Verse 18
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ ٱلْقَوْلُ فِىٓ أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ خَـٰسِرِينَ
Transliteration ulāika alladhīna ḥaqqa ʿalayhimu l-qawlu fī umamin qad khalat min qablihim mina l-jini wal-insi innahum kānū khāsirīna
Uyghur ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى.
Verse 19
وَلِكُلٍّ دَرَجَـٰتٌ مِّمَّا عَمِلُوا۟ ۖ وَلِيُوَفِّيَهُمْ أَعْمَـٰلَهُمْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
Transliteration walikullin darajātun mimmā ʿamilū waliyuwaffiyahum aʿmālahum wahum lā yuẓ'lamūna
Uyghur (مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
Verse 20
وَيَوْمَ يُعْرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَلَى ٱلنَّارِ أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَـٰتِكُمْ فِى حَيَاتِكُمُ ٱلدُّنْيَا وَٱسْتَمْتَعْتُم بِهَا فَٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ ٱلْهُونِ بِمَا كُنتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ فِى ٱلْأَرْضِ بِغَيْرِ ٱلْحَقِّ وَبِمَا كُنتُمْ تَفْسُقُونَ
Transliteration wayawma yuʿ'raḍu alladhīna kafarū ʿalā l-nāri adhhabtum ṭayyibātikum fī ḥayātikumu l-dun'yā wa-is'tamtaʿtum bihā fal-yawma tuj'zawna ʿadhāba l-hūni bimā kuntum tastakbirūna fī l-arḍi bighayri l-ḥaqi wabimā kuntum tafsuqūna
Uyghur كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر».
Verse 21
۞ وَٱذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنذَرَ قَوْمَهُۥ بِٱلْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ ٱلنُّذُرُ مِنۢ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِۦٓ أَلَّا تَعْبُدُوٓا۟ إِلَّا ٱللَّهَ إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
Transliteration wa-udh'kur akhā ʿādin idh andhara qawmahu bil-aḥqāfi waqad khalati l-nudhuru min bayni yadayhi wamin khalfihi allā taʿbudū illā l-laha innī akhāfu ʿalaykum ʿadhāba yawmin ʿaẓīmin
Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».
Verse 22
قَالُوٓا۟ أَجِئْتَنَا لِتَأْفِكَنَا عَنْ ءَالِهَتِنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَآ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ
Transliteration qālū aji'tanā litafikanā ʿan ālihatinā fatinā bimā taʿidunā in kunta mina l-ṣādiqīna
Uyghur ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى.
Verse 23
قَالَ إِنَّمَا ٱلْعِلْمُ عِندَ ٱللَّهِ وَأُبَلِّغُكُم مَّآ أُرْسِلْتُ بِهِۦ وَلَـٰكِنِّىٓ أَرَىٰكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
Transliteration qāla innamā l-ʿil'mu ʿinda l-lahi wa-uballighukum mā ur'sil'tu bihi walākinnī arākum qawman tajhalūna
Uyghur ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋەلېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى.
Verse 24
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُّسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا۟ هَـٰذَا عَارِضٌ مُّمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا ٱسْتَعْجَلْتُم بِهِۦ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
Transliteration falammā ra-awhu ʿāriḍan mus'taqbila awdiyatihim qālū hādhā ʿāriḍun mum'ṭirunā bal huwa mā is'taʿjaltum bihi rīḥun fīhā ʿadhābun alīmun
Uyghur ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار.
Verse 25
تُدَمِّرُ كُلَّ شَىْءٍۭ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا۟ لَا يُرَىٰٓ إِلَّا مَسَـٰكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْقَوْمَ ٱلْمُجْرِمِينَ
Transliteration tudammiru kulla shayin bi-amri rabbihā fa-aṣbaḥū lā yurā illā masākinuhum kadhālika najzī l-qawma l-muj'rimīna
Uyghur ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز.
Verse 26
وَلَقَدْ مَكَّنَّـٰهُمْ فِيمَآ إِن مَّكَّنَّـٰكُمْ فِيهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَأَبْصَـٰرًا وَأَفْـِٔدَةً فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَآ أَبْصَـٰرُهُمْ وَلَآ أَفْـِٔدَتُهُم مِّن شَىْءٍ إِذْ كَانُوا۟ يَجْحَدُونَ بِـَٔايَـٰتِ ٱللَّهِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ
Transliteration walaqad makkannāhum fīmā in makkannākum fīhi wajaʿalnā lahum samʿan wa-abṣāran wa-afidatan famā aghnā ʿanhum samʿuhum walā abṣāruhum walā afidatuhum min shayin idh kānū yajḥadūna biāyāti l-lahi waḥāqa bihim mā kānū bihi yastahziūna
Uyghur بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل ـ مال، كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھنى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى.
Verse 27
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُم مِّنَ ٱلْقُرَىٰ وَصَرَّفْنَا ٱلْـَٔايَـٰتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
Transliteration walaqad ahlaknā mā ḥawlakum mina l-qurā waṣarrafnā l-āyāti laʿallahum yarjiʿūna
Uyghur (ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق.
Verse 28
فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ قُرْبَانًا ءَالِهَةًۢ ۖ بَلْ ضَلُّوا۟ عَنْهُمْ ۚ وَذَٰلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا۟ يَفْتَرُونَ
Transliteration falawlā naṣarahumu alladhīna ittakhadhū min dūni l-lahi qur'bānan ālihatan bal ḍallū ʿanhum wadhālika if'kuhum wamā kānū yaftarūna
Uyghur (ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھتىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىب بولدى، بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (ئاللاھقا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر.
Verse 29
وَإِذْ صَرَفْنَآ إِلَيْكَ نَفَرًا مِّنَ ٱلْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ ٱلْقُرْءَانَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوٓا۟ أَنصِتُوا۟ ۖ فَلَمَّا قُضِىَ وَلَّوْا۟ إِلَىٰ قَوْمِهِم مُّنذِرِينَ
Transliteration wa-idh ṣarafnā ilayka nafaran mina l-jini yastamiʿūna l-qur'āna falammā ḥaḍarūhu qālū anṣitū falammā quḍiya wallaw ilā qawmihim mundhirīna
Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى.
Verse 30
قَالُوا۟ يَـٰقَوْمَنَآ إِنَّا سَمِعْنَا كِتَـٰبًا أُنزِلَ مِنۢ بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِىٓ إِلَى ٱلْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُّسْتَقِيمٍ
Transliteration qālū yāqawmanā innā samiʿ'nā kitāban unzila min baʿdi mūsā muṣaddiqan limā bayna yadayhi yahdī ilā l-ḥaqi wa-ilā ṭarīqin mus'taqīmin
Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق».
Verse 31
يَـٰقَوْمَنَآ أَجِيبُوا۟ دَاعِىَ ٱللَّهِ وَءَامِنُوا۟ بِهِۦ يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُجِرْكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
Transliteration yāqawmanā ajībū dāʿiya l-lahi waāminū bihi yaghfir lakum min dhunūbikum wayujir'kum min ʿadhābin alīmin
Uyghur «ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ».
Verse 32
وَمَن لَّا يُجِبْ دَاعِىَ ٱللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُۥ مِن دُونِهِۦٓ أَوْلِيَآءُ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ فِى ضَلَـٰلٍ مُّبِينٍ
Transliteration waman lā yujib dāʿiya l-lahi falaysa bimuʿ'jizin fī l-arḍi walaysa lahu min dūnihi awliyāu ulāika fī ḍalālin mubīnin
Uyghur كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر.
Verse 33
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّ ٱللَّهَ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَلَمْ يَعْىَ بِخَلْقِهِنَّ بِقَـٰدِرٍ عَلَىٰٓ أَن يُحْـِۧىَ ٱلْمَوْتَىٰ ۚ بَلَىٰٓ إِنَّهُۥ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
Transliteration awalam yaraw anna l-laha alladhī khalaqa l-samāwāti wal-arḍa walam yaʿya bikhalqihinna biqādirin ʿalā an yuḥ'yiya l-mawtā balā innahu ʿalā kulli shayin qadīrun
Uyghur ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
Verse 34
وَيَوْمَ يُعْرَضُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَلَى ٱلنَّارِ أَلَيْسَ هَـٰذَا بِٱلْحَقِّ ۖ قَالُوا۟ بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا۟ ٱلْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
Transliteration wayawma yuʿ'raḍu alladhīna kafarū ʿalā l-nāri alaysa hādhā bil-ḥaqi qālū balā warabbinā qāla fadhūqū l-ʿadhāba bimā kuntum takfurūna
Uyghur كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟ » (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.
Verse 35
فَٱصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْعَزْمِ مِنَ ٱلرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ ۚ كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَ مَا يُوعَدُونَ لَمْ يَلْبَثُوٓا۟ إِلَّا سَاعَةً مِّن نَّهَارٍۭ ۚ بَلَـٰغٌ ۚ فَهَلْ يُهْلَكُ إِلَّا ٱلْقَوْمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ
Transliteration fa-iṣ'bir kamā ṣabara ulū l-ʿazmi mina l-rusuli walā tastaʿjil lahum ka-annahum yawma yarawna mā yūʿadūna lam yalbathū illā sāʿatan min nahārin balāghun fahal yuh'laku illā l-qawmu l-fāsiqūna
Uyghur (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، ئۇلارغا بولىدىغان ئازابقا ئالدىراپ كەتمىگىن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىر دەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.
Read Surah Al-Ahqaf in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.