MyDugsiStart learning

Surah An-Naml in Uyghur: translation and audio

Surah 27 · النمل · The Ant · 93 verses

Surah An-Naml verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah An-Naml word by word in English.

Verse 1

طسٓ ۚ تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْقُرْءَانِ وَكِتَابٍ مُّبِينٍ

Transliteration tta-seen til'ka āyātu l-qur'āni wakitābin mubīnin

Uyghur تا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر.

Verse 2

هُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ

Transliteration hudan wabush'rā lil'mu'minīna

Uyghur مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇشخەۋەردۇر.

Verse 3

ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤْتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلْـَٔاخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ

Transliteration alladhīna yuqīmūna l-ṣalata wayu'tūna l-zakata wahum bil-ākhirati hum yūqinūna

Uyghur (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ.

Verse 4

إِنَّ ٱلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِٱلْـَٔاخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمْ أَعْمَـٰلَهُمْ فَهُمْ يَعْمَهُونَ

Transliteration inna alladhīna lā yu'minūna bil-ākhirati zayyannā lahum aʿmālahum fahum yaʿmahūna

Uyghur ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار (گۇمراھلىقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.

Verse 5

أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ لَهُمْ سُوٓءُ ٱلْعَذَابِ وَهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ هُمُ ٱلْأَخْسَرُونَ

Transliteration ulāika alladhīna lahum sūu l-ʿadhābi wahum fī l-ākhirati humu l-akhsarūna

Uyghur ئۇلار (دۇنيادا) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

Verse 6

وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى ٱلْقُرْءَانَ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ عَلِيمٍ

Transliteration wa-innaka latulaqqā l-qur'āna min ladun ḥakīmin ʿalīmin

Uyghur ساڭا قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ.

Verse 7

إِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهْلِهِۦٓ إِنِّىٓ ءَانَسْتُ نَارًا سَـَٔاتِيكُم مِّنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ ءَاتِيكُم بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَّعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ

Transliteration idh qāla mūsā li-ahlihi innī ānastu nāran saātīkum min'hā bikhabarin aw ātīkum bishihābin qabasin laʿallakum taṣṭalūna

Uyghur ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ ئىسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى.

Verse 8

فَلَمَّا جَآءَهَا نُودِىَ أَنۢ بُورِكَ مَن فِى ٱلنَّارِ وَمَنْ حَوْلَهَا وَسُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration falammā jāahā nūdiya an būrika man fī l-nāri waman ḥawlahā wasub'ḥāna l-lahi rabbi l-ʿālamīna

Uyghur مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئاللاھ ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىنى ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى مۇبارەك قىلدى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ پاكتۇر.

Verse 9

يَـٰمُوسَىٰٓ إِنَّهُۥٓ أَنَا ٱللَّهُ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ

Transliteration yāmūsā innahu anā l-lahu l-ʿazīzu l-ḥakīmu

Uyghur ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن.

Verse 10

وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَءَاهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَآنٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَـٰمُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّى لَا يَخَافُ لَدَىَّ ٱلْمُرْسَلُونَ

Transliteration wa-alqi ʿaṣāka falammā raāhā tahtazzu ka-annahā jānnun wallā mud'biran walam yuʿaqqib yāmūsā lā takhaf innī lā yakhāfu ladayya l-mur'salūna

Uyghur ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ.

Verse 11

إِلَّا مَن ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسْنًۢا بَعْدَ سُوٓءٍ فَإِنِّى غَفُورٌ رَّحِيمٌ

Transliteration illā man ẓalama thumma baddala ḥus'nan baʿda sūin fa-innī ghafūrun raḥīmun

Uyghur لېكىن كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، ئاندىن يامان ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەلگە ئۆزگەرتسە، مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن، ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن.

Verse 12

وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِى جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَآءَ مِنْ غَيْرِ سُوٓءٍ ۖ فِى تِسْعِ ءَايَـٰتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِۦٓ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ قَوْمًا فَـٰسِقِينَ

Transliteration wa-adkhil yadaka fī jaybika takhruj bayḍāa min ghayri sūin fī tis'ʿi āyātin ilā fir'ʿawna waqawmihi innahum kānū qawman fāsiqīna

Uyghur قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى ».

Verse 13

فَلَمَّا جَآءَتْهُمْ ءَايَـٰتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوا۟ هَـٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ

Transliteration falammā jāathum āyātunā mub'ṣiratan qālū hādhā siḥ'run mubīnun

Uyghur ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى.

Verse 14

وَجَحَدُوا۟ بِهَا وَٱسْتَيْقَنَتْهَآ أَنفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُفْسِدِينَ

Transliteration wajaḥadū bihā wa-is'tayqanathā anfusuhum ẓul'man waʿuluwwan fa-unẓur kayfa kāna ʿāqibatu l-muf'sidīna

Uyghur ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن.

Verse 15

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا دَاوُۥدَ وَسُلَيْمَـٰنَ عِلْمًا ۖ وَقَالَا ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ ٱلَّذِى فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٍ مِّنْ عِبَادِهِ ٱلْمُؤْمِنِينَ

Transliteration walaqad ātaynā dāwūda wasulaymāna ʿil'man waqālā l-ḥamdu lillahi alladhī faḍḍalanā ʿalā kathīrin min ʿibādihi l-mu'minīna

Uyghur بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!».

Verse 16

وَوَرِثَ سُلَيْمَـٰنُ دَاوُۥدَ ۖ وَقَالَ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ عُلِّمْنَا مَنطِقَ ٱلطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِن كُلِّ شَىْءٍ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْفَضْلُ ٱلْمُبِينُ

Transliteration wawaritha sulaymānu dāwūda waqāla yāayyuhā l-nāsu ʿullim'nā manṭiqa l-ṭayri waūtīnā min kulli shayin inna hādhā lahuwa l-faḍlu l-mubīnu

Uyghur سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى.

Verse 17

وَحُشِرَ لِسُلَيْمَـٰنَ جُنُودُهُۥ مِنَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ وَٱلطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ

Transliteration waḥushira lisulaymāna junūduhu mina l-jini wal-insi wal-ṭayri fahum yūzaʿūna

Uyghur سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

Verse 18

حَتَّىٰٓ إِذَآ أَتَوْا۟ عَلَىٰ وَادِ ٱلنَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّمْلُ ٱدْخُلُوا۟ مَسَـٰكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَـٰنُ وَجُنُودُهُۥ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ

Transliteration ḥattā idhā ataw ʿalā wādi l-namli qālat namlatun yāayyuhā l-namlu ud'khulū masākinakum lā yaḥṭimannakum sulaymānu wajunūduhu wahum lā yashʿurūna

Uyghur ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن».

Verse 19

فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِّن قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِىٓ أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ ٱلَّتِىٓ أَنْعَمْتَ عَلَىَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَىَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَـٰلِحًا تَرْضَىٰهُ وَأَدْخِلْنِى بِرَحْمَتِكَ فِى عِبَادِكَ ٱلصَّـٰلِحِينَ

Transliteration fatabassama ḍāḥikan min qawlihā waqāla rabbi awziʿ'nī an ashkura niʿ'mataka allatī anʿamta ʿalayya waʿalā wālidayya wa-an aʿmala ṣāliḥan tarḍāhu wa-adkhil'nī biraḥmatika fī ʿibādika l-ṣāliḥīna

Uyghur سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».

Verse 20

وَتَفَقَّدَ ٱلطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِىَ لَآ أَرَى ٱلْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ ٱلْغَآئِبِينَ

Transliteration watafaqqada l-ṭayra faqāla mā liya lā arā l-hud'huda am kāna mina l-ghāibīna

Uyghur ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ.

Verse 21

لَأُعَذِّبَنَّهُۥ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَا۟ذْبَحَنَّهُۥٓ أَوْ لَيَأْتِيَنِّى بِسُلْطَـٰنٍ مُّبِينٍ

Transliteration la-uʿadhibannahu ʿadhāban shadīdan aw laādh'baḥannahu aw layatiyannī bisul'ṭānin mubīnin

Uyghur ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ».

Verse 22

فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِۦ وَجِئْتُكَ مِن سَبَإٍۭ بِنَبَإٍ يَقِينٍ

Transliteration famakatha ghayra baʿīdin faqāla aḥaṭtu bimā lam tuḥiṭ bihi waji'tuka min saba-in binaba-in yaqīnin

Uyghur ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.

Verse 23

إِنِّى وَجَدتُّ ٱمْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِن كُلِّ شَىْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ

Transliteration innī wajadttu im'ra-atan tamlikuhum waūtiyat min kulli shayin walahā ʿarshun ʿaẓīmun

Uyghur مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ تەختكە ئىگە ئىكەن.

Verse 24

وَجَدتُّهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيْطَـٰنُ أَعْمَـٰلَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ ٱلسَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ

Transliteration wajadttuhā waqawmahā yasjudūna lilshamsi min dūni l-lahi wazayyana lahumu l-shayṭānu aʿmālahum faṣaddahum ʿani l-sabīli fahum lā yahtadūna

Uyghur ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى ئاللاھنى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ.

Verse 25

أَلَّا يَسْجُدُوا۟ لِلَّهِ ٱلَّذِى يُخْرِجُ ٱلْخَبْءَ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ

Transliteration allā yasjudū lillahi alladhī yukh'riju l-khaba-a fī l-samāwāti wal-arḍi wayaʿlamu mā tukh'fūna wamā tuʿ'linūna

Uyghur ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايدۇ.

Verse 26

ٱللَّهُ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ ٱلْعَرْشِ ٱلْعَظِيمِ ۩

Transliteration al-lahu lā ilāha illā huwa rabbu l-ʿarshi l-ʿaẓīmi

Uyghur ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر».

Verse 27

۞ قَالَ سَنَنظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ

Transliteration qāla sananẓuru aṣadaqta am kunta mina l-kādhibīna

Uyghur سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز.

Verse 28

ٱذْهَب بِّكِتَـٰبِى هَـٰذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَٱنظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ

Transliteration idh'hab bikitābī hādhā fa-alqih ilayhim thumma tawalla ʿanhum fa-unẓur mādhā yarjiʿūna

Uyghur بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن».

Verse 29

قَالَتْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ إِنِّىٓ أُلْقِىَ إِلَىَّ كِتَـٰبٌ كَرِيمٌ

Transliteration qālat yāayyuhā l-mala-u innī ul'qiya ilayya kitābun karīmun

Uyghur ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى.

Verse 30

إِنَّهُۥ مِن سُلَيْمَـٰنَ وَإِنَّهُۥ بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

Transliteration innahu min sulaymāna wa-innahu bis'mi l-lahi l-raḥmāni l-raḥīmi

Uyghur (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[ـ30].

Verse 31

أَلَّا تَعْلُوا۟ عَلَىَّ وَأْتُونِى مُسْلِمِينَ

Transliteration allā taʿlū ʿalayya watūnī mus'limīna

Uyghur سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار».

Verse 32

قَالَتْ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ أَفْتُونِى فِىٓ أَمْرِى مَا كُنتُ قَاطِعَةً أَمْرًا حَتَّىٰ تَشْهَدُونِ

Transliteration qālat yāayyuhā l-mala-u aftūnī fī amrī mā kuntu qāṭiʿatan amran ḥattā tashhadūni

Uyghur ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق».

Verse 33

قَالُوا۟ نَحْنُ أُو۟لُوا۟ قُوَّةٍ وَأُو۟لُوا۟ بَأْسٍ شَدِيدٍ وَٱلْأَمْرُ إِلَيْكِ فَٱنظُرِى مَاذَا تَأْمُرِينَ

Transliteration qālū naḥnu ulū quwwatin wa-ulū basin shadīdin wal-amru ilayki fa-unẓurī mādhā tamurīna

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ) كۆرگىن».

Verse 34

قَالَتْ إِنَّ ٱلْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا۟ قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوٓا۟ أَعِزَّةَ أَهْلِهَآ أَذِلَّةً ۖ وَكَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ

Transliteration qālat inna l-mulūka idhā dakhalū qaryatan afsadūhā wajaʿalū aʿizzata ahlihā adhillatan wakadhālika yafʿalūna

Uyghur ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

Verse 35

وَإِنِّى مُرْسِلَةٌ إِلَيْهِم بِهَدِيَّةٍ فَنَاظِرَةٌۢ بِمَ يَرْجِعُ ٱلْمُرْسَلُونَ

Transliteration wa-innī mur'silatun ilayhim bihadiyyatin fanāẓiratun bima yarjiʿu l-mur'salūna

Uyghur مەن چوقۇم ئۇلارغا سوۋغا ئەۋەتىمەن، ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن».

Verse 36

فَلَمَّا جَآءَ سُلَيْمَـٰنَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٍ فَمَآ ءَاتَىٰنِۦَ ٱللَّهُ خَيْرٌ مِّمَّآ ءَاتَىٰكُم بَلْ أَنتُم بِهَدِيَّتِكُمْ تَفْرَحُونَ

Transliteration falammā jāa sulaymāna qāla atumiddūnani bimālin famā ātāniya l-lahu khayrun mimmā ātākum bal antum bihadiyyatikum tafraḥūna

Uyghur ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوۋغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر.

Verse 37

ٱرْجِعْ إِلَيْهِمْ فَلَنَأْتِيَنَّهُم بِجُنُودٍ لَّا قِبَلَ لَهُم بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُم مِّنْهَآ أَذِلَّةً وَهُمْ صَـٰغِرُونَ

Transliteration ir'jiʿ ilayhim falanatiyannahum bijunūdin lā qibala lahum bihā walanukh'rijannahum min'hā adhillatan wahum ṣāghirūna

Uyghur سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز».

Verse 38

قَالَ يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْمَلَؤُا۟ أَيُّكُمْ يَأْتِينِى بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَن يَأْتُونِى مُسْلِمِينَ

Transliteration qāla yāayyuhā l-mala-u ayyukum yatīnī biʿarshihā qabla an yatūnī mus'limīna

Uyghur سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ».

Verse 39

قَالَ عِفْرِيتٌ مِّنَ ٱلْجِنِّ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبْلَ أَن تَقُومَ مِن مَّقَامِكَ ۖ وَإِنِّى عَلَيْهِ لَقَوِىٌّ أَمِينٌ

Transliteration qāla ʿif'rītun mina l-jini anā ātīka bihi qabla an taqūma min maqāmika wa-innī ʿalayhi laqawiyyun amīnun

Uyghur جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن».

Verse 40

قَالَ ٱلَّذِى عِندَهُۥ عِلْمٌ مِّنَ ٱلْكِتَـٰبِ أَنَا۠ ءَاتِيكَ بِهِۦ قَبْلَ أَن يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَءَاهُ مُسْتَقِرًّا عِندَهُۥ قَالَ هَـٰذَا مِن فَضْلِ رَبِّى لِيَبْلُوَنِىٓ ءَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَن شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّى غَنِىٌّ كَرِيمٌ

Transliteration qāla alladhī ʿindahu ʿil'mun mina l-kitābi anā ātīka bihi qabla an yartadda ilayka ṭarfuka falammā raāhu mus'taqirran ʿindahu qāla hādhā min faḍli rabbī liyabluwanī a-ashkuru am akfuru waman shakara fa-innamā yashkuru linafsihi waman kafara fa-inna rabbī ghaniyyun karīmun

Uyghur (نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى.

Verse 41

قَالَ نَكِّرُوا۟ لَهَا عَرْشَهَا نَنظُرْ أَتَهْتَدِىٓ أَمْ تَكُونُ مِنَ ٱلَّذِينَ لَا يَهْتَدُونَ

Transliteration qāla nakkirū lahā ʿarshahā nanẓur atahtadī am takūnu mina alladhīna lā yahtadūna

Uyghur سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ؟ قارايمىز».

Verse 42

فَلَمَّا جَآءَتْ قِيلَ أَهَـٰكَذَا عَرْشُكِ ۖ قَالَتْ كَأَنَّهُۥ هُوَ ۚ وَأُوتِينَا ٱلْعِلْمَ مِن قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِينَ

Transliteration falammā jāat qīla ahākadhā ʿarshuki qālat ka-annahu huwa waūtīnā l-ʿil'ma min qablihā wakunnā mus'limīna

Uyghur بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق.

Verse 43

وَصَدَّهَا مَا كَانَت تَّعْبُدُ مِن دُونِ ٱللَّهِ ۖ إِنَّهَا كَانَتْ مِن قَوْمٍ كَـٰفِرِينَ

Transliteration waṣaddahā mā kānat taʿbudu min dūni l-lahi innahā kānat min qawmin kāfirīna

Uyghur ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) توستى. چۈنكى ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى.

Verse 44

قِيلَ لَهَا ٱدْخُلِى ٱلصَّرْحَ ۖ فَلَمَّا رَأَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَكَشَفَتْ عَن سَاقَيْهَا ۚ قَالَ إِنَّهُۥ صَرْحٌ مُّمَرَّدٌ مِّن قَوَارِيرَ ۗ قَالَتْ رَبِّ إِنِّى ظَلَمْتُ نَفْسِى وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَـٰنَ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ

Transliteration qīla lahā ud'khulī l-ṣarḥa falammā ra-athu ḥasibathu lujjatan wakashafat ʿan sāqayhā qāla innahu ṣarḥun mumarradun min qawārīra qālat rabbi innī ẓalamtu nafsī wa-aslamtu maʿa sulaymāna lillahi rabbi l-ʿālamīna

Uyghur ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)».

Verse 45

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَآ إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَـٰلِحًا أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ فَإِذَا هُمْ فَرِيقَانِ يَخْتَصِمُونَ

Transliteration walaqad arsalnā ilā thamūda akhāhum ṣāliḥan ani uʿ'budū l-laha fa-idhā hum farīqāni yakhtaṣimūna

Uyghur بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى.

Verse 46

قَالَ يَـٰقَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِٱلسَّيِّئَةِ قَبْلَ ٱلْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ

Transliteration qāla yāqawmi lima tastaʿjilūna bil-sayi-ati qabla l-ḥasanati lawlā tastaghfirūna l-laha laʿallakum tur'ḥamūna

Uyghur سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»

Verse 47

قَالُوا۟ ٱطَّيَّرْنَا بِكَ وَبِمَن مَّعَكَ ۚ قَالَ طَـٰٓئِرُكُمْ عِندَ ٱللَّهِ ۖ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُونَ

Transliteration qālū iṭṭayyarnā bika wabiman maʿaka qāla ṭāirukum ʿinda l-lahi bal antum qawmun tuf'tanūna

Uyghur ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى -يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ».

Verse 48

وَكَانَ فِى ٱلْمَدِينَةِ تِسْعَةُ رَهْطٍ يُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ

Transliteration wakāna fī l-madīnati tis'ʿatu rahṭin yuf'sidūna fī l-arḍi walā yuṣ'liḥūna

Uyghur شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى.

Verse 49

قَالُوا۟ تَقَاسَمُوا۟ بِٱللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُۥ وَأَهْلَهُۥ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِۦ مَا شَهِدْنَا مَهْلِكَ أَهْلِهِۦ وَإِنَّا لَصَـٰدِقُونَ

Transliteration qālū taqāsamū bil-lahi lanubayyitannahu wa-ahlahu thumma lanaqūlanna liwaliyyihi mā shahid'nā mahlika ahlihi wa-innā laṣādiqūna

Uyghur ئۇلار: «ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى».

Verse 50

وَمَكَرُوا۟ مَكْرًا وَمَكَرْنَا مَكْرًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ

Transliteration wamakarū makran wamakarnā makran wahum lā yashʿurūna

Uyghur ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن)سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق.

Verse 51

فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ مَكْرِهِمْ أَنَّا دَمَّرْنَـٰهُمْ وَقَوْمَهُمْ أَجْمَعِينَ

Transliteration fa-unẓur kayfa kāna ʿāqibatu makrihim annā dammarnāhum waqawmahum ajmaʿīna

Uyghur ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق.

Verse 52

فَتِلْكَ بُيُوتُهُمْ خَاوِيَةًۢ بِمَا ظَلَمُوٓا۟ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةً لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ

Transliteration fatil'ka buyūtuhum khāwiyatan bimā ẓalamū inna fī dhālika laāyatan liqawmin yaʿlamūna

Uyghur ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار.

Verse 53

وَأَنجَيْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَكَانُوا۟ يَتَّقُونَ

Transliteration wa-anjaynā alladhīna āmanū wakānū yattaqūna

Uyghur (سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق.

Verse 54

وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِۦٓ أَتَأْتُونَ ٱلْفَـٰحِشَةَ وَأَنتُمْ تُبْصِرُونَ

Transliteration walūṭan idh qāla liqawmihi atatūna l-fāḥishata wa-antum tub'ṣirūna

Uyghur (لۇتنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟

Verse 55

أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ ٱلرِّجَالَ شَهْوَةً مِّن دُونِ ٱلنِّسَآءِ ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ

Transliteration a-innakum latatūna l-rijāla shahwatan min dūni l-nisāi bal antum qawmun tajhalūna

Uyghur سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر».

Verse 56

۞ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓا۟ أَخْرِجُوٓا۟ ءَالَ لُوطٍ مِّن قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ

Transliteration famā kāna jawāba qawmihi illā an qālū akhrijū āla lūṭin min qaryatikum innahum unāsun yataṭahharūna

Uyghur ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.

Verse 57

فَأَنجَيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ إِلَّا ٱمْرَأَتَهُۥ قَدَّرْنَـٰهَا مِنَ ٱلْغَـٰبِرِينَ

Transliteration fa-anjaynāhu wa-ahlahu illā im'ra-atahu qaddarnāhā mina l-ghābirīna

Uyghur بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى سالىھنىڭ خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق.

Verse 58

وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا ۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلْمُنذَرِينَ

Transliteration wa-amṭarnā ʿalayhim maṭaran fasāa maṭaru l-mundharīna

Uyghur ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان!.

Verse 59

قُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ وَسَلَـٰمٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ ٱلَّذِينَ ٱصْطَفَىٰٓ ۗ ءَآللَّهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ

Transliteration quli l-ḥamdu lillahi wasalāmun ʿalā ʿibādihi alladhīna iṣ'ṭafā āllahu khayrun ammā yush'rikūna

Uyghur «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟.

Verse 60

أَمَّنْ خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَأَنزَلَ لَكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءً فَأَنۢبَتْنَا بِهِۦ حَدَآئِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَّا كَانَ لَكُمْ أَن تُنۢبِتُوا۟ شَجَرَهَآ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ

Transliteration amman khalaqa l-samāwāti wal-arḍa wa-anzala lakum mina l-samāi māan fa-anbatnā bihi ḥadāiqa dhāta bahjatin mā kāna lakum an tunbitū shajarahā a-ilāhun maʿa l-lahi bal hum qawmun yaʿdilūna

Uyghur ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر.

Verse 61

أَمَّن جَعَلَ ٱلْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَـٰلَهَآ أَنْهَـٰرًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَٰسِىَ وَجَعَلَ بَيْنَ ٱلْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

Transliteration amman jaʿala l-arḍa qarāran wajaʿala khilālahā anhāran wajaʿala lahā rawāsiya wajaʿala bayna l-baḥrayni ḥājizan a-ilāhun maʿa l-lahi bal aktharuhum lā yaʿlamūna

Uyghur زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.

Verse 62

أَمَّن يُجِيبُ ٱلْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ ٱلسُّوٓءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَآءَ ٱلْأَرْضِ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ

Transliteration amman yujību l-muḍ'ṭara idhā daʿāhu wayakshifu l-sūa wayajʿalukum khulafāa l-arḍi a-ilāhun maʿa l-lahi qalīlan mā tadhakkarūna

Uyghur بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر.

Verse 63

أَمَّن يَهْدِيكُمْ فِى ظُلُمَـٰتِ ٱلْبَرِّ وَٱلْبَحْرِ وَمَن يُرْسِلُ ٱلرِّيَـٰحَ بُشْرًۢا بَيْنَ يَدَىْ رَحْمَتِهِۦٓ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ تَعَـٰلَى ٱللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ

Transliteration amman yahdīkum fī ẓulumāti l-bari wal-baḥri waman yur'silu l-riyāḥa bush'ran bayna yaday raḥmatihi a-ilāhun maʿa l-lahi taʿālā l-lahu ʿammā yush'rikūna

Uyghur قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.

Verse 64

أَمَّن يَبْدَؤُا۟ ٱلْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَمَن يَرْزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ ۗ أَءِلَـٰهٌ مَّعَ ٱللَّهِ ۚ قُلْ هَاتُوا۟ بُرْهَـٰنَكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ

Transliteration amman yabda-u l-khalqa thumma yuʿīduhu waman yarzuqukum mina l-samāi wal-arḍi a-ilāhun maʿa l-lahi qul hātū bur'hānakum in kuntum ṣādiqīna

Uyghur (ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار».

Verse 65

قُل لَّا يَعْلَمُ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ٱلْغَيْبَ إِلَّا ٱللَّهُ ۚ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ

Transliteration qul lā yaʿlamu man fī l-samāwāti wal-arḍi l-ghayba illā l-lahu wamā yashʿurūna ayyāna yub'ʿathūna

Uyghur ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ.

Verse 66

بَلِ ٱدَّٰرَكَ عِلْمُهُمْ فِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۚ بَلْ هُمْ فِى شَكٍّ مِّنْهَا ۖ بَلْ هُم مِّنْهَا عَمُونَ

Transliteration bali iddāraka ʿil'muhum fī l-ākhirati bal hum fī shakkin min'hā bal hum min'hā ʿamūna

Uyghur ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر.

Verse 67

وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا وَءَابَآؤُنَآ أَئِنَّا لَمُخْرَجُونَ

Transliteration waqāla alladhīna kafarū a-idhā kunnā turāban waābāunā a-innā lamukh'rajūna

Uyghur كاپىرلار (يەنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مەككە مۇشرىكلىرى) ئېيتتى: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (قەبرىمىزدىن تىرىلىپ) چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟

Verse 68

لَقَدْ وُعِدْنَا هَـٰذَا نَحْنُ وَءَابَآؤُنَا مِن قَبْلُ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّآ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ

Transliteration laqad wuʿid'nā hādhā naḥnu waābāunā min qablu in hādhā illā asāṭīru l-awalīna

Uyghur ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا ئىلگىرى (قايتا تىرىلىش) ۋەدە قىلىنغان ئىدى. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسەلىرىدۇر».

Verse 69

قُلْ سِيرُوا۟ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱنظُرُوا۟ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُجْرِمِينَ

Transliteration qul sīrū fī l-arḍi fa-unẓurū kayfa kāna ʿāqibatu l-muj'rimīna

Uyghur سەن (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىن: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» (ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكى كۇففارلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن كېيىنكى كۇففارلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ).

Verse 70

وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُن فِى ضَيْقٍ مِّمَّا يَمْكُرُونَ

Transliteration walā taḥzan ʿalayhim walā takun fī ḍayqin mimmā yamkurūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن (ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ).

Verse 71

وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَـٰذَا ٱلْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ

Transliteration wayaqūlūna matā hādhā l-waʿdu in kuntum ṣādiqīna

Uyghur ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دېيىشىدۇ.

Verse 72

قُلْ عَسَىٰٓ أَن يَكُونَ رَدِفَ لَكُم بَعْضُ ٱلَّذِى تَسْتَعْجِلُونَ

Transliteration qul ʿasā an yakūna radifa lakum baʿḍu alladhī tastaʿjilūna

Uyghur «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن .

Verse 73

وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ

Transliteration wa-inna rabbaka ladhū faḍlin ʿalā l-nāsi walākinna aktharahum lā yashkurūna

Uyghur ەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (پەرۋەردىگارىغا) شۈكۈر قىلمايدۇ.

Verse 74

وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ

Transliteration wa-inna rabbaka layaʿlamu mā tukinnu ṣudūruhum wamā yuʿ'linūna

Uyghur پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئاداۋىتىنى ۋە سۇيىقەستىنى) شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇ.

Verse 75

وَمَا مِنْ غَآئِبَةٍ فِى ٱلسَّمَآءِ وَٱلْأَرْضِ إِلَّا فِى كِتَـٰبٍ مُّبِينٍ

Transliteration wamā min ghāibatin fī l-samāi wal-arḍi illā fī kitābin mubīnin

Uyghur ئاسمان - زېمىندا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق.

Verse 76

إِنَّ هَـٰذَا ٱلْقُرْءَانَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ أَكْثَرَ ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ

Transliteration inna hādhā l-qur'āna yaquṣṣu ʿalā banī is'rāīla akthara alladhī hum fīhi yakhtalifūna

Uyghur (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Verse 77

وَإِنَّهُۥ لَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ

Transliteration wa-innahu lahudan waraḥmatun lil'mu'minīna

Uyghur قۇرئان مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.

Verse 78

إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِى بَيْنَهُم بِحُكْمِهِۦ ۚ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْعَلِيمُ

Transliteration inna rabbaka yaqḍī baynahum biḥuk'mihi wahuwa l-ʿazīzu l-ʿalīmu

Uyghur شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى) بىلگۈچىدۇر.

Verse 79

فَتَوَكَّلْ عَلَى ٱللَّهِ ۖ إِنَّكَ عَلَى ٱلْحَقِّ ٱلْمُبِينِ

Transliteration fatawakkal ʿalā l-lahi innaka ʿalā l-ḥaqi l-mubīni

Uyghur ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) ئۈستىدەدۇرسەن.

Verse 80

إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ ٱلْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوْا۟ مُدْبِرِينَ

Transliteration innaka lā tus'miʿu l-mawtā walā tus'miʿu l-ṣuma l-duʿāa idhā wallaw mud'birīna

Uyghur سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.

Verse 81

وَمَآ أَنتَ بِهَـٰدِى ٱلْعُمْىِ عَن ضَلَـٰلَتِهِمْ ۖ إِن تُسْمِعُ إِلَّا مَن يُؤْمِنُ بِـَٔايَـٰتِنَا فَهُم مُّسْلِمُونَ

Transliteration wamā anta bihādī l-ʿum'yi ʿan ḍalālatihim in tus'miʿu illā man yu'minu biāyātinā fahum mus'limūna

Uyghur سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن.

Verse 82

۞ وَإِذَا وَقَعَ ٱلْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَآبَّةً مِّنَ ٱلْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ ٱلنَّاسَ كَانُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا لَا يُوقِنُونَ

Transliteration wa-idhā waqaʿa l-qawlu ʿalayhim akhrajnā lahum dābbatan mina l-arḍi tukallimuhum anna l-nāsa kānū biāyātinā lā yūqinūna

Uyghur ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.

Verse 83

وَيَوْمَ نَحْشُرُ مِن كُلِّ أُمَّةٍ فَوْجًا مِّمَّن يُكَذِّبُ بِـَٔايَـٰتِنَا فَهُمْ يُوزَعُونَ

Transliteration wayawma naḥshuru min kulli ummatin fawjan mimman yukadhibu biāyātinā fahum yūzaʿūna

Uyghur ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى ـ كەينى يىغىلغىچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.

Verse 84

حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُو قَالَ أَكَذَّبْتُم بِـَٔايَـٰتِى وَلَمْ تُحِيطُوا۟ بِهَا عِلْمًا أَمَّاذَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Transliteration ḥattā idhā jāū qāla akadhabtum biāyātī walam tuḥīṭū bihā ʿil'man ammādhā kuntum taʿmalūna

Uyghur ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ[84

Verse 85

وَوَقَعَ ٱلْقَوْلُ عَلَيْهِم بِمَا ظَلَمُوا۟ فَهُمْ لَا يَنطِقُونَ

Transliteration wawaqaʿa l-qawlu ʿalayhim bimā ẓalamū fahum lā yanṭiqūna

Uyghur ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ.

Verse 86

أَلَمْ يَرَوْا۟ أَنَّا جَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِيَسْكُنُوا۟ فِيهِ وَٱلنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ

Transliteration alam yaraw annā jaʿalnā al-layla liyaskunū fīhi wal-nahāra mub'ṣiran inna fī dhālika laāyātin liqawmin yu'minūna

Uyghur ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.

Verse 87

وَيَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَفَزِعَ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَن فِى ٱلْأَرْضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُ ۚ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَٰخِرِينَ

Transliteration wayawma yunfakhu fī l-ṣūri fafaziʿa man fī l-samāwāti waman fī l-arḍi illā man shāa l-lahu wakullun atawhu dākhirīna

Uyghur ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ.

Verse 88

وَتَرَى ٱلْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَهِىَ تَمُرُّ مَرَّ ٱلسَّحَابِ ۚ صُنْعَ ٱللَّهِ ٱلَّذِىٓ أَتْقَنَ كُلَّ شَىْءٍ ۚ إِنَّهُۥ خَبِيرٌۢ بِمَا تَفْعَلُونَ

Transliteration watarā l-jibāla taḥsabuhā jāmidatan wahiya tamurru marra l-saḥābi ṣun'ʿa l-lahi alladhī atqana kulla shayin innahu khabīrun bimā tafʿalūna

Uyghur تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.

Verse 89

مَن جَآءَ بِٱلْحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيْرٌ مِّنْهَا وَهُم مِّن فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ ءَامِنُونَ

Transliteration man jāa bil-ḥasanati falahu khayrun min'hā wahum min fazaʿin yawma-idhin āminūna

Uyghur ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ.

Verse 90

وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِى ٱلنَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ

Transliteration waman jāa bil-sayi-ati fakubbat wujūhuhum fī l-nāri hal tuj'zawna illā mā kuntum taʿmalūna

Uyghur يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر.

Verse 91

إِنَّمَآ أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ رَبَّ هَـٰذِهِ ٱلْبَلْدَةِ ٱلَّذِى حَرَّمَهَا وَلَهُۥ كُلُّ شَىْءٍ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ ٱلْمُسْلِمِينَ

Transliteration innamā umir'tu an aʿbuda rabba hādhihi l-baldati alladhī ḥarramahā walahu kullu shayin wa-umir'tu an akūna mina l-mus'limīna

Uyghur (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].

Verse 92

وَأَنْ أَتْلُوَا۟ ٱلْقُرْءَانَ ۖ فَمَنِ ٱهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِى لِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَن ضَلَّ فَقُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُنذِرِينَ

Transliteration wa-an atluwā l-qur'āna famani ih'tadā fa-innamā yahtadī linafsihi waman ḍalla faqul innamā anā mina l-mundhirīna

Uyghur (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].

Verse 93

وَقُلِ ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمْ ءَايَـٰتِهِۦ فَتَعْرِفُونَهَا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ

Transliteration waquli l-ḥamdu lillahi sayurīkum āyātihi fataʿrifūnahā wamā rabbuka bighāfilin ʿammā taʿmalūna

Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى (تونۇش پايدا بەرمەيدىغان چاغدا) تونۇيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر.

Read Surah An-Naml in another language

All languages

All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.

Learn it in MyDugsi

Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.