MyDugsiStart learning

Surah Al-Hijr in Uyghur: translation and audio

Surah 15 · الحجر · The Rocky Tract · 99 verses

Surah Al-Hijr verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Hijr word by word in English.

Verse 1

الٓر ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ وَقُرْءَانٍ مُّبِينٍ

Transliteration alif-lam-ra til'ka āyātu l-kitābi waqur'ānin mubīnin

Uyghur ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.

Verse 2

رُّبَمَا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لَوْ كَانُوا۟ مُسْلِمِينَ

Transliteration rubamā yawaddu alladhīna kafarū law kānū mus'limīna

Uyghur كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ.

Verse 3

ذَرْهُمْ يَأْكُلُوا۟ وَيَتَمَتَّعُوا۟ وَيُلْهِهِمُ ٱلْأَمَلُ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

Transliteration dharhum yakulū wayatamattaʿū wayul'hihimu l-amalu fasawfa yaʿlamūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ.

Verse 4

وَمَآ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَّعْلُومٌ

Transliteration wamā ahlaknā min qaryatin illā walahā kitābun maʿlūmun

Uyghur بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ.

Verse 5

مَّا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَـْٔخِرُونَ

Transliteration mā tasbiqu min ummatin ajalahā wamā yastakhirūna

Uyghur ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

Verse 6

وَقَالُوا۟ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِى نُزِّلَ عَلَيْهِ ٱلذِّكْرُ إِنَّكَ لَمَجْنُونٌ

Transliteration waqālū yāayyuhā alladhī nuzzila ʿalayhi l-dhik'ru innaka lamajnūnun

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن.

Verse 7

لَّوْ مَا تَأْتِينَا بِٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ

Transliteration law mā tatīnā bil-malāikati in kunta mina l-ṣādiqīna

Uyghur ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»

Verse 8

مَا نُنَزِّلُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَمَا كَانُوٓا۟ إِذًا مُّنظَرِينَ

Transliteration mā nunazzilu l-malāikata illā bil-ḥaqi wamā kānū idhan munẓarīna

Uyghur پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ).

Verse 9

إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا ٱلذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَـٰفِظُونَ

Transliteration innā naḥnu nazzalnā l-dhik'ra wa-innā lahu laḥāfiẓūna

Uyghur قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز.

Verse 10

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ فِى شِيَعِ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration walaqad arsalnā min qablika fī shiyaʿi l-awalīna

Uyghur شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق.

Verse 11

وَمَا يَأْتِيهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ

Transliteration wamā yatīhim min rasūlin illā kānū bihi yastahziūna

Uyghur ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.

Verse 12

كَذَٰلِكَ نَسْلُكُهُۥ فِى قُلُوبِ ٱلْمُجْرِمِينَ

Transliteration kadhālika naslukuhu fī qulūbi l-muj'rimīna

Uyghur شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز.

Verse 13

لَا يُؤْمِنُونَ بِهِۦ ۖ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration lā yu'minūna bihi waqad khalat sunnatu l-awalīna

Uyghur ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش.

Verse 14

وَلَوْ فَتَحْنَا عَلَيْهِم بَابًا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فَظَلُّوا۟ فِيهِ يَعْرُجُونَ

Transliteration walaw fataḥnā ʿalayhim bāban mina l-samāi faẓallū fīhi yaʿrujūna

Uyghur بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)،

Verse 15

لَقَالُوٓا۟ إِنَّمَا سُكِّرَتْ أَبْصَـٰرُنَا بَلْ نَحْنُ قَوْمٌ مَّسْحُورُونَ

Transliteration laqālū innamā sukkirat abṣārunā bal naḥnu qawmun masḥūrūna

Uyghur ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ.

Verse 16

وَلَقَدْ جَعَلْنَا فِى ٱلسَّمَآءِ بُرُوجًا وَزَيَّنَّـٰهَا لِلنَّـٰظِرِينَ

Transliteration walaqad jaʿalnā fī l-samāi burūjan wazayyannāhā lilnnāẓirīna

Uyghur بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق.

Verse 17

وَحَفِظْنَـٰهَا مِن كُلِّ شَيْطَـٰنٍ رَّجِيمٍ

Transliteration waḥafiẓ'nāhā min kulli shayṭānin rajīmin

Uyghur ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق.

Verse 18

إِلَّا مَنِ ٱسْتَرَقَ ٱلسَّمْعَ فَأَتْبَعَهُۥ شِهَابٌ مُّبِينٌ

Transliteration illā mani is'taraqa l-samʿa fa-atbaʿahu shihābun mubīnun

Uyghur لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ).

Verse 19

وَٱلْأَرْضَ مَدَدْنَـٰهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ وَأَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ شَىْءٍ مَّوْزُونٍ

Transliteration wal-arḍa madadnāhā wa-alqaynā fīhā rawāsiya wa-anbatnā fīhā min kulli shayin mawzūnin

Uyghur يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق.

Verse 20

وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَـٰيِشَ وَمَن لَّسْتُمْ لَهُۥ بِرَٰزِقِينَ

Transliteration wajaʿalnā lakum fīhā maʿāyisha waman lastum lahu birāziqīna

Uyghur يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز).

Verse 21

وَإِن مِّن شَىْءٍ إِلَّا عِندَنَا خَزَآئِنُهُۥ وَمَا نُنَزِّلُهُۥٓ إِلَّا بِقَدَرٍ مَّعْلُومٍ

Transliteration wa-in min shayin illā ʿindanā khazāinuhu wamā nunazziluhu illā biqadarin maʿlūmin

Uyghur قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز.

Verse 22

وَأَرْسَلْنَا ٱلرِّيَـٰحَ لَوَٰقِحَ فَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَسْقَيْنَـٰكُمُوهُ وَمَآ أَنتُمْ لَهُۥ بِخَـٰزِنِينَ

Transliteration wa-arsalnā l-riyāḥa lawāqiḥa fa-anzalnā mina l-samāi māan fa-asqaynākumūhu wamā antum lahu bikhāzinīna

Uyghur بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر.

Verse 23

وَإِنَّا لَنَحْنُ نُحْىِۦ وَنُمِيتُ وَنَحْنُ ٱلْوَٰرِثُونَ

Transliteration wa-innā lanaḥnu nuḥ'yī wanumītu wanaḥnu l-wārithūna

Uyghur بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز.

Verse 24

وَلَقَدْ عَلِمْنَا ٱلْمُسْتَقْدِمِينَ مِنكُمْ وَلَقَدْ عَلِمْنَا ٱلْمُسْتَـْٔخِرِينَ

Transliteration walaqad ʿalim'nā l-mus'taqdimīna minkum walaqad ʿalim'nā l-mus'takhirīna

Uyghur بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز.

Verse 25

وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُۥ حَكِيمٌ عَلِيمٌ

Transliteration wa-inna rabbaka huwa yaḥshuruhum innahu ḥakīmun ʿalīmun

Uyghur پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

Verse 26

وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ

Transliteration walaqad khalaqnā l-insāna min ṣalṣālin min ḥama-in masnūnin

Uyghur شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق.

Verse 27

وَٱلْجَآنَّ خَلَقْنَـٰهُ مِن قَبْلُ مِن نَّارِ ٱلسَّمُومِ

Transliteration wal-jāna khalaqnāhu min qablu min nāri l-samūmi

Uyghur جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق.

Verse 28

وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى خَـٰلِقٌۢ بَشَرًا مِّن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ

Transliteration wa-idh qāla rabbuka lil'malāikati innī khāliqun basharan min ṣalṣālin min ḥama-in masnūnin

Uyghur پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن.

Verse 29

فَإِذَا سَوَّيْتُهُۥ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِى فَقَعُوا۟ لَهُۥ سَـٰجِدِينَ

Transliteration fa-idhā sawwaytuhu wanafakhtu fīhi min rūḥī faqaʿū lahu sājidīna

Uyghur مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) ».

Verse 30

فَسَجَدَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ

Transliteration fasajada l-malāikatu kulluhum ajmaʿūna

Uyghur پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى.

Verse 31

إِلَّآ إِبْلِيسَ أَبَىٰٓ أَن يَكُونَ مَعَ ٱلسَّـٰجِدِينَ

Transliteration illā ib'līsa abā an yakūna maʿa l-sājidīna

Uyghur پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.

Verse 32

قَالَ يَـٰٓإِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّـٰجِدِينَ

Transliteration qāla yāib'līsu mā laka allā takūna maʿa l-sājidīna

Uyghur ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى.

Verse 33

قَالَ لَمْ أَكُن لِّأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُۥ مِن صَلْصَـٰلٍ مِّنْ حَمَإٍ مَّسْنُونٍ

Transliteration qāla lam akun li-asjuda libasharin khalaqtahu min ṣalṣālin min ḥama-in masnūnin

Uyghur ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى.

Verse 34

قَالَ فَٱخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ

Transliteration qāla fa-ukh'ruj min'hā fa-innaka rajīmun

Uyghur ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ.

Verse 35

وَإِنَّ عَلَيْكَ ٱللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلدِّينِ

Transliteration wa-inna ʿalayka l-laʿnata ilā yawmi l-dīni

Uyghur ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن».

Verse 36

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ

Transliteration qāla rabbi fa-anẓir'nī ilā yawmi yub'ʿathūna

Uyghur ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گۈچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى.

Verse 37

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلْمُنظَرِينَ

Transliteration qāla fa-innaka mina l-munẓarīna

Uyghur ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].

Verse 38

إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْوَقْتِ ٱلْمَعْلُومِ

Transliteration ilā yawmi l-waqti l-maʿlūmi

Uyghur ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].

Verse 39

قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغْوَيْتَنِى لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ

Transliteration qāla rabbi bimā aghwaytanī la-uzayyinanna lahum fī l-arḍi wala-ugh'wiyannahum ajmaʿīna

Uyghur ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن.

Verse 40

إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ ٱلْمُخْلَصِينَ

Transliteration illā ʿibādaka min'humu l-mukh'laṣīna

Uyghur ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)».

Verse 41

قَالَ هَـٰذَا صِرَٰطٌ عَلَىَّ مُسْتَقِيمٌ

Transliteration qāla hādhā ṣirāṭun ʿalayya mus'taqīmun

Uyghur ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ (تاللانغان بەندىلەرنىڭ يولى) مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر.

Verse 42

إِنَّ عِبَادِى لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَـٰنٌ إِلَّا مَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْغَاوِينَ

Transliteration inna ʿibādī laysa laka ʿalayhim sul'ṭānun illā mani ittabaʿaka mina l-ghāwīna

Uyghur مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)».

Verse 43

وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوْعِدُهُمْ أَجْمَعِينَ

Transliteration wa-inna jahannama lamawʿiduhum ajmaʿīna

Uyghur شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر.

Verse 44

لَهَا سَبْعَةُ أَبْوَٰبٍ لِّكُلِّ بَابٍ مِّنْهُمْ جُزْءٌ مَّقْسُومٌ

Transliteration lahā sabʿatu abwābin likulli bābin min'hum juz'on maqsūmun

Uyghur جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار.

Verse 45

إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍ وَعُيُونٍ

Transliteration inna l-mutaqīna fī jannātin waʿuyūnin

Uyghur تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

Verse 46

ٱدْخُلُوهَا بِسَلَـٰمٍ ءَامِنِينَ

Transliteration ud'khulūhā bisalāmin āminīna

Uyghur (ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ.

Verse 47

وَنَزَعْنَا مَا فِى صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ إِخْوَٰنًا عَلَىٰ سُرُرٍ مُّتَقَـٰبِلِينَ

Transliteration wanazaʿnā mā fī ṣudūrihim min ghillin ikh'wānan ʿalā sururin mutaqābilīna

Uyghur ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.

Verse 48

لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُم مِّنْهَا بِمُخْرَجِينَ

Transliteration lā yamassuhum fīhā naṣabun wamā hum min'hā bimukh'rajīna

Uyghur جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ.

Verse 49

۞ نَبِّئْ عِبَادِىٓ أَنِّىٓ أَنَا ٱلْغَفُورُ ٱلرَّحِيمُ

Transliteration nabbi ʿibādī annī anā l-ghafūru l-raḥīmu

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن.

Verse 50

وَأَنَّ عَذَابِى هُوَ ٱلْعَذَابُ ٱلْأَلِيمُ

Transliteration wa-anna ʿadhābī huwa l-ʿadhābu l-alīmu

Uyghur مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر.

Verse 51

وَنَبِّئْهُمْ عَن ضَيْفِ إِبْرَٰهِيمَ

Transliteration wanabbi'hum ʿan ḍayfi ib'rāhīma

Uyghur ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن.

Verse 52

إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَيْهِ فَقَالُوا۟ سَلَـٰمًا قَالَ إِنَّا مِنكُمْ وَجِلُونَ

Transliteration idh dakhalū ʿalayhi faqālū salāman qāla innā minkum wajilūna

Uyghur ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى.

Verse 53

قَالُوا۟ لَا تَوْجَلْ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَـٰمٍ عَلِيمٍ

Transliteration qālū lā tawjal innā nubashiruka bighulāmin ʿalīmin

Uyghur ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى.

Verse 54

قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِى عَلَىٰٓ أَن مَّسَّنِىَ ٱلْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ

Transliteration qāla abashartumūnī ʿalā an massaniya l-kibaru fabima tubashirūna

Uyghur ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى.

Verse 55

قَالُوا۟ بَشَّرْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ فَلَا تَكُن مِّنَ ٱلْقَـٰنِطِينَ

Transliteration qālū basharnāka bil-ḥaqi falā takun mina l-qāniṭīna

Uyghur ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى.

Verse 56

قَالَ وَمَن يَقْنَطُ مِن رَّحْمَةِ رَبِّهِۦٓ إِلَّا ٱلضَّآلُّونَ

Transliteration qāla waman yaqnaṭu min raḥmati rabbihi illā l-ḍālūna

Uyghur ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى.

Verse 57

قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا ٱلْمُرْسَلُونَ

Transliteration qāla famā khaṭbukum ayyuhā l-mur'salūna

Uyghur ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى.

Verse 58

قَالُوٓا۟ إِنَّآ أُرْسِلْنَآ إِلَىٰ قَوْمٍ مُّجْرِمِينَ

Transliteration qālū innā ur'sil'nā ilā qawmin muj'rimīna

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق.

Verse 59

إِلَّآ ءَالَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ

Transliteration illā āla lūṭin innā lamunajjūhum ajmaʿīna

Uyghur پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز.

Verse 60

إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ قَدَّرْنَآ ۙ إِنَّهَا لَمِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ

Transliteration illā im'ra-atahu qaddarnā innahā lamina l-ghābirīna

Uyghur پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق».

Verse 61

فَلَمَّا جَآءَ ءَالَ لُوطٍ ٱلْمُرْسَلُونَ

Transliteration falammā jāa āla lūṭin l-mur'salūna

Uyghur ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا،

Verse 62

قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ مُّنكَرُونَ

Transliteration qāla innakum qawmun munkarūna

Uyghur لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى.

Verse 63

قَالُوا۟ بَلْ جِئْنَـٰكَ بِمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَمْتَرُونَ

Transliteration qālū bal ji'nāka bimā kānū fīhi yamtarūna

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق.

Verse 64

وَأَتَيْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ

Transliteration wa-ataynāka bil-ḥaqi wa-innā laṣādiqūna

Uyghur بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز.

Verse 65

فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِّنَ ٱلَّيْلِ وَٱتَّبِعْ أَدْبَـٰرَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنكُمْ أَحَدٌ وَٱمْضُوا۟ حَيْثُ تُؤْمَرُونَ

Transliteration fa-asri bi-ahlika biqiṭ'ʿin mina al-layli wa-ittabiʿ adbārahum walā yaltafit minkum aḥadun wa-im'ḍū ḥaythu tu'marūna

Uyghur كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار».

Verse 66

وَقَضَيْنَآ إِلَيْهِ ذَٰلِكَ ٱلْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَـٰٓؤُلَآءِ مَقْطُوعٌ مُّصْبِحِينَ

Transliteration waqaḍaynā ilayhi dhālika l-amra anna dābira hāulāi maqṭūʿun muṣ'biḥīna

Uyghur سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق.

Verse 67

وَجَآءَ أَهْلُ ٱلْمَدِينَةِ يَسْتَبْشِرُونَ

Transliteration wajāa ahlu l-madīnati yastabshirūna

Uyghur (سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى.

Verse 68

قَالَ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ ضَيْفِى فَلَا تَفْضَحُونِ

Transliteration qāla inna hāulāi ḍayfī falā tafḍaḥūni

Uyghur لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار.

Verse 69

وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ

Transliteration wa-ittaqū l-laha walā tukh'zūni

Uyghur ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار».

Verse 70

قَالُوٓا۟ أَوَلَمْ نَنْهَكَ عَنِ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration qālū awalam nanhaka ʿani l-ʿālamīna

Uyghur ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى.

Verse 71

قَالَ هَـٰٓؤُلَآءِ بَنَاتِىٓ إِن كُنتُمْ فَـٰعِلِينَ

Transliteration qāla hāulāi banātī in kuntum fāʿilīna

Uyghur لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى.

Verse 72

لَعَمْرُكَ إِنَّهُمْ لَفِى سَكْرَتِهِمْ يَعْمَهُونَ

Transliteration laʿamruka innahum lafī sakratihim yaʿmahūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.

Verse 73

فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ

Transliteration fa-akhadhathumu l-ṣayḥatu mush'riqīna

Uyghur كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى.

Verse 74

فَجَعَلْنَا عَـٰلِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِّن سِجِّيلٍ

Transliteration fajaʿalnā ʿāliyahā sāfilahā wa-amṭarnā ʿalayhim ḥijāratan min sijjīlin

Uyghur بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق.

Verse 75

إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّلْمُتَوَسِّمِينَ

Transliteration inna fī dhālika laāyātin lil'mutawassimīna

Uyghur ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

Verse 76

وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٍ مُّقِيمٍ

Transliteration wa-innahā labisabīlin muqīmin

Uyghur ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا.

Verse 77

إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ

Transliteration inna fī dhālika laāyatan lil'mu'minīna

Uyghur بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار.

Verse 78

وَإِن كَانَ أَصْحَـٰبُ ٱلْأَيْكَةِ لَظَـٰلِمِينَ

Transliteration wa-in kāna aṣḥābu l-aykati laẓālimīna

Uyghur ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى).

Verse 79

فَٱنتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُّبِينٍ

Transliteration fa-intaqamnā min'hum wa-innahumā labi-imāmin mubīnin

Uyghur (شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟).

Verse 80

وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَـٰبُ ٱلْحِجْرِ ٱلْمُرْسَلِينَ

Transliteration walaqad kadhaba aṣḥābu l-ḥij'ri l-mur'salīna

Uyghur ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر).

Verse 81

وَءَاتَيْنَـٰهُمْ ءَايَـٰتِنَا فَكَانُوا۟ عَنْهَا مُعْرِضِينَ

Transliteration waātaynāhum āyātinā fakānū ʿanhā muʿ'riḍīna

Uyghur ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى.

Verse 82

وَكَانُوا۟ يَنْحِتُونَ مِنَ ٱلْجِبَالِ بُيُوتًا ءَامِنِينَ

Transliteration wakānū yanḥitūna mina l-jibāli buyūtan āminīna

Uyghur ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى.

Verse 83

فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ مُصْبِحِينَ

Transliteration fa-akhadhathumu l-ṣayḥatu muṣ'biḥīna

Uyghur لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

Verse 84

فَمَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ

Transliteration famā aghnā ʿanhum mā kānū yaksibūna

Uyghur ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى).

Verse 85

وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ ۖ فَٱصْفَحِ ٱلصَّفْحَ ٱلْجَمِيلَ

Transliteration wamā khalaqnā l-samāwāti wal-arḍa wamā baynahumā illā bil-ḥaqi wa-inna l-sāʿata laātiyatun fa-iṣ'faḥi l-ṣafḥa l-jamīla

Uyghur بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن.

Verse 86

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ ٱلْخَلَّـٰقُ ٱلْعَلِيمُ

Transliteration inna rabbaka huwa l-khalāqu l-ʿalīmu

Uyghur پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

Verse 87

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَـٰكَ سَبْعًا مِّنَ ٱلْمَثَانِى وَٱلْقُرْءَانَ ٱلْعَظِيمَ

Transliteration walaqad ātaynāka sabʿan mina l-mathānī wal-qur'āna l-ʿaẓīma

Uyghur (نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق.

Verse 88

لَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِۦٓ أَزْوَٰجًا مِّنْهُمْ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَٱخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ

Transliteration lā tamuddanna ʿaynayka ilā mā mattaʿnā bihi azwājan min'hum walā taḥzan ʿalayhim wa-ikh'fiḍ janāḥaka lil'mu'minīna

Uyghur بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.

Verse 89

وَقُلْ إِنِّىٓ أَنَا ٱلنَّذِيرُ ٱلْمُبِينُ

Transliteration waqul innī anā l-nadhīru l-mubīnu

Uyghur «مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن.

Verse 90

كَمَآ أَنزَلْنَا عَلَى ٱلْمُقْتَسِمِينَ

Transliteration kamā anzalnā ʿalā l-muq'tasimīna

Uyghur پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق).

Verse 91

ٱلَّذِينَ جَعَلُوا۟ ٱلْقُرْءَانَ عِضِينَ

Transliteration alladhīna jaʿalū l-qur'āna ʿiḍīna

Uyghur ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى).

Verse 92

فَوَرَبِّكَ لَنَسْـَٔلَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ

Transliteration fawarabbika lanasalannahum ajmaʿīna

Uyghur پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].

Verse 93

عَمَّا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

Transliteration ʿammā kānū yaʿmalūna

Uyghur پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].

Verse 94

فَٱصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ ٱلْمُشْرِكِينَ

Transliteration fa-iṣ'daʿ bimā tu'maru wa-aʿriḍ ʿani l-mush'rikīna

Uyghur ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن.

Verse 95

إِنَّا كَفَيْنَـٰكَ ٱلْمُسْتَهْزِءِينَ

Transliteration innā kafaynāka l-mus'tahziīna

Uyghur سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز.

Verse 96

ٱلَّذِينَ يَجْعَلُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ

Transliteration alladhīna yajʿalūna maʿa l-lahi ilāhan ākhara fasawfa yaʿlamūna

Uyghur ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ.

Verse 97

وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُونَ

Transliteration walaqad naʿlamu annaka yaḍīqu ṣadruka bimā yaqūlūna

Uyghur : بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

Verse 98

فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُن مِّنَ ٱلسَّـٰجِدِينَ

Transliteration fasabbiḥ biḥamdi rabbika wakun mina l-sājidīna

Uyghur پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن.

Verse 99

وَٱعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ ٱلْيَقِينُ

Transliteration wa-uʿ'bud rabbaka ḥattā yatiyaka l-yaqīnu

Uyghur سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن.

Read Surah Al-Hijr in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.