Surah Al-Ahzab in Uyghur: translation and audio
Surah 33 · الأحزاب · The Combined Forces · 73 verses
Surah Al-Ahzab verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Ahzab word by word in English.
Verse 1
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ ٱتَّقِ ٱللَّهَ وَلَا تُطِعِ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقِينَ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
Transliteration yāayyuhā l-nabiyu ittaqi l-laha walā tuṭiʿi l-kāfirīna wal-munāfiqīna inna l-laha kāna ʿalīman ḥakīman
Uyghur ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى (داۋاملاشتۇرغىن)، كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) ھېكمەت بىلەن باشقۇرغۇچىدۇر.
Verse 2
وَٱتَّبِعْ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
Transliteration wa-ittabiʿ mā yūḥā ilayka min rabbika inna l-laha kāna bimā taʿmalūna khabīran
Uyghur ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
Verse 3
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
Transliteration watawakkal ʿalā l-lahi wakafā bil-lahi wakīlan
Uyghur (ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
Verse 4
مَّا جَعَلَ ٱللَّهُ لِرَجُلٍ مِّن قَلْبَيْنِ فِى جَوْفِهِۦ ۚ وَمَا جَعَلَ أَزْوَٰجَكُمُ ٱلَّـٰٓـِٔى تُظَـٰهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَـٰتِكُمْ ۚ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَآءَكُمْ أَبْنَآءَكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ قَوْلُكُم بِأَفْوَٰهِكُمْ ۖ وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِى ٱلسَّبِيلَ
Transliteration mā jaʿala l-lahu lirajulin min qalbayni fī jawfihi wamā jaʿala azwājakumu allāī tuẓāhirūna min'hunna ummahātikum wamā jaʿala adʿiyāakum abnāakum dhālikum qawlukum bi-afwāhikum wal-lahu yaqūlu l-ḥaqa wahuwa yahdī l-sabīla
Uyghur ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.
Verse 5
ٱدْعُوهُمْ لِـَٔابَآئِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِندَ ٱللَّهِ ۚ فَإِن لَّمْ تَعْلَمُوٓا۟ ءَابَآءَهُمْ فَإِخْوَٰنُكُمْ فِى ٱلدِّينِ وَمَوَٰلِيكُمْ ۚ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَآ أَخْطَأْتُم بِهِۦ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
Transliteration id'ʿūhum liābāihim huwa aqsaṭu ʿinda l-lahi fa-in lam taʿlamū ābāahum fa-ikh'wānukum fī l-dīni wamawālīkum walaysa ʿalaykum junāḥun fīmā akhṭatum bihi walākin mā taʿammadat qulūbukum wakāna l-lahu ghafūran raḥīman
Uyghur ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 6
ٱلنَّبِىُّ أَوْلَىٰ بِٱلْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَٰجُهُۥٓ أُمَّهَـٰتُهُمْ ۗ وَأُو۟لُوا۟ ٱلْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِى كِتَـٰبِ ٱللَّهِ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُهَـٰجِرِينَ إِلَّآ أَن تَفْعَلُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَوْلِيَآئِكُم مَّعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مَسْطُورًا
Transliteration al-nabiyu awlā bil-mu'minīna min anfusihim wa-azwājuhu ummahātuhum wa-ulū l-arḥāmi baʿḍuhum awlā bibaʿḍin fī kitābi l-lahi mina l-mu'minīna wal-muhājirīna illā an tafʿalū ilā awliyāikum maʿrūfan kāna dhālika fī l-kitābi masṭūran
Uyghur پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر.
Verse 7
وَإِذْ أَخَذْنَا مِنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِيثَـٰقَهُمْ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٍ وَإِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ٱبْنِ مَرْيَمَ ۖ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَـٰقًا غَلِيظًا
Transliteration wa-idh akhadhnā mina l-nabiyīna mīthāqahum waminka wamin nūḥin wa-ib'rāhīma wamūsā waʿīsā ib'ni maryama wa-akhadhnā min'hum mīthāqan ghalīẓan
Uyghur ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق، سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن، مەريەم ئوغلى ئىيسادىن مەھكەم ئەھدە ئالدۇق.
Verse 8
لِّيَسْـَٔلَ ٱلصَّـٰدِقِينَ عَن صِدْقِهِمْ ۚ وَأَعَدَّ لِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
Transliteration liyasala l-ṣādiqīna ʿan ṣid'qihim wa-aʿadda lil'kāfirīna ʿadhāban alīman
Uyghur ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەردىن پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سورايدۇ)، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى.
Verse 9
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَآءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَّمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū udh'kurū niʿ'mata l-lahi ʿalaykum idh jāatkum junūdun fa-arsalnā ʿalayhim rīḥan wajunūdan lam tarawhā wakāna l-lahu bimā taʿmalūna baṣīran
Uyghur ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 10
إِذْ جَآءُوكُم مِّن فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنكُمْ وَإِذْ زَاغَتِ ٱلْأَبْصَـٰرُ وَبَلَغَتِ ٱلْقُلُوبُ ٱلْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِٱللَّهِ ٱلظُّنُونَا۠
Transliteration idh jāūkum min fawqikum wamin asfala minkum wa-idh zāghati l-abṣāru wabalaghati l-qulūbu l-ḥanājira wataẓunnūna bil-lahi l-ẓunūnā
Uyghur ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.
Verse 11
هُنَالِكَ ٱبْتُلِىَ ٱلْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا۟ زِلْزَالًا شَدِيدًا
Transliteration hunālika ub'tuliya l-mu'minūna wazul'zilū zil'zālan shadīdan
Uyghur بۇ يەردە مۆمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى.
Verse 12
وَإِذْ يَقُولُ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ مَّا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ إِلَّا غُرُورًا
Transliteration wa-idh yaqūlu l-munāfiqūna wa-alladhīna fī qulūbihim maraḍun mā waʿadanā l-lahu warasūluhu illā ghurūran
Uyghur ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى.
Verse 13
وَإِذْ قَالَت طَّآئِفَةٌ مِّنْهُمْ يَـٰٓأَهْلَ يَثْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَٱرْجِعُوا۟ ۚ وَيَسْتَـْٔذِنُ فَرِيقٌ مِّنْهُمُ ٱلنَّبِىَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوْرَةٌ وَمَا هِىَ بِعَوْرَةٍ ۖ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارًا
Transliteration wa-idh qālat ṭāifatun min'hum yāahla yathriba lā muqāma lakum fa-ir'jiʿū wayastadhinu farīqun min'humu l-nabiya yaqūlūna inna buyūtanā ʿawratun wamā hiya biʿawratin in yurīdūna illā firāran
Uyghur ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ.
Verse 14
وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَيْهِم مِّنْ أَقْطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُوا۟ ٱلْفِتْنَةَ لَـَٔاتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوا۟ بِهَآ إِلَّا يَسِيرًا
Transliteration walaw dukhilat ʿalayhim min aqṭārihā thumma su-ilū l-fit'nata laātawhā wamā talabbathū bihā illā yasīran
Uyghur ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى.
Verse 15
وَلَقَدْ كَانُوا۟ عَـٰهَدُوا۟ ٱللَّهَ مِن قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ ٱلْأَدْبَـٰرَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ ٱللَّهِ مَسْـُٔولًا
Transliteration walaqad kānū ʿāhadū l-laha min qablu lā yuwallūna l-adbāra wakāna ʿahdu l-lahi masūlan
Uyghur ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ.
Verse 16
قُل لَّن يَنفَعَكُمُ ٱلْفِرَارُ إِن فَرَرْتُم مِّنَ ٱلْمَوْتِ أَوِ ٱلْقَتْلِ وَإِذًا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
Transliteration qul lan yanfaʿakumu l-firāru in farartum mina l-mawti awi l-qatli wa-idhan lā tumattaʿūna illā qalīlan
Uyghur ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر».
Verse 17
قُلْ مَن ذَا ٱلَّذِى يَعْصِمُكُم مِّنَ ٱللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوٓءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
Transliteration qul man dhā alladhī yaʿṣimukum mina l-lahi in arāda bikum sūan aw arāda bikum raḥmatan walā yajidūna lahum min dūni l-lahi waliyyan walā naṣīran
Uyghur ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ.
Verse 18
۞ قَدْ يَعْلَمُ ٱللَّهُ ٱلْمُعَوِّقِينَ مِنكُمْ وَٱلْقَآئِلِينَ لِإِخْوَٰنِهِمْ هَلُمَّ إِلَيْنَا ۖ وَلَا يَأْتُونَ ٱلْبَأْسَ إِلَّا قَلِيلًا
Transliteration qad yaʿlamu l-lahu l-muʿawiqīna minkum wal-qāilīna li-ikh'wānihim halumma ilaynā walā yatūna l-basa illā qalīlan
Uyghur ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى باشقىلارنى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا (مۇھەممەدنى ۋە ساھابىلىرىنى تەرك ئېتىپ) بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ.
Verse 19
أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَٱلَّذِى يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ ٱلْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلْخَوْفُ سَلَقُوكُم بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلْخَيْرِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا۟ فَأَحْبَطَ ٱللَّهُ أَعْمَـٰلَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
Transliteration ashiḥḥatan ʿalaykum fa-idhā jāa l-khawfu ra-aytahum yanẓurūna ilayka tadūru aʿyunuhum ka-alladhī yugh'shā ʿalayhi mina l-mawti fa-idhā dhahaba l-khawfu salaqūkum bi-alsinatin ḥidādin ashiḥḥatan ʿalā l-khayri ulāika lam yu'minū fa-aḥbaṭa l-lahu aʿmālahum wakāna dhālika ʿalā l-lahi yasīran
Uyghur ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر.
Verse 20
يَحْسَبُونَ ٱلْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا۟ ۖ وَإِن يَأْتِ ٱلْأَحْزَابُ يَوَدُّوا۟ لَوْ أَنَّهُم بَادُونَ فِى ٱلْأَعْرَابِ يَسْـَٔلُونَ عَنْ أَنۢبَآئِكُمْ ۖ وَلَوْ كَانُوا۟ فِيكُم مَّا قَـٰتَلُوٓا۟ إِلَّا قَلِيلًا
Transliteration yaḥsabūna l-aḥzāba lam yadhhabū wa-in yati l-aḥzābu yawaddū law annahum bādūna fī l-aʿrābi yasalūna ʿan anbāikum walaw kānū fīkum mā qātalū illā qalīlan
Uyghur ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (قاتتىق قورققانلىقتىن) ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (قىردا) ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى.
Verse 21
لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِى رَسُولِ ٱللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلْيَوْمَ ٱلْـَٔاخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرًا
Transliteration laqad kāna lakum fī rasūli l-lahi us'watun ḥasanatun liman kāna yarjū l-laha wal-yawma l-ākhira wadhakara l-laha kathīran
Uyghur سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.
Verse 22
وَلَمَّا رَءَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلْأَحْزَابَ قَالُوا۟ هَـٰذَا مَا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَصَدَقَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّآ إِيمَـٰنًا وَتَسْلِيمًا
Transliteration walammā raā l-mu'minūna l-aḥzāba qālū hādhā mā waʿadanā l-lahu warasūluhu waṣadaqa l-lahu warasūluhu wamā zādahum illā īmānan wataslīman
Uyghur مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
Verse 23
مِّنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا۟ مَا عَـٰهَدُوا۟ ٱللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُم مَّن قَضَىٰ نَحْبَهُۥ وَمِنْهُم مَّن يَنتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا۟ تَبْدِيلًا
Transliteration mina l-mu'minīna rijālun ṣadaqū mā ʿāhadū l-laha ʿalayhi famin'hum man qaḍā naḥbahu wamin'hum man yantaẓiru wamā baddalū tabdīlan
Uyghur مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.
Verse 24
لِّيَجْزِىَ ٱللَّهُ ٱلصَّـٰدِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ إِن شَآءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
Transliteration liyajziya l-lahu l-ṣādiqīna biṣid'qihim wayuʿadhiba l-munāfiqīna in shāa aw yatūba ʿalayhim inna l-laha kāna ghafūran raḥīman
Uyghur ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 25
وَرَدَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا۟ خَيْرًا ۚ وَكَفَى ٱللَّهُ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱلْقِتَالَ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا
Transliteration waradda l-lahu alladhīna kafarū bighayẓihim lam yanālū khayran wakafā l-lahu l-mu'minīna l-qitāla wakāna l-lahu qawiyyan ʿazīzan
Uyghur ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر.
Verse 26
وَأَنزَلَ ٱلَّذِينَ ظَـٰهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ ٱلْكِتَـٰبِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِى قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا
Transliteration wa-anzala alladhīna ẓāharūhum min ahli l-kitābi min ṣayāṣīhim waqadhafa fī qulūbihimu l-ruʿ'ba farīqan taqtulūna watasirūna farīqan
Uyghur ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى) قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.
Verse 27
وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَـٰرَهُمْ وَأَمْوَٰلَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَـُٔوهَا ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرًا
Transliteration wa-awrathakum arḍahum wadiyārahum wa-amwālahum wa-arḍan lam taṭaūhā wakāna l-lahu ʿalā kulli shayin qadīran
Uyghur ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، قورو ـ جايلىرىنى، مال ـ مۈلۈكلىرىنى ۋە (تېخى) سىلەرنىڭ قەدىمىڭلار دەسسەپ باقمىغان زېمىننى مىراس قىلىپ بەردى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
Verse 28
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ قُل لِّأَزْوَٰجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيْنَ أُمَتِّعْكُنَّ وَأُسَرِّحْكُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
Transliteration yāayyuhā l-nabiyu qul li-azwājika in kuntunna turid'na l-ḥayata l-dun'yā wazīnatahā fataʿālayna umattiʿ'kunna wa-usarriḥ'kunna sarāḥan jamīlan
Uyghur . ئى پەيغەمبەر! (ئارتۇق خىراجەت سوراپ سېنى رەنجىتكەن) ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (يەنى پاراۋان تۇرمۇشنى) ۋە دۇنيانىڭ زىبۇ زىننىتىنى كۆزلىسەڭلار، كېلىڭلار، سىلەرگە بىر ئاز نەرسە بېرەي، سىلەرنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرەي.
Verse 29
وَإِن كُنتُنَّ تُرِدْنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلدَّارَ ٱلْـَٔاخِرَةَ فَإِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلْمُحْسِنَـٰتِ مِنكُنَّ أَجْرًا عَظِيمًا
Transliteration wa-in kuntunna turid'na l-laha warasūlahu wal-dāra l-ākhirata fa-inna l-laha aʿadda lil'muḥ'sināti minkunna ajran ʿaẓīman
Uyghur ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇنېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى».
Verse 30
يَـٰنِسَآءَ ٱلنَّبِىِّ مَن يَأْتِ مِنكُنَّ بِفَـٰحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ يُضَـٰعَفْ لَهَا ٱلْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرًا
Transliteration yānisāa l-nabiyi man yati minkunna bifāḥishatin mubayyinatin yuḍāʿaf lahā l-ʿadhābu ḍiʿ'fayni wakāna dhālika ʿalā l-lahi yasīran
Uyghur ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
Verse 31
۞ وَمَن يَقْنُتْ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتَعْمَلْ صَـٰلِحًا نُّؤْتِهَآ أَجْرَهَا مَرَّتَيْنِ وَأَعْتَدْنَا لَهَا رِزْقًا كَرِيمًا
Transliteration waman yaqnut minkunna lillahi warasūlihi wataʿmal ṣāliḥan nu'tihā ajrahā marratayni wa-aʿtadnā lahā riz'qan karīman
Uyghur سىلەردىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ساۋابنى ئىككى قاتلاپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا (جەننەتتە) ئېسىل رىزىق تەييارلىدۇق.
Verse 32
يَـٰنِسَآءَ ٱلنَّبِىِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ ٱلنِّسَآءِ ۚ إِنِ ٱتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِٱلْقَوْلِ فَيَطْمَعَ ٱلَّذِى فِى قَلْبِهِۦ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
Transliteration yānisāa l-nabiyi lastunna ka-aḥadin mina l-nisāi ini ittaqaytunna falā takhḍaʿna bil-qawli fayaṭmaʿa alladhī fī qalbihi maraḍun waqul'na qawlan maʿrūfan
Uyghur ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازلىنىپ سۆز قىلماڭلار، (نازلىنىپ سۆز قىلساڭلار) دىلىدا كېسەل بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالىي) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار.
Verse 33
وَقَرْنَ فِى بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ ٱلْجَـٰهِلِيَّةِ ٱلْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتِينَ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِعْنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ ٱلرِّجْسَ أَهْلَ ٱلْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا
Transliteration waqarna fī buyūtikunna walā tabarrajna tabarruja l-jāhiliyati l-ūlā wa-aqim'na l-ṣalata waātīna l-zakata wa-aṭiʿ'na l-laha warasūlahu innamā yurīdu l-lahu liyudh'hiba ʿankumu l-rij'sa ahla l-bayti wayuṭahhirakum taṭhīran
Uyghur ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن گۇناھنى ساقىت قىلىشنى ۋە سىلەرنى تامامەن پاك قىلىشنى خالايدۇ.
Verse 34
وَٱذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِى بُيُوتِكُنَّ مِنْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ وَٱلْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
Transliteration wa-udh'kur'na mā yut'lā fī buyūtikunna min āyāti l-lahi wal-ḥik'mati inna l-laha kāna laṭīfan khabīran
Uyghur ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
Verse 35
إِنَّ ٱلْمُسْلِمِينَ وَٱلْمُسْلِمَـٰتِ وَٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ وَٱلْقَـٰنِتِينَ وَٱلْقَـٰنِتَـٰتِ وَٱلصَّـٰدِقِينَ وَٱلصَّـٰدِقَـٰتِ وَٱلصَّـٰبِرِينَ وَٱلصَّـٰبِرَٰتِ وَٱلْخَـٰشِعِينَ وَٱلْخَـٰشِعَـٰتِ وَٱلْمُتَصَدِّقِينَ وَٱلْمُتَصَدِّقَـٰتِ وَٱلصَّـٰٓئِمِينَ وَٱلصَّـٰٓئِمَـٰتِ وَٱلْحَـٰفِظِينَ فُرُوجَهُمْ وَٱلْحَـٰفِظَـٰتِ وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرًا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
Transliteration inna l-mus'limīna wal-mus'limāti wal-mu'minīna wal-mu'mināti wal-qānitīna wal-qānitāti wal-ṣādiqīna wal-ṣādiqāti wal-ṣābirīna wal-ṣābirāti wal-khāshiʿīna wal-khāshiʿāti wal-mutaṣadiqīna wal-mutaṣadiqāti wal-ṣāimīna wal-ṣāimāti wal-ḥāfiẓīna furūjahum wal-ḥāfiẓāti wal-dhākirīna l-laha kathīran wal-dhākirāti aʿadda l-lahu lahum maghfiratan wa-ajran ʿaẓīman
Uyghur مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.
Verse 36
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ ٱلْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَن يَعْصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَـٰلًا مُّبِينًا
Transliteration wamā kāna limu'minin walā mu'minatin idhā qaḍā l-lahu warasūluhu amran an yakūna lahumu l-khiyaratu min amrihim waman yaʿṣi l-laha warasūlahu faqad ḍalla ḍalālan mubīnan
Uyghur ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.
Verse 37
وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِىٓ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَٱتَّقِ ٱللَّهَ وَتُخْفِى فِى نَفْسِكَ مَا ٱللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى ٱلنَّاسَ وَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَىٰهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَـٰكَهَا لِكَىْ لَا يَكُونَ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِىٓ أَزْوَٰجِ أَدْعِيَآئِهِمْ إِذَا قَضَوْا۟ مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ ٱللَّهِ مَفْعُولًا
Transliteration wa-idh taqūlu lilladhī anʿama l-lahu ʿalayhi wa-anʿamta ʿalayhi amsik ʿalayka zawjaka wa-ittaqi l-laha watukh'fī fī nafsika mā l-lahu mub'dīhi watakhshā l-nāsa wal-lahu aḥaqqu an takhshāhu falammā qaḍā zaydun min'hā waṭaran zawwajnākahā likay lā yakūna ʿalā l-mu'minīna ḥarajun fī azwāji adʿiyāihim idhā qaḍaw min'hunna waṭaran wakāna amru l-lahi mafʿūlan
Uyghur ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ.
Verse 38
مَّا كَانَ عَلَى ٱلنَّبِىِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ ٱللَّهُ لَهُۥ ۖ سُنَّةَ ٱللَّهِ فِى ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ ٱللَّهِ قَدَرًا مَّقْدُورًا
Transliteration mā kāna ʿalā l-nabiyi min ḥarajin fīmā faraḍa l-lahu lahu sunnata l-lahi fī alladhīna khalaw min qablu wakāna amru l-lahi qadaran maqdūran
Uyghur ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر.
Verse 39
ٱلَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَـٰلَـٰتِ ٱللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُۥ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا ٱللَّهَ ۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبًا
Transliteration alladhīna yuballighūna risālāti l-lahi wayakhshawnahu walā yakhshawna aḥadan illā l-laha wakafā bil-lahi ḥasīban
Uyghur ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر.
Verse 40
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَآ أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَـٰكِن رَّسُولَ ٱللَّهِ وَخَاتَمَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًا
Transliteration mā kāna muḥammadun abā aḥadin min rijālikum walākin rasūla l-lahi wakhātama l-nabiyīna wakāna l-lahu bikulli shayin ʿalīman
Uyghur مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس).
Verse 41
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū udh'kurū l-laha dhik'ran kathīran
Uyghur ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار.
Verse 42
وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
Transliteration wasabbiḥūhu buk'ratan wa-aṣīlan
Uyghur ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ).
Verse 43
هُوَ ٱلَّذِى يُصَلِّى عَلَيْكُمْ وَمَلَـٰٓئِكَتُهُۥ لِيُخْرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَـٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ ۚ وَكَانَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا
Transliteration huwa alladhī yuṣallī ʿalaykum wamalāikatuhu liyukh'rijakum mina l-ẓulumāti ilā l-nūri wakāna bil-mu'minīna raḥīman
Uyghur ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 44
تَحِيَّتُهُمْ يَوْمَ يَلْقَوْنَهُۥ سَلَـٰمٌ ۚ وَأَعَدَّ لَهُمْ أَجْرًا كَرِيمًا
Transliteration taḥiyyatuhum yawma yalqawnahu salāmun wa-aʿadda lahum ajran karīman
Uyghur ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام، (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.
Verse 45
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ شَـٰهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
Transliteration yāayyuhā l-nabiyu innā arsalnāka shāhidan wamubashiran wanadhīran
Uyghur ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].
Verse 46
وَدَاعِيًا إِلَى ٱللَّهِ بِإِذْنِهِۦ وَسِرَاجًا مُّنِيرًا
Transliteration wadāʿiyan ilā l-lahi bi-idh'nihi wasirājan munīran
Uyghur ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].
Verse 47
وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ بِأَنَّ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَضْلًا كَبِيرًا
Transliteration wabashiri l-mu'minīna bi-anna lahum mina l-lahi faḍlan kabīran
Uyghur مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن.
Verse 48
وَلَا تُطِعِ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَدَعْ أَذَىٰهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلًا
Transliteration walā tuṭiʿi l-kāfirīna wal-munāfiqīna wadaʿ adhāhum watawakkal ʿalā l-lahi wakafā bil-lahi wakīlan
Uyghur كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار ـ كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر.
Verse 49
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا نَكَحْتُمُ ٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ثُمَّ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِن قَبْلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمْ عَلَيْهِنَّ مِنْ عِدَّةٍ تَعْتَدُّونَهَا ۖ فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحًا جَمِيلًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū idhā nakaḥtumu l-mu'mināti thumma ṭallaqtumūhunna min qabli an tamassūhunna famā lakum ʿalayhinna min ʿiddatin taʿtaddūnahā famattiʿūhunna wasarriḥūhunna sarāḥan jamīlan
Uyghur ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۆمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۈتماسلىقى كېرەك، ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار.
Verse 50
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ إِنَّآ أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَٰجَكَ ٱلَّـٰتِىٓ ءَاتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّـٰتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَـٰلَـٰتِكَ ٱلَّـٰتِى هَاجَرْنَ مَعَكَ وَٱمْرَأَةً مُّؤْمِنَةً إِن وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِىِّ إِنْ أَرَادَ ٱلنَّبِىُّ أَن يَسْتَنكِحَهَا خَالِصَةً لَّكَ مِن دُونِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِىٓ أَزْوَٰجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
Transliteration yāayyuhā l-nabiyu innā aḥlalnā laka azwājaka allātī ātayta ujūrahunna wamā malakat yamīnuka mimmā afāa l-lahu ʿalayka wabanāti ʿammika wabanāti ʿammātika wabanāti khālika wabanāti khālātika allātī hājarna maʿaka wa-im'ra-atan mu'minatan in wahabat nafsahā lilnnabiyyi in arāda l-nabiyu an yastankiḥahā khāliṣatan laka min dūni l-mu'minīna qad ʿalim'nā mā faraḍnā ʿalayhim fī azwājihim wamā malakat aymānuhum likaylā yakūna ʿalayka ḥarajun wakāna l-lahu ghafūran raḥīman
Uyghur ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 51
۞ تُرْجِى مَن تَشَآءُ مِنْهُنَّ وَتُـْٔوِىٓ إِلَيْكَ مَن تَشَآءُ ۖ وَمَنِ ٱبْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَن تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَآ ءَاتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِى قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
Transliteration tur'jī man tashāu min'hunna watu'wī ilayka man tashāu wamani ib'taghayta mimman ʿazalta falā junāḥa ʿalayka dhālika adnā an taqarra aʿyunuhunna walā yaḥzanna wayarḍayna bimā ātaytahunna kulluhunna wal-lahu yaʿlamu mā fī qulūbikum wakāna l-lahu ʿalīman ḥalīman
Uyghur ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ).
Verse 52
لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعْدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَٰجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ رَّقِيبًا
Transliteration lā yaḥillu laka l-nisāu min baʿdu walā an tabaddala bihinna min azwājin walaw aʿjabaka ḥus'nuhunna illā mā malakat yamīnuka wakāna l-lahu ʿalā kulli shayin raqīban
Uyghur (ئى پەيغەمبەر! ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا) يەنە خوتۇن ئالساڭ، ساڭا ھالال بولمايدۇ، باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى جەلپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاياللىرىڭنى قويۇۋېتىپ ئۇلارنى ئەمرىڭگە ئېلىش (ساڭا ھالال بولمايدۇ). پەقەت سېنىڭ ئىلكىڭدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 53
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَدْخُلُوا۟ بُيُوتَ ٱلنَّبِىِّ إِلَّآ أَن يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَـٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَـٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَٱدْخُلُوا۟ فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَٱنتَشِرُوا۟ وَلَا مُسْتَـْٔنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِى ٱلنَّبِىَّ فَيَسْتَحْىِۦ مِنكُمْ ۖ وَٱللَّهُ لَا يَسْتَحْىِۦ مِنَ ٱلْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَـٰعًا فَسْـَٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَن تُؤْذُوا۟ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓا۟ أَزْوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعْدِهِۦٓ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū lā tadkhulū buyūta l-nabiyi illā an yu'dhana lakum ilā ṭaʿāmin ghayra nāẓirīna ināhu walākin idhā duʿītum fa-ud'khulū fa-idhā ṭaʿim'tum fa-intashirū walā mus'tanisīna liḥadīthin inna dhālikum kāna yu'dhī l-nabiya fayastaḥyī minkum wal-lahu lā yastaḥyī mina l-ḥaqi wa-idhā sa-altumūhunna matāʿan fasalūhunna min warāi ḥijābin dhālikum aṭharu liqulūbikum waqulūbihinna wamā kāna lakum an tu'dhū rasūla l-lahi walā an tankiḥū azwājahu min baʿdihi abadan inna dhālikum kāna ʿinda l-lahi ʿaẓīman
Uyghur ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر.
Verse 54
إِن تُبْدُوا۟ شَيْـًٔا أَوْ تُخْفُوهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمًا
Transliteration in tub'dū shayan aw tukh'fūhu fa-inna l-laha kāna bikulli shayin ʿalīman
Uyghur بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلىساڭلارمۇ، يا (دىلىڭلاردا) يوشۇرساڭلارمۇ (ئاللاھ ھامان بىلىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
Verse 55
لَّا جُنَاحَ عَلَيْهِنَّ فِىٓ ءَابَآئِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآئِهِنَّ وَلَآ إِخْوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآءِ إِخْوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبْنَآءِ أَخَوَٰتِهِنَّ وَلَا نِسَآئِهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتْ أَيْمَـٰنُهُنَّ ۗ وَٱتَّقِينَ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ شَهِيدًا
Transliteration lā junāḥa ʿalayhinna fī ābāihinna walā abnāihinna walā ikh'wānihinna walā abnāi ikh'wānihinna walā abnāi akhawātihinna walā nisāihinna walā mā malakat aymānuhunna wa-ittaqīna l-laha inna l-laha kāna ʿalā kulli shayin shahīdan
Uyghur ئۇلارغا (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا) ئاتىلىرى بىلەن، ئوغۇللىرى بىلەن، قېرىنداشلىرى بىلەن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن، مۆمىن ئاياللار بىلەن، قۇل، چۆرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھېچ گۇناھ ئەمەس، (ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى!) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 56
إِنَّ ٱللَّهَ وَمَلَـٰٓئِكَتَهُۥ يُصَلُّونَ عَلَى ٱلنَّبِىِّ ۚ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ صَلُّوا۟ عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا۟ تَسْلِيمًا
Transliteration inna l-laha wamalāikatahu yuṣallūna ʿalā l-nabiyi yāayyuhā alladhīna āmanū ṣallū ʿalayhi wasallimū taslīman
Uyghur ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت قىلىدۇ، شەنىنى ئۇلۇغ قىلىدۇ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ)، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرگە) مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار (چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققى چوڭدۇر، ئۇ سىلەرنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغۇچىدۇر).
Verse 57
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فِى ٱلدُّنْيَا وَٱلْـَٔاخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُّهِينًا
Transliteration inna alladhīna yu'dhūna l-laha warasūlahu laʿanahumu l-lahu fī l-dun'yā wal-ākhirati wa-aʿadda lahum ʿadhāban muhīnan
Uyghur ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ.
Verse 58
وَٱلَّذِينَ يُؤْذُونَ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ بِغَيْرِ مَا ٱكْتَسَبُوا۟ فَقَدِ ٱحْتَمَلُوا۟ بُهْتَـٰنًا وَإِثْمًا مُّبِينًا
Transliteration wa-alladhīna yu'dhūna l-mu'minīna wal-mu'mināti bighayri mā ik'tasabū faqadi iḥ'tamalū buh'tānan wa-ith'man mubīnan
Uyghur مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.
Verse 59
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِىُّ قُل لِّأَزْوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلْمُؤْمِنِينَ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِن جَلَـٰبِيبِهِنَّ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰٓ أَن يُعْرَفْنَ فَلَا يُؤْذَيْنَ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
Transliteration yāayyuhā l-nabiyu qul li-azwājika wabanātika wanisāi l-mu'minīna yud'nīna ʿalayhinna min jalābībihinna dhālika adnā an yuʿ'rafna falā yu'dhayna wakāna l-lahu ghafūran raḥīman
Uyghur ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ ـ دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 60
۞ لَّئِن لَّمْ يَنتَهِ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِى قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَٱلْمُرْجِفُونَ فِى ٱلْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَآ إِلَّا قَلِيلًا
Transliteration la-in lam yantahi l-munāfiqūna wa-alladhīna fī qulūbihim maraḍun wal-mur'jifūna fī l-madīnati lanugh'riyannaka bihim thumma lā yujāwirūnaka fīhā illā qalīlan
Uyghur ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].
Verse 61
مَّلْعُونِينَ ۖ أَيْنَمَا ثُقِفُوٓا۟ أُخِذُوا۟ وَقُتِّلُوا۟ تَقْتِيلًا
Transliteration malʿūnīna aynamā thuqifū ukhidhū waquttilū taqtīlan
Uyghur ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].
Verse 62
سُنَّةَ ٱللَّهِ فِى ٱلَّذِينَ خَلَوْا۟ مِن قَبْلُ ۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبْدِيلًا
Transliteration sunnata l-lahi fī alladhīna khalaw min qablu walan tajida lisunnati l-lahi tabdīlan
Uyghur بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن.
Verse 63
يَسْـَٔلُكَ ٱلنَّاسُ عَنِ ٱلسَّاعَةِ ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِندَ ٱللَّهِ ۚ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
Transliteration yasaluka l-nāsu ʿani l-sāʿati qul innamā ʿil'muhā ʿinda l-lahi wamā yud'rīka laʿalla l-sāʿata takūnu qarīban
Uyghur كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
Verse 64
إِنَّ ٱللَّهَ لَعَنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمْ سَعِيرًا
Transliteration inna l-laha laʿana l-kāfirīna wa-aʿadda lahum saʿīran
Uyghur ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.
Verse 65
خَـٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا ۖ لَّا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
Transliteration khālidīna fīhā abadan lā yajidūna waliyyan walā naṣīran
Uyghur ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق (ئۇلارنى قوغدايدىغان) دوست ۋە (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمچى تاپالمايدۇ.
Verse 66
يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِى ٱلنَّارِ يَقُولُونَ يَـٰلَيْتَنَآ أَطَعْنَا ٱللَّهَ وَأَطَعْنَا ٱلرَّسُولَا۠
Transliteration yawma tuqallabu wujūhuhum fī l-nāri yaqūlūna yālaytanā aṭaʿnā l-laha wa-aṭaʿnā l-rasūlā
Uyghur دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ.
Verse 67
وَقَالُوا۟ رَبَّنَآ إِنَّآ أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَآءَنَا فَأَضَلُّونَا ٱلسَّبِيلَا۠
Transliteration waqālū rabbanā innā aṭaʿnā sādatanā wakubarāanā fa-aḍallūnā l-sabīlā
Uyghur ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
Verse 68
رَبَّنَآ ءَاتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ ٱلْعَذَابِ وَٱلْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا
Transliteration rabbanā ātihim ḍiʿ'fayni mina l-ʿadhābi wal-ʿanhum laʿnan kabīran
Uyghur ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
Verse 69
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ ءَاذَوْا۟ مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ ٱللَّهُ مِمَّا قَالُوا۟ ۚ وَكَانَ عِندَ ٱللَّهِ وَجِيهًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū lā takūnū ka-alladhīna ādhaw mūsā fabarra-ahu l-lahu mimmā qālū wakāna ʿinda l-lahi wajīhan
Uyghur ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى.
Verse 70
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَقُولُوا۟ قَوْلًا سَدِيدًا
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū ittaqū l-laha waqūlū qawlan sadīdan
Uyghur ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار.
Verse 71
يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَـٰلَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا
Transliteration yuṣ'liḥ lakum aʿmālakum wayaghfir lakum dhunūbakum waman yuṭiʿi l-laha warasūlahu faqad fāza fawzan ʿaẓīman
Uyghur ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.
Verse 72
إِنَّا عَرَضْنَا ٱلْأَمَانَةَ عَلَى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَٱلْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا ٱلْإِنسَـٰنُ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
Transliteration innā ʿaraḍnā l-amānata ʿalā l-samāwāti wal-arḍi wal-jibāli fa-abayna an yaḥmil'nahā wa-ashfaqna min'hā waḥamalahā l-insānu innahu kāna ẓalūman jahūlan
Uyghur شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر.
Verse 73
لِّيُعَذِّبَ ٱللَّهُ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ وَٱلْمُنَـٰفِقَـٰتِ وَٱلْمُشْرِكِينَ وَٱلْمُشْرِكَـٰتِ وَيَتُوبَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًۢا
Transliteration liyuʿadhiba l-lahu l-munāfiqīna wal-munāfiqāti wal-mush'rikīna wal-mush'rikāti wayatūba l-lahu ʿalā l-mu'minīna wal-mu'mināti wakāna l-lahu ghafūran raḥīman
Uyghur (مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Read Surah Al-Ahzab in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.