Surah Al-Hujurat in Uyghur: translation and audio
Surah 49 · الحجرات · The Rooms · 18 verses
Surah Al-Hujurat verse by verse: the Arabic with a recitation you can repeat, the transliteration, and the Uyghur translation by Muhammad Saleh. For the meaning of every word, see Surah Al-Hujurat word by word in English.
Verse 1
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُقَدِّمُوا۟ بَيْنَ يَدَىِ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū lā tuqaddimū bayna yadayi l-lahi warasūlihi wa-ittaqū l-laha inna l-laha samīʿun ʿalīmun
Uyghur ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
Verse 2
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَرْفَعُوٓا۟ أَصْوَٰتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ ٱلنَّبِىِّ وَلَا تَجْهَرُوا۟ لَهُۥ بِٱلْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَن تَحْبَطَ أَعْمَـٰلُكُمْ وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū lā tarfaʿū aṣwātakum fawqa ṣawti l-nabiyi walā tajharū lahu bil-qawli kajahri baʿḍikum libaʿḍin an taḥbaṭa aʿmālukum wa-antum lā tashʿurūna
Uyghur ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
Verse 3
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَٰتَهُمْ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱمْتَحَنَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
Transliteration inna alladhīna yaghuḍḍūna aṣwātahum ʿinda rasūli l-lahi ulāika alladhīna im'taḥana l-lahu qulūbahum lilttaqwā lahum maghfiratun wa-ajrun ʿaẓīmun
Uyghur شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ.
Verse 4
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِن وَرَآءِ ٱلْحُجُرَٰتِ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
Transliteration inna alladhīna yunādūnaka min warāi l-ḥujurāti aktharuhum lā yaʿqilūna
Uyghur شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر.
Verse 5
وَلَوْ أَنَّهُمْ صَبَرُوا۟ حَتَّىٰ تَخْرُجَ إِلَيْهِمْ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ ۚ وَٱللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
Transliteration walaw annahum ṣabarū ḥattā takhruja ilayhim lakāna khayran lahum wal-lahu ghafūrun raḥīmun
Uyghur سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 6
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن جَآءَكُمْ فَاسِقٌۢ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوٓا۟ أَن تُصِيبُوا۟ قَوْمًۢا بِجَهَـٰلَةٍ فَتُصْبِحُوا۟ عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَـٰدِمِينَ
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū in jāakum fāsiqun binaba-in fatabayyanū an tuṣībū qawman bijahālatin fatuṣ'biḥū ʿalā mā faʿaltum nādimīna
Uyghur ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار.
Verse 7
وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ فِيكُمْ رَسُولَ ٱللَّهِ ۚ لَوْ يُطِيعُكُمْ فِى كَثِيرٍ مِّنَ ٱلْأَمْرِ لَعَنِتُّمْ وَلَـٰكِنَّ ٱللَّهَ حَبَّبَ إِلَيْكُمُ ٱلْإِيمَـٰنَ وَزَيَّنَهُۥ فِى قُلُوبِكُمْ وَكَرَّهَ إِلَيْكُمُ ٱلْكُفْرَ وَٱلْفُسُوقَ وَٱلْعِصْيَانَ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلرَّٰشِدُونَ
Transliteration wa-iʿ'lamū anna fīkum rasūla l-lahi law yuṭīʿukum fī kathīrin mina l-amri laʿanittum walākinna l-laha ḥabbaba ilaykumu l-īmāna wazayyanahu fī qulūbikum wakarraha ilaykumu l-kuf'ra wal-fusūqa wal-ʿiṣ'yāna ulāika humu l-rāshidūna
Uyghur بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7ـ8].
Verse 8
فَضْلًا مِّنَ ٱللَّهِ وَنِعْمَةً ۚ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
Transliteration faḍlan mina l-lahi waniʿ'matan wal-lahu ʿalīmun ḥakīmun
Uyghur بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[7ـ8].
Verse 9
وَإِن طَآئِفَتَانِ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ٱقْتَتَلُوا۟ فَأَصْلِحُوا۟ بَيْنَهُمَا ۖ فَإِنۢ بَغَتْ إِحْدَىٰهُمَا عَلَى ٱلْأُخْرَىٰ فَقَـٰتِلُوا۟ ٱلَّتِى تَبْغِى حَتَّىٰ تَفِىٓءَ إِلَىٰٓ أَمْرِ ٱللَّهِ ۚ فَإِن فَآءَتْ فَأَصْلِحُوا۟ بَيْنَهُمَا بِٱلْعَدْلِ وَأَقْسِطُوٓا۟ ۖ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلْمُقْسِطِينَ
Transliteration wa-in ṭāifatāni mina l-mu'minīna iq'tatalū fa-aṣliḥū baynahumā fa-in baghat iḥ'dāhumā ʿalā l-ukh'rā faqātilū allatī tabghī ḥattā tafīa ilā amri l-lahi fa-in fāat fa-aṣliḥū baynahumā bil-ʿadli wa-aqsiṭū inna l-laha yuḥibbu l-muq'siṭīna
Uyghur ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ.
Verse 10
إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا۟ بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
Transliteration innamā l-mu'minūna ikh'watun fa-aṣliḥū bayna akhawaykum wa-ittaqū l-laha laʿallakum tur'ḥamūna
Uyghur مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.
Verse 11
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِّن قَوْمٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُونُوا۟ خَيْرًا مِّنْهُمْ وَلَا نِسَآءٌ مِّن نِّسَآءٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُنَّ خَيْرًا مِّنْهُنَّ ۖ وَلَا تَلْمِزُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا۟ بِٱلْأَلْقَـٰبِ ۖ بِئْسَ ٱلِٱسْمُ ٱلْفُسُوقُ بَعْدَ ٱلْإِيمَـٰنِ ۚ وَمَن لَّمْ يَتُبْ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū lā yaskhar qawmun min qawmin ʿasā an yakūnū khayran min'hum walā nisāon min nisāin ʿasā an yakunna khayran min'hunna walā talmizū anfusakum walā tanābazū bil-alqābi bi'sa l-s'mu l-fusūqu baʿda l-īmāni waman lam yatub fa-ulāika humu l-ẓālimūna
Uyghur ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر.
Verse 12
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱجْتَنِبُوا۟ كَثِيرًا مِّنَ ٱلظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ ٱلظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا۟ وَلَا يَغْتَب بَّعْضُكُم بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَن يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٌ رَّحِيمٌ
Transliteration yāayyuhā alladhīna āmanū ij'tanibū kathīran mina l-ẓani inna baʿḍa l-ẓani ith'mun walā tajassasū walā yaghtab baʿḍukum baʿḍan ayuḥibbu aḥadukum an yakula laḥma akhīhi maytan fakarih'tumūhu wa-ittaqū l-laha inna l-laha tawwābun raḥīmun
Uyghur ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 13
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَـٰكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَىٰ وَجَعَلْنَـٰكُمْ شُعُوبًا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓا۟ ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ ٱللَّهِ أَتْقَىٰكُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
Transliteration yāayyuhā l-nāsu innā khalaqnākum min dhakarin wa-unthā wajaʿalnākum shuʿūban waqabāila litaʿārafū inna akramakum ʿinda l-lahi atqākum inna l-laha ʿalīmun khabīrun
Uyghur ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.
Verse 14
۞ قَالَتِ ٱلْأَعْرَابُ ءَامَنَّا ۖ قُل لَّمْ تُؤْمِنُوا۟ وَلَـٰكِن قُولُوٓا۟ أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ ٱلْإِيمَـٰنُ فِى قُلُوبِكُمْ ۖ وَإِن تُطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَا يَلِتْكُم مِّنْ أَعْمَـٰلِكُمْ شَيْـًٔا ۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
Transliteration qālati l-aʿrābu āmannā qul lam tu'minū walākin qūlū aslamnā walammā yadkhuli l-īmānu fī qulūbikum wa-in tuṭīʿū l-laha warasūlahu lā yalit'kum min aʿmālikum shayan inna l-laha ghafūrun raḥīmun
Uyghur ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋەلېكىن سىلەر، بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.
Verse 15
إِنَّمَا ٱلْمُؤْمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا۟ وَجَـٰهَدُوا۟ بِأَمْوَٰلِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّـٰدِقُونَ
Transliteration innamā l-mu'minūna alladhīna āmanū bil-lahi warasūlihi thumma lam yartābū wajāhadū bi-amwālihim wa-anfusihim fī sabīli l-lahi ulāika humu l-ṣādiqūna
Uyghur شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر».
Verse 16
قُلْ أَتُعَلِّمُونَ ٱللَّهَ بِدِينِكُمْ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۚ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَىْءٍ عَلِيمٌ
Transliteration qul atuʿallimūna l-laha bidīnikum wal-lahu yaʿlamu mā fī l-samāwāti wamā fī l-arḍi wal-lahu bikulli shayin ʿalīmun
Uyghur (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر».
Verse 17
يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا۟ ۖ قُل لَّا تَمُنُّوا۟ عَلَىَّ إِسْلَـٰمَكُم ۖ بَلِ ٱللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَىٰكُمْ لِلْإِيمَـٰنِ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ
Transliteration yamunnūna ʿalayka an aslamū qul lā tamunnū ʿalayya is'lāmakum bali l-lahu yamunnu ʿalaykum an hadākum lil'īmāni in kuntum ṣādiqīna
Uyghur ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار» دېگىن.
Verse 18
إِنَّ ٱللَّهَ يَعْلَمُ غَيْبَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَٱللَّهُ بَصِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ
Transliteration inna l-laha yaʿlamu ghayba l-samāwāti wal-arḍi wal-lahu baṣīrun bimā taʿmalūna
Uyghur ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
Read Surah Al-Hujurat in another language
- English (word by word)
- Albanian
- Amazigh
- Amharic
- Assamese
- Azerbaijani
- Bambara
- Bangla
- Bosnian
- Bulgarian
- Chechen
- Chinese
- Czech
- Dari
- Dhivehi
- Dutch
- Finnish
- French
- German
- Gujarati
- Hausa
- Hebrew
- Hindi
- Indonesian
- Italian
- Japanese
- Kannada
- Kazakh
- Khmer
- Kinyarwanda
- Korean
- Kurdish
- Luganda
- Malay
- Malayalam
- Maranao
- Marathi
- Nepali
- Norwegian
- Oromo
- Pashto
- Persian
- Polish
- Portuguese
- Romanian
- Russian
- Sindhi
- Sinhala
- Somali
- Spanish
- Swahili
- Swedish
- Tagalog
- Tajik
- Tamil
- Tatar
- Telugu
- Thai
- Turkish
- Ukrainian
- Urdu
- Uzbek
- Vietnamese
- Yao
- Yoruba
All 114 surahs in Uyghur: the Qur’an in Uyghur.
Uyghur translation: Muhammad Saleh, from Quran.com. Transliteration: Quran.com. Recitation: Mishary Alafasy, from EveryAyah.com. MyDugsi is a learning aid, not a replacement for a qualified teacher.