MyDugsiStart learning

Surah As-Sajdah in Uyghur: translation and audio

Surah 32 · السجدة · The Prostration · 30 verses

Surah As-Sajdah verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah As-Sajdah word by word in English.

Verse 1

الٓمٓ

Transliteration alif-lam-meem

Uyghur ئەلىف، لام، مىم.

Verse 2

تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration tanzīlu l-kitābi lā rayba fīhi min rabbi l-ʿālamīna

Uyghur (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر[2

Verse 3

أَمْ يَقُولُونَ ٱفْتَرَىٰهُ ۚ بَلْ هُوَ ٱلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ لِتُنذِرَ قَوْمًا مَّآ أَتَىٰهُم مِّن نَّذِيرٍ مِّن قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ

Transliteration am yaqūlūna if'tarāhu bal huwa l-ḥaqu min rabbika litundhira qawman mā atāhum min nadhīrin min qablika laʿallahum yahtadūna

Uyghur مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر.

Verse 4

ٱللَّهُ ٱلَّذِى خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِى سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ ٱسْتَوَىٰ عَلَى ٱلْعَرْشِ ۖ مَا لَكُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَلِىٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ

Transliteration al-lahu alladhī khalaqa l-samāwāti wal-arḍa wamā baynahumā fī sittati ayyāmin thumma is'tawā ʿalā l-ʿarshi mā lakum min dūnihi min waliyyin walā shafīʿin afalā tatadhakkarūna

Uyghur ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟).

Verse 5

يُدَبِّرُ ٱلْأَمْرَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ إِلَى ٱلْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِى يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُۥٓ أَلْفَ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ

Transliteration yudabbiru l-amra mina l-samāi ilā l-arḍi thumma yaʿruju ilayhi fī yawmin kāna miq'dāruhu alfa sanatin mimmā taʿuddūna

Uyghur ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ.

Verse 6

ذَٰلِكَ عَـٰلِمُ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

Transliteration dhālika ʿālimu l-ghaybi wal-shahādati l-ʿazīzu l-raḥīmu

Uyghur ئۇ (ئاللاھ) يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر. (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.

Verse 7

ٱلَّذِىٓ أَحْسَنَ كُلَّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ ۖ وَبَدَأَ خَلْقَ ٱلْإِنسَـٰنِ مِن طِينٍ

Transliteration alladhī aḥsana kulla shayin khalaqahu wabada-a khalqa l-insāni min ṭīnin

Uyghur ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق (يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى. دەسلەپتە ئىنساننى (يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) لايدىن ياراتتى.

Verse 8

ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُۥ مِن سُلَـٰلَةٍ مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ

Transliteration thumma jaʿala naslahu min sulālatin min māin mahīnin

Uyghur اندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (يەنى مەنىي) دىن ياراتتى

Verse 9

ثُمَّ سَوَّىٰهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِن رُّوحِهِۦ ۖ وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ

Transliteration thumma sawwāhu wanafakha fīhi min rūḥihi wajaʿala lakumu l-samʿa wal-abṣāra wal-afidata qalīlan mā tashkurūna

Uyghur ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدى (يەنى جاننى كىرگۈزدى). يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.

Verse 10

وَقَالُوٓا۟ أَءِذَا ضَلَلْنَا فِى ٱلْأَرْضِ أَءِنَّا لَفِى خَلْقٍ جَدِيدٍۭ ۚ بَلْ هُم بِلِقَآءِ رَبِّهِمْ كَـٰفِرُونَ

Transliteration waqālū a-idhā ḍalalnā fī l-arḍi a-innā lafī khalqin jadīdin bal hum biliqāi rabbihim kāfirūna

Uyghur ئۇلار: «يەر ئاستىدا يوقالغاندىن كېيىن (يەنى گۆردە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن)، راستلا قايتا يارىتىلامدۇق؟» دەيدۇ، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر.

Verse 11

۞ قُلْ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلْمَوْتِ ٱلَّذِى وُكِّلَ بِكُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ

Transliteration qul yatawaffākum malaku l-mawti alladhī wukkila bikum thumma ilā rabbikum tur'jaʿūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر».

Verse 12

وَلَوْ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلْمُجْرِمُونَ نَاكِسُوا۟ رُءُوسِهِمْ عِندَ رَبِّهِمْ رَبَّنَآ أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَٱرْجِعْنَا نَعْمَلْ صَـٰلِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ

Transliteration walaw tarā idhi l-muj'rimūna nākisū ruūsihim ʿinda rabbihim rabbanā abṣarnā wasamiʿ'nā fa-ir'jiʿ'nā naʿmal ṣāliḥan innā mūqinūna

Uyghur ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز».

Verse 13

وَلَوْ شِئْنَا لَـَٔاتَيْنَا كُلَّ نَفْسٍ هُدَىٰهَا وَلَـٰكِنْ حَقَّ ٱلْقَوْلُ مِنِّى لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ ٱلْجِنَّةِ وَٱلنَّاسِ أَجْمَعِينَ

Transliteration walaw shi'nā laātaynā kulla nafsin hudāhā walākin ḥaqqa l-qawlu minnī la-amla-anna jahannama mina l-jinati wal-nāsi ajmaʿīna

Uyghur ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (گۇناھكارلارنى ئازاب قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمۈم بېكىتىلىپ بولدى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) ـ ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن.

Verse 14

فَذُوقُوا۟ بِمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَـٰذَآ إِنَّا نَسِينَـٰكُمْ ۖ وَذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلْخُلْدِ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Transliteration fadhūqū bimā nasītum liqāa yawmikum hādhā innā nasīnākum wadhūqū ʿadhāba l-khul'di bimā kuntum taʿmalūna

Uyghur (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز (مۇ) ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار».

Verse 15

إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِـَٔايَـٰتِنَا ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا۟ بِهَا خَرُّوا۟ سُجَّدًا وَسَبَّحُوا۟ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩

Transliteration innamā yu'minu biāyātinā alladhīna idhā dhukkirū bihā kharrū sujjadan wasabbaḥū biḥamdi rabbihim wahum lā yastakbirūna

Uyghur بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھقا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمد ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ.

Verse 16

تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ ٱلْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَـٰهُمْ يُنفِقُونَ

Transliteration tatajāfā junūbuhum ʿani l-maḍājiʿi yadʿūna rabbahum khawfan waṭamaʿan wamimmā razaqnāhum yunfiqūna

Uyghur ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ.

Verse 17

فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَّآ أُخْفِىَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَآءًۢ بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

Transliteration falā taʿlamu nafsun mā ukh'fiya lahum min qurrati aʿyunin jazāan bimā kānū yaʿmalūna

Uyghur ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

Verse 18

أَفَمَن كَانَ مُؤْمِنًا كَمَن كَانَ فَاسِقًا ۚ لَّا يَسْتَوُۥنَ

Transliteration afaman kāna mu'minan kaman kāna fāsiqan lā yastawūna

Uyghur مۆمىن ئادەم پاسىق ئادەمگە ئوخشامدۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتلىك ساۋابتا) باراۋەر ئەمەس.

Verse 19

أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَلَهُمْ جَنَّـٰتُ ٱلْمَأْوَىٰ نُزُلًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ

Transliteration ammā alladhīna āmanū waʿamilū l-ṣāliḥāti falahum jannātu l-mawā nuzulan bimā kānū yaʿmalūna

Uyghur ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قارارگاھى جەننەت بولىدۇ، (ئۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر.

Verse 20

وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُوا۟ فَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓا۟ أَن يَخْرُجُوا۟ مِنْهَآ أُعِيدُوا۟ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمْ ذُوقُوا۟ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ

Transliteration wa-ammā alladhīna fasaqū famawāhumu l-nāru kullamā arādū an yakhrujū min'hā uʿīdū fīhā waqīla lahum dhūqū ʿadhāba l-nāri alladhī kuntum bihi tukadhibūna

Uyghur ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، ھەر قاچان ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ئۇلار دوزاخقا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.

Verse 21

وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَدْنَىٰ دُونَ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ

Transliteration walanudhīqannahum mina l-ʿadhābi l-adnā dūna l-ʿadhābi l-akbari laʿallahum yarjiʿūna

Uyghur ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز.

Verse 22

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن ذُكِّرَ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِۦ ثُمَّ أَعْرَضَ عَنْهَآ ۚ إِنَّا مِنَ ٱلْمُجْرِمِينَ مُنتَقِمُونَ

Transliteration waman aẓlamu mimman dhukkira biāyāti rabbihi thumma aʿraḍa ʿanhā innā mina l-muj'rimīna muntaqimūna

Uyghur پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز گۇناھكارلارنى چوقۇم جازالايمىز.

Verse 23

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ فَلَا تَكُن فِى مِرْيَةٍ مِّن لِّقَآئِهِۦ ۖ وَجَعَلْنَـٰهُ هُدًى لِّبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ

Transliteration walaqad ātaynā mūsā l-kitāba falā takun fī mir'yatin min liqāihi wajaʿalnāhu hudan libanī is'rāīla

Uyghur شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق.

Verse 24

وَجَعَلْنَا مِنْهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا لَمَّا صَبَرُوا۟ ۖ وَكَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا يُوقِنُونَ

Transliteration wajaʿalnā min'hum a-immatan yahdūna bi-amrinā lammā ṣabarū wakānū biāyātinā yūqinūna

Uyghur ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشۋالار قىلدۇق.

Verse 25

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

Transliteration inna rabbaka huwa yafṣilu baynahum yawma l-qiyāmati fīmā kānū fīhi yakhtalifūna

Uyghur سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان (دىنىي) ئىشلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

Verse 26

أَوَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّنَ ٱلْقُرُونِ يَمْشُونَ فِى مَسَـٰكِنِهِمْ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ ۖ أَفَلَا يَسْمَعُونَ

Transliteration awalam yahdi lahum kam ahlaknā min qablihim mina l-qurūni yamshūna fī masākinihim inna fī dhālika laāyātin afalā yasmaʿūna

Uyghur ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن قانچىلىغان ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئۇلار (يەنى مەككىلىكلەر) ئۇلار (يەنى ھالاك بولغانلار) نىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاڭلىمامدۇ؟.

Verse 27

أَوَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا نَسُوقُ ٱلْمَآءَ إِلَى ٱلْأَرْضِ ٱلْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِۦ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَـٰمُهُمْ وَأَنفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ

Transliteration awalam yaraw annā nasūqu l-māa ilā l-arḍi l-juruzi fanukh'riju bihi zarʿan takulu min'hu anʿāmuhum wa-anfusuhum afalā yub'ṣirūna

Uyghur ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟.

Verse 28

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْفَتْحُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ

Transliteration wayaqūlūna matā hādhā l-fatḥu in kuntum ṣādiqīna

Uyghur ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «(بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلار)» دەيدۇ.

Verse 29

قُلْ يَوْمَ ٱلْفَتْحِ لَا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ إِيمَـٰنُهُمْ وَلَا هُمْ يُنظَرُونَ

Transliteration qul yawma l-fatḥi lā yanfaʿu alladhīna kafarū īmānuhum walā hum yunẓarūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ».

Verse 30

فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَٱنتَظِرْ إِنَّهُم مُّنتَظِرُونَ

Transliteration fa-aʿriḍ ʿanhum wa-intaẓir innahum muntaẓirūna

Uyghur سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن). سەن (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە چۈشىدىغان نەرسىلەرنى) كۈتكۈچىلەردۇر.

Read Surah As-Sajdah in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.