MyDugsiStart learning

Surah Al-Mu'minun in Uyghur: translation and audio

Surah 23 · المؤمنون · The Believers · 118 verses

Surah Al-Mu'minun verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Mu'minun word by word in English.

Verse 1

قَدْ أَفْلَحَ ٱلْمُؤْمِنُونَ

Transliteration qad aflaḥa l-mu'minūna

Uyghur مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى.

Verse 2

ٱلَّذِينَ هُمْ فِى صَلَاتِهِمْ خَـٰشِعُونَ

Transliteration alladhīna hum fī ṣalātihim khāshiʿūna

Uyghur (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.

Verse 3

وَٱلَّذِينَ هُمْ عَنِ ٱللَّغْوِ مُعْرِضُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum ʿani l-laghwi muʿ'riḍūna

Uyghur ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر.

Verse 4

وَٱلَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَوٰةِ فَـٰعِلُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum lilzzakati fāʿilūna

Uyghur ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر.

Verse 5

وَٱلَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَـٰفِظُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum lifurūjihim ḥāfiẓūna

Uyghur ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر.

Verse 6

إِلَّا عَلَىٰٓ أَزْوَٰجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ

Transliteration illā ʿalā azwājihim aw mā malakat aymānuhum fa-innahum ghayru malūmīna

Uyghur (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ).

Verse 7

فَمَنِ ٱبْتَغَىٰ وَرَآءَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْعَادُونَ

Transliteration famani ib'taghā warāa dhālika fa-ulāika humu l-ʿādūna

Uyghur بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.

Verse 8

وَٱلَّذِينَ هُمْ لِأَمَـٰنَـٰتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَٰعُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum li-amānātihim waʿahdihim rāʿūna

Uyghur ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.

Verse 9

وَٱلَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَٰتِهِمْ يُحَافِظُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum ʿalā ṣalawātihim yuḥāfiẓūna

Uyghur ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر.

Verse 10

أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْوَٰرِثُونَ

Transliteration ulāika humu l-wārithūna

Uyghur ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ- نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر.

Verse 11

ٱلَّذِينَ يَرِثُونَ ٱلْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَـٰلِدُونَ

Transliteration alladhīna yarithūna l-fir'dawsa hum fīhā khālidūna

Uyghur ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ.

Verse 12

وَلَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن سُلَـٰلَةٍ مِّن طِينٍ

Transliteration walaqad khalaqnā l-insāna min sulālatin min ṭīnin

Uyghur بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.

Verse 13

ثُمَّ جَعَلْنَـٰهُ نُطْفَةً فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ

Transliteration thumma jaʿalnāhu nuṭ'fatan fī qarārin makīnin

Uyghur ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق.

Verse 14

ثُمَّ خَلَقْنَا ٱلنُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا ٱلْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا ٱلْمُضْغَةَ عِظَـٰمًا فَكَسَوْنَا ٱلْعِظَـٰمَ لَحْمًا ثُمَّ أَنشَأْنَـٰهُ خَلْقًا ءَاخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ ٱللَّهُ أَحْسَنُ ٱلْخَـٰلِقِينَ

Transliteration thumma khalaqnā l-nuṭ'fata ʿalaqatan fakhalaqnā l-ʿalaqata muḍ'ghatan fakhalaqnā l-muḍ'ghata ʿiẓāman fakasawnā l-ʿiẓāma laḥman thumma anshanāhu khalqan ākhara fatabāraka l-lahu aḥsanu l-khāliqīna

Uyghur ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر.

Verse 15

ثُمَّ إِنَّكُم بَعْدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ

Transliteration thumma innakum baʿda dhālika lamayyitūna

Uyghur ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر.

Verse 16

ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ تُبْعَثُونَ

Transliteration thumma innakum yawma l-qiyāmati tub'ʿathūna

Uyghur ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر.

Verse 17

وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَآئِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ ٱلْخَلْقِ غَـٰفِلِينَ

Transliteration walaqad khalaqnā fawqakum sabʿa ṭarāiqa wamā kunnā ʿani l-khalqi ghāfilīna

Uyghur بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز.

Verse 18

وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءًۢ بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّـٰهُ فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍۭ بِهِۦ لَقَـٰدِرُونَ

Transliteration wa-anzalnā mina l-samāi māan biqadarin fa-askannāhu fī l-arḍi wa-innā ʿalā dhahābin bihi laqādirūna

Uyghur بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.

Verse 19

فَأَنشَأْنَا لَكُم بِهِۦ جَنَّـٰتٍ مِّن نَّخِيلٍ وَأَعْنَـٰبٍ لَّكُمْ فِيهَا فَوَٰكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ

Transliteration fa-anshanā lakum bihi jannātin min nakhīlin wa-aʿnābin lakum fīhā fawākihu kathīratun wamin'hā takulūna

Uyghur شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر.

Verse 20

وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِن طُورِ سَيْنَآءَ تَنۢبُتُ بِٱلدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِّلْـَٔاكِلِينَ

Transliteration washajaratan takhruju min ṭūri saynāa tanbutu bil-duh'ni waṣib'ghin lil'ākilīna

Uyghur شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ.

Verse 21

وَإِنَّ لَكُمْ فِى ٱلْأَنْعَـٰمِ لَعِبْرَةً ۖ نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِى بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَـٰفِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ

Transliteration wa-inna lakum fī l-anʿāmi laʿib'ratan nus'qīkum mimmā fī buṭūnihā walakum fīhā manāfiʿu kathīratun wamin'hā takulūna

Uyghur چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.

Verse 22

وَعَلَيْهَا وَعَلَى ٱلْفُلْكِ تُحْمَلُونَ

Transliteration waʿalayhā waʿalā l-ful'ki tuḥ'malūna

Uyghur ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر.

Verse 23

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦ فَقَالَ يَـٰقَوْمِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ

Transliteration walaqad arsalnā nūḥan ilā qawmihi faqāla yāqawmi uʿ'budū l-laha mā lakum min ilāhin ghayruhu afalā tattaqūna

Uyghur بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

Verse 24

فَقَالَ ٱلْمَلَؤُا۟ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن قَوْمِهِۦ مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُرِيدُ أَن يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَنزَلَ مَلَـٰٓئِكَةً مَّا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِىٓ ءَابَآئِنَا ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration faqāla l-mala-u alladhīna kafarū min qawmihi mā hādhā illā basharun mith'lukum yurīdu an yatafaḍḍala ʿalaykum walaw shāa l-lahu la-anzala malāikatan mā samiʿ'nā bihādhā fī ābāinā l-awalīna

Uyghur ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز.

Verse 25

إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌۢ بِهِۦ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا۟ بِهِۦ حَتَّىٰ حِينٍ

Transliteration in huwa illā rajulun bihi jinnatun fatarabbaṣū bihi ḥattā ḥīnin

Uyghur ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار».

Verse 26

قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ

Transliteration qāla rabbi unṣur'nī bimā kadhabūni

Uyghur نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.

Verse 27

فَأَوْحَيْنَآ إِلَيْهِ أَنِ ٱصْنَعِ ٱلْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَآءَ أَمْرُنَا وَفَارَ ٱلتَّنُّورُ ۙ فَٱسْلُكْ فِيهَا مِن كُلٍّ زَوْجَيْنِ ٱثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَن سَبَقَ عَلَيْهِ ٱلْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَـٰطِبْنِى فِى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ ۖ إِنَّهُم مُّغْرَقُونَ

Transliteration fa-awḥaynā ilayhi ani iṣ'naʿi l-ful'ka bi-aʿyuninā wawaḥyinā fa-idhā jāa amrunā wafāra l-tanūru fa-us'luk fīhā min kullin zawjayni ith'nayni wa-ahlaka illā man sabaqa ʿalayhi l-qawlu min'hum walā tukhāṭib'nī fī alladhīna ẓalamū innahum mugh'raqūna

Uyghur بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.

Verse 28

فَإِذَا ٱسْتَوَيْتَ أَنتَ وَمَن مَّعَكَ عَلَى ٱلْفُلْكِ فَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى نَجَّىٰنَا مِنَ ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ

Transliteration fa-idhā is'tawayta anta waman maʿaka ʿalā l-ful'ki faquli l-ḥamdu lillahi alladhī najjānā mina l-qawmi l-ẓālimīna

Uyghur سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن.

Verse 29

وَقُل رَّبِّ أَنزِلْنِى مُنزَلًا مُّبَارَكًا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلْمُنزِلِينَ

Transliteration waqul rabbi anzil'nī munzalan mubārakan wa-anta khayru l-munzilīna

Uyghur ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن.

Verse 30

إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ وَإِن كُنَّا لَمُبْتَلِينَ

Transliteration inna fī dhālika laāyātin wa-in kunnā lamub'talīna

Uyghur ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (يەنى نۇھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز بەندىلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن) ئەلۋەتتە سىنايمىز.

Verse 31

ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قَرْنًا ءَاخَرِينَ

Transliteration thumma anshanā min baʿdihim qarnan ākharīna

Uyghur ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق.

Verse 32

فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْهُمْ أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَـٰهٍ غَيْرُهُۥٓ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ

Transliteration fa-arsalnā fīhim rasūlan min'hum ani uʿ'budū l-laha mā lakum min ilāhin ghayruhu afalā tattaqūna

Uyghur بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

Verse 33

وَقَالَ ٱلْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ وَكَذَّبُوا۟ بِلِقَآءِ ٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَتْرَفْنَـٰهُمْ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا مَا هَـٰذَآ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ

Transliteration waqāla l-mala-u min qawmihi alladhīna kafarū wakadhabū biliqāi l-ākhirati wa-atrafnāhum fī l-ḥayati l-dun'yā mā hādhā illā basharun mith'lukum yakulu mimmā takulūna min'hu wayashrabu mimmā tashrabūna

Uyghur ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇلاقاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ..

Verse 34

وَلَئِنْ أَطَعْتُم بَشَرًا مِّثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَّخَـٰسِرُونَ

Transliteration wala-in aṭaʿtum basharan mith'lakum innakum idhan lakhāsirūna

Uyghur ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر.

Verse 35

أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنتُمْ تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَنَّكُم مُّخْرَجُونَ

Transliteration ayaʿidukum annakum idhā mittum wakuntum turāban waʿiẓāman annakum mukh'rajūna

Uyghur ئۇ سىلەرنى، سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر، دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟.

Verse 36

۞ هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ

Transliteration hayhāta hayhāta limā tūʿadūna

Uyghur سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر.

Verse 37

إِنْ هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ

Transliteration in hiya illā ḥayātunā l-dun'yā namūtu wanaḥyā wamā naḥnu bimabʿūthīna

Uyghur بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز.

Verse 38

إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُۥ بِمُؤْمِنِينَ

Transliteration in huwa illā rajulun if'tarā ʿalā l-lahi kadhiban wamā naḥnu lahu bimu'minīna

Uyghur ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز».

Verse 39

قَالَ رَبِّ ٱنصُرْنِى بِمَا كَذَّبُونِ

Transliteration qāla rabbi unṣur'nī bimā kadhabūni

Uyghur ھۇد ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن».

Verse 40

قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَّيُصْبِحُنَّ نَـٰدِمِينَ

Transliteration qāla ʿammā qalīlin layuṣ'biḥunna nādimīna

Uyghur ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇ».

Verse 41

فَأَخَذَتْهُمُ ٱلصَّيْحَةُ بِٱلْحَقِّ فَجَعَلْنَـٰهُمْ غُثَآءً ۚ فَبُعْدًا لِّلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ

Transliteration fa-akhadhathumu l-ṣayḥatu bil-ḥaqi fajaʿalnāhum ghuthāan fabuʿ'dan lil'qawmi l-ẓālimīna

Uyghur ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن.

Verse 42

ثُمَّ أَنشَأْنَا مِنۢ بَعْدِهِمْ قُرُونًا ءَاخَرِينَ

Transliteration thumma anshanā min baʿdihim qurūnan ākharīna

Uyghur ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.

Verse 43

مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَـْٔخِرُونَ

Transliteration mā tasbiqu min ummatin ajalahā wamā yastakhirūna

Uyghur ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ.

Verse 44

ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَا ۖ كُلَّ مَا جَآءَ أُمَّةً رَّسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُم بَعْضًا وَجَعَلْنَـٰهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِّقَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ

Transliteration thumma arsalnā rusulanā tatrā kulla mā jāa ummatan rasūluhā kadhabūhu fa-atbaʿnā baʿḍahum baʿḍan wajaʿalnāhum aḥādītha fabuʿ'dan liqawmin lā yu'minūna

Uyghur ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن.

Verse 45

ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَـٰرُونَ بِـَٔايَـٰتِنَا وَسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ

Transliteration thumma arsalnā mūsā wa-akhāhu hārūna biāyātinā wasul'ṭānin mubīnin

Uyghur ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].

Verse 46

إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَإِي۟هِۦ فَٱسْتَكْبَرُوا۟ وَكَانُوا۟ قَوْمًا عَالِينَ

Transliteration ilā fir'ʿawna wamala-ihi fa-is'takbarū wakānū qawman ʿālīna

Uyghur ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].

Verse 47

فَقَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَـٰبِدُونَ

Transliteration faqālū anu'minu libasharayni mith'linā waqawmuhumā lanā ʿābidūna

Uyghur ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى.

Verse 48

فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا۟ مِنَ ٱلْمُهْلَكِينَ

Transliteration fakadhabūhumā fakānū mina l-muh'lakīna

Uyghur ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى.

Verse 49

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا مُوسَى ٱلْكِتَـٰبَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ

Transliteration walaqad ātaynā mūsā l-kitāba laʿallahum yahtadūna

Uyghur ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق.

Verse 50

وَجَعَلْنَا ٱبْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُۥٓ ءَايَةً وَءَاوَيْنَـٰهُمَآ إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ

Transliteration wajaʿalnā ib'na maryama wa-ummahu āyatan waāwaynāhumā ilā rabwatin dhāti qarārin wamaʿīnin

Uyghur بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.

Verse 51

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلرُّسُلُ كُلُوا۟ مِنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَٱعْمَلُوا۟ صَـٰلِحًا ۖ إِنِّى بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ

Transliteration yāayyuhā l-rusulu kulū mina l-ṭayibāti wa-iʿ'malū ṣāliḥan innī bimā taʿmalūna ʿalīmun

Uyghur ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن.

Verse 52

وَإِنَّ هَـٰذِهِۦٓ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَٰحِدَةً وَأَنَا۠ رَبُّكُمْ فَٱتَّقُونِ

Transliteration wa-inna hādhihi ummatukum ummatan wāḥidatan wa-anā rabbukum fa-ittaqūni

Uyghur (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار.

Verse 53

فَتَقَطَّعُوٓا۟ أَمْرَهُم بَيْنَهُمْ زُبُرًا ۖ كُلُّ حِزْبٍۭ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ

Transliteration fataqaṭṭaʿū amrahum baynahum zuburan kullu ḥiz'bin bimā ladayhim fariḥūna

Uyghur ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر.

Verse 54

فَذَرْهُمْ فِى غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ

Transliteration fadharhum fī ghamratihim ḥattā ḥīnin

Uyghur ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن.

Verse 55

أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُم بِهِۦ مِن مَّالٍ وَبَنِينَ

Transliteration ayaḥsabūna annamā numidduhum bihi min mālin wabanīna

Uyghur (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[ -56- 55

Verse 56

نُسَارِعُ لَهُمْ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ ۚ بَل لَّا يَشْعُرُونَ

Transliteration nusāriʿu lahum fī l-khayrāti bal lā yashʿurūna

Uyghur (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[ -56- 55

Verse 57

إِنَّ ٱلَّذِينَ هُم مِّنْ خَشْيَةِ رَبِّهِم مُّشْفِقُونَ

Transliteration inna alladhīna hum min khashyati rabbihim mush'fiqūna

Uyghur ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر،

Verse 58

وَٱلَّذِينَ هُم بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum biāyāti rabbihim yu'minūna

Uyghur پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر،

Verse 59

وَٱلَّذِينَ هُم بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ

Transliteration wa-alladhīna hum birabbihim lā yush'rikūna

Uyghur پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر،

Verse 60

وَٱلَّذِينَ يُؤْتُونَ مَآ ءَاتَوا۟ وَّقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَىٰ رَبِّهِمْ رَٰجِعُونَ

Transliteration wa-alladhīna yu'tūna mā ātaw waqulūbuhum wajilatun annahum ilā rabbihim rājiʿūna

Uyghur سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.

Verse 61

أُو۟لَـٰٓئِكَ يُسَـٰرِعُونَ فِى ٱلْخَيْرَٰتِ وَهُمْ لَهَا سَـٰبِقُونَ

Transliteration ulāika yusāriʿūna fī l-khayrāti wahum lahā sābiqūna

Uyghur ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر.

Verse 62

وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَـٰبٌ يَنطِقُ بِٱلْحَقِّ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ

Transliteration walā nukallifu nafsan illā wus'ʿahā waladaynā kitābun yanṭiqu bil-ḥaqi wahum lā yuẓ'lamūna

Uyghur بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ـ يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە ـ ئەمال بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

Verse 63

بَلْ قُلُوبُهُمْ فِى غَمْرَةٍ مِّنْ هَـٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَـٰلٌ مِّن دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَـٰمِلُونَ

Transliteration bal qulūbuhum fī ghamratin min hādhā walahum aʿmālun min dūni dhālika hum lahā ʿāmilūna

Uyghur ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ.

Verse 64

حَتَّىٰٓ إِذَآ أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِم بِٱلْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْـَٔرُونَ

Transliteration ḥattā idhā akhadhnā mut'rafīhim bil-ʿadhābi idhā hum yajarūna

Uyghur ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ.

Verse 65

لَا تَجْـَٔرُوا۟ ٱلْيَوْمَ ۖ إِنَّكُم مِّنَّا لَا تُنصَرُونَ

Transliteration lā tajarū l-yawma innakum minnā lā tunṣarūna

Uyghur (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ): «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر».

Verse 66

قَدْ كَانَتْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَـٰبِكُمْ تَنكِصُونَ

Transliteration qad kānat āyātī tut'lā ʿalaykum fakuntum ʿalā aʿqābikum tankiṣūna

Uyghur مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار.

Verse 67

مُسْتَكْبِرِينَ بِهِۦ سَـٰمِرًا تَهْجُرُونَ

Transliteration mus'takbirīna bihi sāmiran tahjurūna

Uyghur ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ).

Verse 68

أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا۟ ٱلْقَوْلَ أَمْ جَآءَهُم مَّا لَمْ يَأْتِ ءَابَآءَهُمُ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration afalam yaddabbarū l-qawla am jāahum mā lam yati ābāahumu l-awalīna

Uyghur ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟.

Verse 69

أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا۟ رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُۥ مُنكِرُونَ

Transliteration am lam yaʿrifū rasūlahum fahum lahu munkirūna

Uyghur ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟

Verse 70

أَمْ يَقُولُونَ بِهِۦ جِنَّةٌۢ ۚ بَلْ جَآءَهُم بِٱلْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَـٰرِهُونَ

Transliteration am yaqūlūna bihi jinnatun bal jāahum bil-ḥaqi wa-aktharuhum lil'ḥaqqi kārihūna

Uyghur ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ.

Verse 71

وَلَوِ ٱتَّبَعَ ٱلْحَقُّ أَهْوَآءَهُمْ لَفَسَدَتِ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ وَٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَن ذِكْرِهِم مُّعْرِضُونَ

Transliteration walawi ittabaʿa l-ḥaqu ahwāahum lafasadati l-samāwātu wal-arḍu waman fīhinna bal ataynāhum bidhik'rihim fahum ʿan dhik'rihim muʿ'riḍūna

Uyghur ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ.

Verse 72

أَمْ تَسْـَٔلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلرَّٰزِقِينَ

Transliteration am tasaluhum kharjan fakharāju rabbika khayrun wahuwa khayru l-rāziqīna

Uyghur ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.

Verse 73

وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطٍ مُّسْتَقِيمٍ

Transliteration wa-innaka latadʿūhum ilā ṣirāṭin mus'taqīmin

Uyghur سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن.

Verse 74

وَإِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ عَنِ ٱلصِّرَٰطِ لَنَـٰكِبُونَ

Transliteration wa-inna alladhīna lā yu'minūna bil-ākhirati ʿani l-ṣirāṭi lanākibūna

Uyghur ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر.

Verse 75

۞ وَلَوْ رَحِمْنَـٰهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِم مِّن ضُرٍّ لَّلَجُّوا۟ فِى طُغْيَـٰنِهِمْ يَعْمَهُونَ

Transliteration walaw raḥim'nāhum wakashafnā mā bihim min ḍurrin lalajjū fī ṭugh'yānihim yaʿmahūna

Uyghur ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى.

Verse 76

وَلَقَدْ أَخَذْنَـٰهُم بِٱلْعَذَابِ فَمَا ٱسْتَكَانُوا۟ لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ

Transliteration walaqad akhadhnāhum bil-ʿadhābi famā is'takānū lirabbihim wamā yataḍarraʿūna

Uyghur ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى.

Verse 77

حَتَّىٰٓ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِم بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ

Transliteration ḥattā idhā fataḥnā ʿalayhim bāban dhā ʿadhābin shadīdin idhā hum fīhi mub'lisūna

Uyghur تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.

Verse 78

وَهُوَ ٱلَّذِىٓ أَنشَأَ لَكُمُ ٱلسَّمْعَ وَٱلْأَبْصَـٰرَ وَٱلْأَفْـِٔدَةَ ۚ قَلِيلًا مَّا تَشْكُرُونَ

Transliteration wahuwa alladhī ansha-a lakumu l-samʿa wal-abṣāra wal-afidata qalīlan mā tashkurūna

Uyghur ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.

Verse 79

وَهُوَ ٱلَّذِى ذَرَأَكُمْ فِى ٱلْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ

Transliteration wahuwa alladhī dhara-akum fī l-arḍi wa-ilayhi tuḥ'sharūna

Uyghur ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.

Verse 80

وَهُوَ ٱلَّذِى يُحْىِۦ وَيُمِيتُ وَلَهُ ٱخْتِلَـٰفُ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

Transliteration wahuwa alladhī yuḥ'yī wayumītu walahu ikh'tilāfu al-layli wal-nahāri afalā taʿqilūna

Uyghur ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟.

Verse 81

بَلْ قَالُوا۟ مِثْلَ مَا قَالَ ٱلْأَوَّلُونَ

Transliteration bal qālū mith'la mā qāla l-awalūna

Uyghur (ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى.

Verse 82

قَالُوٓا۟ أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ

Transliteration qālū a-idhā mit'nā wakunnā turāban waʿiẓāman a-innā lamabʿūthūna

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟.

Verse 83

لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَءَابَآؤُنَا هَـٰذَا مِن قَبْلُ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration laqad wuʿid'nā naḥnu waābāunā hādhā min qablu in hādhā illā asāṭīru l-awalīna

Uyghur ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر».

Verse 84

قُل لِّمَنِ ٱلْأَرْضُ وَمَن فِيهَآ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

Transliteration qul limani l-arḍu waman fīhā in kuntum taʿlamūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)».

Verse 85

سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

Transliteration sayaqūlūna lillahi qul afalā tadhakkarūna

Uyghur ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟

Verse 86

قُلْ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ ٱلسَّبْعِ وَرَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ

Transliteration qul man rabbu l-samāwāti l-sabʿi warabbu l-ʿarshi l-ʿaẓīmi

Uyghur ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟»

Verse 87

سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ

Transliteration sayaqūlūna lillahi qul afalā tattaqūna

Uyghur ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

Verse 88

قُلْ مَنۢ بِيَدِهِۦ مَلَكُوتُ كُلِّ شَىْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

Transliteration qul man biyadihi malakūtu kulli shayin wahuwa yujīru walā yujāru ʿalayhi in kuntum taʿlamūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)».

Verse 89

سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ

Transliteration sayaqūlūna lillahi qul fa-annā tus'ḥarūna

Uyghur ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟».

Verse 90

بَلْ أَتَيْنَـٰهُم بِٱلْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ

Transliteration bal ataynāhum bil-ḥaqi wa-innahum lakādhibūna

Uyghur ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر.

Verse 91

مَا ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ مِن وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُۥ مِنْ إِلَـٰهٍ ۚ إِذًا لَّذَهَبَ كُلُّ إِلَـٰهٍۭ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ

Transliteration mā ittakhadha l-lahu min waladin wamā kāna maʿahu min ilāhin idhan ladhahaba kullu ilāhin bimā khalaqa walaʿalā baʿḍuhum ʿalā baʿḍin sub'ḥāna l-lahi ʿammā yaṣifūna

Uyghur ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.

Verse 92

عَـٰلِمِ ٱلْغَيْبِ وَٱلشَّهَـٰدَةِ فَتَعَـٰلَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ

Transliteration ʿālimi l-ghaybi wal-shahādati fataʿālā ʿammā yush'rikūna

Uyghur ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.

Verse 93

قُل رَّبِّ إِمَّا تُرِيَنِّى مَا يُوعَدُونَ

Transliteration qul rabbi immā turiyannī mā yūʿadūna

Uyghur ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى (دۇنيادا) كۆرسىتىدىغان بولساڭ،

Verse 94

رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِى فِى ٱلْقَوْمِ ٱلظَّـٰلِمِينَ

Transliteration rabbi falā tajʿalnī fī l-qawmi l-ẓālimīna

Uyghur ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن».

Verse 95

وَإِنَّا عَلَىٰٓ أَن نُّرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَـٰدِرُونَ

Transliteration wa-innā ʿalā an nuriyaka mā naʿiduhum laqādirūna

Uyghur بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.

Verse 96

ٱدْفَعْ بِٱلَّتِى هِىَ أَحْسَنُ ٱلسَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ

Transliteration id'faʿ bi-allatī hiya aḥsanu l-sayi-ata naḥnu aʿlamu bimā yaṣifūna

Uyghur (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز.

Verse 97

وَقُل رَّبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَٰتِ ٱلشَّيَـٰطِينِ

Transliteration waqul rabbi aʿūdhu bika min hamazāti l-shayāṭīni

Uyghur ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن.

Verse 98

وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَن يَحْضُرُونِ

Transliteration wa-aʿūdhu bika rabbi an yaḥḍurūni

Uyghur پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن».

Verse 99

حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ٱرْجِعُونِ

Transliteration ḥattā idhā jāa aḥadahumu l-mawtu qāla rabbi ir'jiʿūni

Uyghur ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن.

Verse 100

لَعَلِّىٓ أَعْمَلُ صَـٰلِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّآ ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَا ۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ

Transliteration laʿallī aʿmalu ṣāliḥan fīmā taraktu kallā innahā kalimatun huwa qāiluhā wamin warāihim barzakhun ilā yawmi yub'ʿathūna

Uyghur مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ.

Verse 101

فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ فَلَآ أَنسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَآءَلُونَ

Transliteration fa-idhā nufikha fī l-ṣūri falā ansāba baynahum yawma-idhin walā yatasāalūna

Uyghur سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر ـ بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ.

Verse 102

فَمَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْمُفْلِحُونَ

Transliteration faman thaqulat mawāzīnuhu fa-ulāika humu l-muf'liḥūna

Uyghur تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

Verse 103

وَمَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ خَسِرُوٓا۟ أَنفُسَهُمْ فِى جَهَنَّمَ خَـٰلِدُونَ

Transliteration waman khaffat mawāzīnuhu fa-ulāika alladhīna khasirū anfusahum fī jahannama khālidūna

Uyghur تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.

Verse 104

تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ ٱلنَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَـٰلِحُونَ

Transliteration talfaḥu wujūhahumu l-nāru wahum fīhā kāliḥūna

Uyghur ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ.

Verse 105

أَلَمْ تَكُنْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ

Transliteration alam takun āyātī tut'lā ʿalaykum fakuntum bihā tukadhibūna

Uyghur (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ.

Verse 106

قَالُوا۟ رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَآلِّينَ

Transliteration qālū rabbanā ghalabat ʿalaynā shiq'watunā wakunnā qawman ḍāllīna

Uyghur ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق.

Verse 107

رَبَّنَآ أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَـٰلِمُونَ

Transliteration rabbanā akhrij'nā min'hā fa-in ʿud'nā fa-innā ẓālimūna

Uyghur پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز».

Verse 108

قَالَ ٱخْسَـُٔوا۟ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ

Transliteration qāla ikh'saū fīhā walā tukallimūni

Uyghur ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار».

Verse 109

إِنَّهُۥ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْ عِبَادِى يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱغْفِرْ لَنَا وَٱرْحَمْنَا وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ

Transliteration innahu kāna farīqun min ʿibādī yaqūlūna rabbanā āmannā fa-igh'fir lanā wa-ir'ḥamnā wa-anta khayru l-rāḥimīna

Uyghur شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى.

Verse 110

فَٱتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰٓ أَنسَوْكُمْ ذِكْرِى وَكُنتُم مِّنْهُمْ تَضْحَكُونَ

Transliteration fa-ittakhadhtumūhum sikh'riyyan ḥattā ansawkum dhik'rī wakuntum min'hum taḍḥakūna

Uyghur ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار.

Verse 111

إِنِّى جَزَيْتُهُمُ ٱلْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوٓا۟ أَنَّهُمْ هُمُ ٱلْفَآئِزُونَ

Transliteration innī jazaytuhumu l-yawma bimā ṣabarū annahum humu l-fāizūna

Uyghur (سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.

Verse 112

قَـٰلَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِى ٱلْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ

Transliteration qāla kam labith'tum fī l-arḍi ʿadada sinīna

Uyghur ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.

Verse 113

قَالُوا۟ لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَسْـَٔلِ ٱلْعَآدِّينَ

Transliteration qālū labith'nā yawman aw baʿḍa yawmin fasali l-ʿādīna

Uyghur ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي ـ كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ).

Verse 114

قَـٰلَ إِن لَّبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَّوْ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ

Transliteration qāla in labith'tum illā qalīlan law annakum kuntum taʿlamūna

Uyghur ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

Verse 115

أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَـٰكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ

Transliteration afaḥasib'tum annamā khalaqnākum ʿabathan wa-annakum ilaynā lā tur'jaʿūna

Uyghur ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟

Verse 116

فَتَعَـٰلَى ٱللَّهُ ٱلْمَلِكُ ٱلْحَقُّ ۖ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْكَرِيمِ

Transliteration fataʿālā l-lahu l-maliku l-ḥaqu lā ilāha illā huwa rabbu l-ʿarshi l-karīmi

Uyghur ھەق پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.

Verse 117

وَمَن يَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ لَا بُرْهَـٰنَ لَهُۥ بِهِۦ فَإِنَّمَا حِسَابُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦٓ ۚ إِنَّهُۥ لَا يُفْلِحُ ٱلْكَـٰفِرُونَ

Transliteration waman yadʿu maʿa l-lahi ilāhan ākhara lā bur'hāna lahu bihi fa-innamā ḥisābuhu ʿinda rabbihi innahu lā yuf'liḥu l-kāfirūna

Uyghur كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ.

Verse 118

وَقُل رَّبِّ ٱغْفِرْ وَٱرْحَمْ وَأَنتَ خَيْرُ ٱلرَّٰحِمِينَ

Transliteration waqul rabbi igh'fir wa-ir'ḥam wa-anta khayru l-rāḥimīna

Uyghur «پەرۋەردىگارىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن.

Read Surah Al-Mu'minun in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.